قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ موڭغۇل، مانجۇ ۋە شىبەلەر ئارىسىدا قوللىنىلىشى

رەخمىتۇللا ھەسەن

مۇھىم مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى خەنزۇچە تارىخىي ئەسەرلەردىكى ئالاقىدار خاتىرىلەرگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مىلادىيە 10- ئەسىردىن بۈگۈنگىچە، غەربتە ئالتاي تاغ تىزمىلىرىدىن شەرقتە لياۋخې دەرياسى ۋادىسىغىچە بولغان دائىرىدە ياشىغان موڭغۇل، مانجۇ ۋە شىبەلەر ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلغانلقى، موڭغۇل، مانجۇ، شىبە يېزىقلىرىنڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مەنبەلىك مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايان قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەر قوللىنىش

نۆۋەتتە مەملىكەت- ئىچى سىرتىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردىن قارىغاندا، بۇ يېزىق تەخمىنەن مىلادىيە 8- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، يەنى ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچۈشتىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە باشلىغان، لېكىن ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىنكى ئىش.① قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدىلار ئىشلەتكەن سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان، يەنى ئۇيغۇرلار سوغدىلار بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا تەدرىجىي بۇ خىل يېزىقنى قوللانغان. ”قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى“ دېگەن نامنى ئەڭ دەسلەپ موڭغۇللار تىلغا ئالغان ھەمدە بۇ يېزىق ئارقىلىق موڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كېڭىيىپ ئەتراپقا تونۇلۇشقا باشلىغان②. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىر خىل ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، يىل دەۋرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ھەر قايسى دەۋرلەردە ھەرپلەرنىڭ سانىمۇ پەرقلەنگەن. ئاۋۋال 18 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان③. كېيىنچە كەڭ كۆلەملىك قوللىنىلىشقا ئەگىشىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئاخىرىدا 23 ھەرپكە تەرەققىي قىلغان. 23 ھەرپنىڭ ئىچىدە 5 ھەرپ 8 سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلىگەن، 18 ھەرپ 21 ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلىگەن. ھەرپلەرنىڭ يېزىلىشى باش ھەرپ، ئوتتۇرا ھەرپ ۋە ئاياغ ھەرپ بويىچە ئايرىلغان. دەسلەپتە ئوڭدىن سولغا قارىتىپ توغرىسىغا يېزىلغان. كېيىن سولدىن ئوڭغا قارىتىپ تىك يېزىلىدىغان بولغان.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوللىنىلىشچانلىققا، كەڭ ئىجتىمائىي تەسىرىگە ئىگە بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. تۆۋەندە مەن ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىش ئارقىلىق، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ موڭغۇل، مانجۇ ۋە شىبەلەر ئارىسىدا قوللىنىلىشى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

1. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ موڭغۇللار ئارىسىدا قوللىنىلىشى

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ موڭغۇللارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. ھەممىگە مەلۇم، موڭغۇللار قۇملۇقنىڭ شىمالىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ئەسلىدىلا ئۆز يېزىقى يوق ئىدى.كېيىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەرپلىرى بىلەن ئۆز تىلىنى خاتىرىلەيدىغان بولغان. بۇ توغرىلىق « يۇەن سۇلالىسى تارىخى. تاتاتوڭئا تەزكىرىسى» دە:

«ئۇيغۇرلاردىن چىققان تاتاتوڭئا دېگەن ئادەم ناھايىتى ئەقىللىق ۋە سۆزمەن ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۆز ئېلىنىڭ يېزىقىنى ناھايىتى پۇختا بىلەتتى. نايمان خانى تايانخان ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئالتۇن مۆھۈرى ۋە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلغان. تەيزۇخان غەربكە يۈرۈش قىلىپ، نايمان ئېلىنى يوقاتقاندا، تاتاتوڭئا ئالتۇن مۆھۈرنى ئېلىپ قاچقان ھەمدە ئۇزاققا بارماي موڭغۇل قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ خاننىڭ ھوزۇرىغا يالاپ ئاپىرىلغان. خان ئۇنىڭدىن: ‹تايانخاننىڭ خەلقى زېمىنى پېقىرنىڭ ئىلكىگە ئۆتسە، سەن نېمىشقا ئالتۇن مۆھۈرنى ئېلىپ قاچىسەن؟› دەپ سورىغان. تاتاتوڭئا خانغا: ‹پېقىر خانغا سادىق ئادەممەن، مۆھۈرنى جېنىمنى تىكىپ قوغداپ، نايمان خانىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، بۇنىڭدىن ئۆزگە يەنە نېمە مەقسىتىم بولسۇن› دەپ جاۋاب بەرگەن. خان ئۇنىڭدىن: ‹ساداقەتمەن ئادەمكەنسەن! ئۇنداق بولسا قولۇڭدىكى مۆھۈر نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟› دەپ سورىغان. تاتاتوڭئا خانغا: ‹پۇل پىچەك، ئاشلىق كىرىم- چىقىم قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ، پەقەت مۆھۈر بېسىلسىلا كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ› دەپ جاۋاب بەرگەن. خان قايىل بولۇپ تاتاتوڭئاغا كەڭچىلىك قىلىپ ئوردىدا قالدۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ خاننىڭ يارلىقلىرىغا مۆھۈر بېسىلىدىغان بولغان، تاتاتوڭئا بۇ ئىشلارغا مەسئۇل بولغان. خان ئۇنىڭدىن: ‹ئۆز ئېلىڭنىڭ يېزىقىنى پىششىق بىلەمسەن› دەپ سورىغاندا، تاتاتوڭئا خان ئىپادىلىمەكچى بولغان بارلىق مەقسەت مۇددىئانى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئىپادىلەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن تەيزۇ (چىڭگىزخان) ئۇنىڭغا ئۆز ئوغۇللىرى ۋە باشقا موڭغۇل ۋاڭلىرىغا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىشكە يارلىق بەرگەنىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ، بۇ يېزىق موڭغۇللارنىڭ دۆلەت يېزىقى بولۇپ قالدى.»④ دېگەن مەلۇمات بار.

بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، موڭغۇللارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەرپلىرى بىلەن ئۆز تىلىنى خاتىرىلەش ئىشى 1204- يىلى چىڭگىزخان نايمانلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن بولغان. بۇ خىل يېزىق كېيىن« قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇل يېزىقى» دەپ ئاتالغان. بۇ موڭغۇللار ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلغان يېزىق، ھەمدە خانلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى دۆلەت يېزىقى ئىدى⑤.

uiguru[1]قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇل يېزىقى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا ئومۇملاشقان، خان پەرمان چۈشۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئاقسۆڭەك ياشلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلغان⑥. ھەر بىر موڭغۇل ئاقسۇڭىكى ئۆزىنى بىلىملىك ئادەم قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن شەخسى پۈتۈكچى ياللىغانىدى. 13- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ پۈتۈكچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلاردىن چىققان بولۇپ، ئۇلار موڭغۇل خانلىقىدىكى ھەرقايسى ئورگانلاردا غوللۇق خادىم ھېسابلانغان ھەمدە نۇرغۇن موڭغۇل زىيالىلىرىنى تەربىيىلىگەنىدى⑦. 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، موڭغۇللارغا ئەلچىلىككە كەلگەن لۇبىلۇك موڭغۇللارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە بايان قىلغان:

«ئۇيغۇرلار جەنۇب تەرەپتىكى تاغدا ياشايتتى، موڭغۇللار ئۇلارنىڭ يېزىقىنى ئىشلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق پۈتۈكچى ئەمەلدارلىرىغا ئايلانغان. بارلىق نېستورىيان مۇخلىسلىرى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ يېزىقىنى بىلەتتى».⑧

موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرغانلىقتىن، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئەينى چاغدىكى موڭغۇل جەمئىيىتىدە كەڭ قوللىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئوخشاش بىر يېزىق ھەم موڭغۇللارنىڭ ئادەت قانۇنى «جاساق» نى تۈزۈشتە ھەم موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت سالنامىسى «بۈيۈك چىڭگىزخان سالنامىسى» نى يېزىشتا ئىشلىتىلگەن. بۇ ئىككى بۈيۈك كىتاب خاننىڭ ئالتۇن خەزىنىسىدە ساقلىناتتى، خەزىنىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلار خان جەمەتى ئەزالىرىدىن باشقا، پەقەت «بۈيۈك سالنامە» نى ساقلاش شەرىپىگە ۋارىسلىق قىلغان بەزى ۋەزىرلەر ئىدى.⑨ موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى يەنە كۆپ قېتىم پەرمان چۈشۈرۈپ تۈرلۈك مۇراسىملاردا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. «چىڭشۆلو مەجمۇئەسى» نىڭ 7- جىلدىدا: «ئومۇمەن يارلىق ئېلان قىلىش، لەشكىرى ئىشلار يىغىنى قاتارلىق بارلىق مۇراسىملاردا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىلەتتى»⑩ دېيىلگەن. «يۇەن سۇلالىسى تارىخى. شىلاۋ تەزكىرىسى» دە: «خانلىقنىڭ تىلى پەقەت خەنزۇ يېزىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئارقىلىق ئىپادە قىلىناتتى.»⑪ دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خەلق ئارىسىدا قوللىنىلىشى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە چېتىلاتتى. بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان كۆپلىگەن دىنى(بۇددا دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى) دەستۇرلار، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ دەۋرگە تەئەللۇق.

بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ۋەسىقىلەر ئىچىدە نۇرغۇن مېتال، تاش،ياغاچ ئويمىلار ۋە قول يازمىلار بار بولۇپ، ھەممىسى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان. مەسىلەن، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇلچە- خەنزۇچە « ۋاپانامە» ۋە « جاڭيىڭ رۇيشەن قەبرە تېشى» قاتارلىقلار⑫، شۇنداقلا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، تەتقىقاتچىلار بېيجىڭنىڭ غەربىي شىمالىدىن 48 كىلومېتر يىراقلىقتىكى گۇەنگوۋشىيا جىلغىسىدا بايقىغان جۈيوڭگۇەن سوپىسى (1342- يىلى ياسالغان) دىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئويۇپ يېزىلغان قاپىيىداش ئەسەر «جيەنتا تۆھپىكارلار خاتىرىسى»⑬ بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. بۇلار يەنە يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەسىرىنىڭ بېيجىڭغىچە يېتىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇل يېزىقى يۇەن، مىڭ ئىككى سۇلالىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، 17- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن: بىر تارمىقى بۈگۈن ئېلىمىزدىكى موڭغۇللارنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان موڭغۇل يېزىقى؛ يەنە بىر تارمىقى شىنجاڭدىكى موڭغۇللار ئارىسىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان« تود موڭغۇل يېزىقى». بۇ توغرىلىق ۋىنگرېيىلىك د. كارا «موڭغۇللارنىڭ يېزىقى ۋە ئەسىرى» ناملىق كىتابىدا: «شەرقىي قىسىمدىكى موڭغۇللار بۈگۈنگىچە يەنىلا 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قوبۇل قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما تىلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى موڭغۇل يېزىقى بىلەن بۈگۈنكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇل يېزىقى تاشقى ئالاھىدىلىكى جەھەتتە يەنى تاۋۇشلارنى قوشۇپ ئوقۇش ئۇسۇلىدا پەرقلىنىدۇ. 17، 18- ئەسىرلەردە، گەرچە بىر قىسىم ئىسلاھاتلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرپلەرنىڭ ئاساسىي تىزىلىش قائىدىسىدە ئۆزگىرىش بولمىغان» دەپ يازىدۇ.⑭ دېمەك، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇل يېزىقى بۈگۈنگىچە قوللىنىلىپ كەلگەن.

يۇقىرىقى تارىخىي پاكىتلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ موڭغۇللار ئارىسىدا 1204- يىلىدىن بۈگۈنگىچە قوللىنىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

2. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مانجۇلار ئارىسىدا قوللىنىلىشى

16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، مانجۇلار موڭغۇل يېزىقى ھەرپلىرى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. مانجۇلارنىڭ ئەجدادى جورجىتلارنىڭ ئەسلىدىلا ئۆزىنىڭ يېزىقى يوق ئىدى. جورجىتلار كۈچەيگەندىن كېيىن، خوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىزچىل قىتان يېزىقىنى ئىشلىتىپ كەلگەن. لياۋتيەنچىڭنىڭ 5- يىلى(1115)، ئاگۇدا ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ جىن سۇلالىسىنى قۇرغاندا، ۋەنيەنشىيىننى جورجىت يېزىقىنى ئىشلەشكە بۇيرۇغان. ۋەنيەنشىيىن پەرمانغا بىنائەن، خەنزۇلارنىڭ كەيتى خەت شەكلىگە تەقلىد قىلىپ، قىتان يېزىقىنىڭ قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ، جورجىت تىلىنى خاتىرىلەيدىغان «جورجىت يېزىقى»نى ئىشلەپ چىققان⑮. يەنى جورجىت تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، خەنزۇلارنىڭ كەيتى خەت شەكلىگە تەقلىد قىلىپ، قىتان يېزىقىنىڭ تۈزىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، جورجىت يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. بۇ يېزىق تيەنفۇنىڭ 3- يىلى (1119) 8- ئايدا ئىشلەپ تاماملىنىپ، جىن تەيزۇنىڭ پەرمانى بىلەن يولغا قويۇلغان. جىن شىزوڭ تيەنجۇەننىڭ بىرىنچى يىلى (1138) غا كەلگەندە، يەنە بىرەيلەن يېڭى بىر خىل يېزىقنى ئىشلەپ چىققان ھەمدە يۇخۇاڭتوڭنىڭ 5- يىلى (1145) يولغا قويۇلغان، ئادەت بويىچە بۇ يېزىق « جورجىت كىچىك يېزىقى» دەپ ئاتالغان. ۋەنيەنشىيىن ئىشلەپ چىققان يېزىق « جورجىت چوڭ يېزىقى» دەپ ئاتالغان. بۇ ئىككى خىل يېزىق بىرلا ۋاقىتتا قوللىنىلغان. لېكىن جىن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىستېمالدىن قېلىپ، پەقەت شەرقىي شىمالدىكى ئاز سانلىق كىشىلەرلا قوللانغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن، پۈتۈنلەي يوقالغان.

15- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مانجۇلارنىڭ غەربتىكى قوشنىسى موڭغۇللار بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا موڭغۇللار باسپا يېزىقىنى تاشلاپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىۋاتقانىدى. ئەينى ۋاقىتتا مانجۇلارنىڭ موڭغۇللار بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق ئىدى، ئەمما مانجۇلارنىڭ يېزىقى بولمىغاچقا، ئالاقە ئىشلىرى موڭغۇل يېزىقى بىلەن خاتىرىلىنەتتى. بارلىق ئىشلاردا ئاۋۋال مانجۇ تىلىنى موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئاندىن قايتا موڭغۇل يېزىقى بىلەن خاتىرىلەيتتى. گەرچە موڭغۇل- مانجۇ تىللىرى ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە، گرامماتىكا جەھەتتىن يېقىن، مەنىداش ئاھاڭداش نۇرغۇن سۆزلەر بار بولسىمۇ، لېكىن ئىككىسى ئوخشىمايدىغان تىل تۈركۈمىگە، يەنى بىرى موڭغۇل تىل تۈركۈمىگە، يەنە بىرى توڭغۇس- مانجۇ تىل تۈركۈمىگە تەۋە بولغاچقا، مانجۇ تىلىنى موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئاندىن قايتا خاتىرىلىگەندە، نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلار كۆرۈلەتتى. يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتلار مانجۇلار باش كۆتىرىۋاتقان، دۆلەت كۈچى كۈچىيىۋاتقان چاغلار ئىدى، ئۆز يېزىقى بولمىسا سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىگە ماسلىشالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مىڭ ۋەنلىنىڭ 27- يىلى(1599) ، چىڭ تەيزۇ نۇرخاچ ئېردېنى ۋە گاگەي ئىككى كىشىگە موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقىنى ئىشلەش پەرمانىنى چۈشۈرگەن. بۇ توغرىلىق مۇنداق خاتىرە قالدۇرۇلغان:

«سىخەي يىلىنىڭ 2-ئېيىدا، تەيزۇ سۇلېبېيلې موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقىنى ئىشلەپ يولغا قويماقچى بولغان. لېكىن ئېردېنى، گاگەيلەر: ‹موڭغۇل يېزىقىنى بىز بىلىمىز، خەلق ئارىسىدا تارقالغىلى ئۇزۇن زامان بولدى، ئۇنىڭ خەت شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ› دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. خان: ‹خەنزۇلار خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئومۇمەن خەنزۇ يېزىقىنى بىلىدىغانلار ۋە بىلمەيدىغانلار بولسۇن ھەممىسى خەنزۇ تىلىنى چۈشىنىدۇ. موڭغۇللار موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدۇ، موڭغۇل يېزىقىنى بىلمەيدىغانلارمۇ موڭغۇل تىلىنى چۈشىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، خانلىقىمىزنىڭ تىلى موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ موڭغۇل يېزىقىدا ئوقۇلىۋاتسا، ئەلۋەتتە موڭغۇل تىلىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ-دە! نېمە ئۈچۈن خانلىقىمىزنىڭ تىلىدا يېزىق ئىشلەش قىيىن، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ تىلىدا يېزىق ئىشلەش ئاسان؟›دېگەن. ئېردېنى، گاگەيلەر: ‹خانلىقىمىزنىڭ تىلى بىلەن يېزىق ئىجاد قىلساق بەك ياخشى بولاتتى، لېكىن خەت شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى بىلمەيمىز، شۇڭا بۇ بەك تەس› دېگەن. خان: ‹تەس ئەمەس! 阿 خېتىنىڭ كەينىگە 玛 خېتىنى قوشساق ئاتا دېگەن سۆز بولمامدۇ؟ 鄂 خېتىنىڭ كەينىگە 墨 خېتىنى قوشساق ئانا دېگەن سۆز بولمامدۇ؟ پەقەت موڭغۇل يېزىقىنى مانجۇ تىل تاۋۇشلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ، خەتلەرنى باغلاپ جۈملە ھاسىل قىلساق، يېزىققا ئاساسەن مەنىنى بىلگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ. مەن ئاللىقاچان قارار چىقىرىپ بولدۇم، سىلەر بۇ يېڭى يېزىقنى يېزىشنى سىناپ بېقىڭلار، نېمىشقا بولمايدىكەن› دېگەن»⑯.

شۇنىڭ بىلەن ئېردېنى بىلەن گاگەي پەرمانغا بىنائەن موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا، ئوڭدىن باشلاپ تىك يېزىلىدىغان مانجۇ يېزىقىنى ئىشلەپ چىققان. تۇنجى ئىشلەنگەن مانجۇ يېزىقىغا ھېچقانداق بەلگىلەر ئىشلىتىلمىگەن، خەت شەكلى تۇراقسىز بولۇپ، كېيىنكى خەت بەلگىلىرى قويۇلغان مانجۇ يېزىقى بىلەن پەرقلەنگەچكە، «بەلگىسىز مانجۇ يېزىقى» ياكى« كونا مانجۇ يېزىقى» دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى چىڭ تەيزۇ دىڭۋېي يىلى(مىڭۋەنلىنىڭ 31- يىلى، مىلادى 1607- يىلى) دىن باشلاپ، چىڭ تەيزوڭنىڭ چوڭدې بىرىنچى يىلى(1636) غىچە بولغان ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن مۇھىم تارىخىي ئەسەر «مانجۇچە ھۆججەتلەر» دەل مۇشۇ يېزىقتا بايان قىلىنغانىدى.

كېيىن، ئىشلىتىش جەريانىدا، بۇ خىل تۇنجى ئىشلەنگەن مانجۇ يېزىقىدا ئوقۇش قىيىن بولۇشتەك ئېغىر يېتەرسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى بايقالغان. بۇ ھال ئۇنىڭ ئۆز- ئارا ئالاقىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن خان يەنە بىر داخەي ئىسىملىك كىشىگە بۇ يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرگەن. داخەي پەرمانغا بىنائەن 10 يىلدىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق، ھەرپلەرگە بەلگە قويۇش، بەزى ھەرپلەرنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، يېڭىدىن ھەرپ قوشۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ، خۇاڭتەيجى تيەنسوڭنىڭ 6- يىلى (1632- يىلى) ئىسلاھاتنى تاماملاپ، ئەسلىدىكى مانجۇ يېزىقىنى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان يېزىق قىلىپ ئىشلەپ چىققان. ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى مانجۇ يېزىقى « يېڭى مانجۇ يېزىقى» ياكى «بەلگىلىك مانجۇ يېزىقى» دەپ ئاتالغان.⑰

يېڭى مانجۇ يېزىقى مانجۇ تىلىنى بىر قەدەر توغرا ھالدا خاتىرىلىگەنىدى. چىڭ دەۋرىدە شۇنىڭدىن باشلاپ مۇشۇ يېزىقتىن پايدىلىنىپ ھۆججەتلەرنى يازغان، تارىخلارنى خاتىرىلىگەن، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان، خەنزۇچە كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. بولۇپمۇ چىڭ سۇلالىسى جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل يېزىق دۆلەت يېزىقى سۈپىتىدە خەنزۇ يېزىقى بىلەن بىرگە قوللىنىلىپ، تاغدەك دۆۋىلەنگەن ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى خاتىرىلەپ، چىڭ سۇلالىسى تارىخى، جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيالغا ئايلانغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بىر خىل مىللىي يېزىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى سۇلالە( يۇەن، چىڭ) دەۋرىدە قوللىنىلىشى، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش.⑱

مانجۇ يېزىقى جياچىڭ(1820-1795)، داۋگۇاڭ(1850-1820) دەۋرلىرىدىن كېيىن، خان ئوردىسىدا تەدرىجىي قوللىنىشتىن قالغان. 1911- يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، خەلق ئارىسىدىمۇ ئىستېمالدىن قالغان. لېكىن شىبەلەر داۋاملىق قوللىنىپ كەلگەن.

يۇقىرىقى تارىخىي پاكىتلار موڭغۇللار ئارقىلىق قوبۇل قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مانجۇلار ئارىسىدا 1599- يىلىدىن 1911- يىلغىچە قوللىنىلغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

3. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شىبەلەر ئارىسىدا قوللىنىلىشى

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەرپلىرى ئاساسىدىكى مانجۇ يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى يەنە بىۋاسىتە ھالدا شىبە يېزىقىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىبەلەر ئەسلىدىلا يېزىقى يوق بىر مىللەت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئەسلىدە خەيلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جالانتورو دەريا ۋادىسىدا ياشىغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ كېرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىگە تەۋە بولغان. مىڭ ۋەنلىنىڭ 21- يىلىدىكى 9 قەبىلە ئۇرۇشىدىن كېيىن، نورخاچنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، كېرچىن موڭغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە موڭغۇل سەككىز قوشۇنىغا قوشۇلغان. كاڭشىنىڭ 31- يىلى(1692) ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىبەلەرنى كېرچىن موڭغۇللىرىدىن ئايرىپ مانجۇ سەككىز قوشۇنىغا قوشۇپ، مورگېن، چىچىخار، بودۇنا (بۈگۈنكى جىلىننىڭ فۇيۈشەن ناھىيىسى)، ۋۇلا (بۈگۈنكى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىلىن شەھرى) قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېيلوڭجياڭ سانغۇنى ۋە جىلىن سانغۇنىغا تەۋە قىلغان. كاڭشىنىڭ 38- يىلى (1699) دىن 41- يىلى (1702) غىچە بولغان ئارىلىقتا ، يەنە شىبەلەرنى يۇقىرىقى جايلاردىن بىردەك كۆچۈرۈپ، پايتەختنىڭ ھەرقايسى سېپىللىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

شىبەلەرنىڭ تىلى مانجۇ تىلى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەچكە، شۇڭا مانجۇ سەككىز قوشۇنىغا قوشۇلغاندىن تارتىپ مانجۇ يېزىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، شىبەلەرنىڭ مانجۇ يېزىقىنى ئىشلىتىشى مانجۇ يېزىقى ئىجاد قىلىنىپ 96 يىلدىن كېيىنكى كاڭشىنىڭ 34- يىلى ( 1695) باشلانغان⑲. بۇ، شىبەلەرنىڭ شەرقىي شىمالدىكى چېغىدىلا مانجۇ يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

چيەنلوڭنىڭ 29- يىلى (1764)، بوز يەر ئېچىپ چېگرا ساقلاش ئۈچۈن، 3000 دىن ئارتۇق شىبە خەلقى ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادى دەل شىنجاڭنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى شىبە مىللىتى بولۇپ، 240 يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، ئۆز تىلىنى ئىزچىل ساقلاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن، 1947- يىلىغا كەلگەندە، مانجۇ يېزىقىنى شىبە يېزىقىغا تەرەققىي قىلدۇرغان.

ئۇنداقتا، ئىلىدىكى شىبەلەر قانداق قىلىپ مانجۇ يېزىقىنى شىبە يېزىقىغا تەرەققىي قىلدۇرالىدى؟ بۇنى 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى پارتلىغان ئىلى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 1946- يىلى، ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» شىبەلەرنىڭ ئۆز گېزىتىنى نەشر قىلىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن شىبەلەر ئۆزلىرى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان تىل يېزىقنى مانجۇ تىل يېزىقى دەپ ئاتاش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟ دېگەن ھەل قىلمىسا بولمايدىغان قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. كېيىن شىبەلەر ئىچىدىكى ئالاقىدار زاتلار مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئورتاق بىر قارارغا كەلگەن. قاراردا:

«پۈتكۈل مانجۇ مىللىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جياچىڭ داۋگۇاڭ خاندىن كېيىن، خان ئوردىسىدا مانجۇ تىل يېزىقى قوللىنىلمايدىغان ياكى ئاز قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئوردىدىكى ئەمەلدارلاردىن تارتىپ ئاددىي پۇخرالارغىچە بولغان پۈتكۈل مانجۇلار تىل جەھەتتىن خەنزۇلىشىشقا باشلىغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، مانجۇلارنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن مانجۇلار ئىسىم فامىلىسىنى يوشۇرۇپ، خەنزۇغا ئۆزگىرىۋالغان، ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ تىل يېزىقىنى قوللىنىدىغان بولغان. پەقەت شىبەلەر مانجۇ يېزىقىنى ساقلاپ بۈگۈنگىچە قوللىنىپ كەلگەن ھەمدە ئۆز تىل يېزىقى سۈپىتىدە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇنى قايتا مانجۇ يېزىقى دەپ ئاتاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە شىبە يېزىقى دەپ ئاتىساقلا بولىدۇ.» دېيىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ «شىبە يېزىقى» دېگەن سۆز ئوتتۇرىغا چىققان.⑳

1947- يىلى، ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» تۇرۇشلۇق غۇلجا شەھىرىدە «شىبە سولۇن مەدەنىيەت جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ، ۋۇجالا سالاچۈن قاتارلىق كونا بىر ئەۋلاد ئالىملار شىبەلەر ئۇزۇندىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان مانجۇ يېزىقى ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدا يولۇققان كونكرېت مەسىلىلەرنى خۇلاسىلەپ، مانجۇ يېزىقىغا قارىتا بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىملىق ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلانغان مانجۇ يېزىقى ھەقىقىي تۈردە شىبە يېزىقىغا ئايلانغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلەت مەزكۇر يېزىقنىڭ شىبەلەر قوللىنىدىغان يېزىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان(21). شىبەلەر بۇ يېزىقنى بۈگۈنگىچە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىزاھلار:

①نيۇرۇجى:« ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرى ۋە ھۆججەتلىرىدىن مۇقەددىمە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997- يىل خەنزۇچە نەشرى، 269- بەت.

②ياڭ فۇشۆ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2003- يىل خەنزۇچە نەشرى، 119- بەت.

③مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1- توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 8- بەت.

④« يۈەن سۇلالىسى تارىخى» 124- جىلد، « تاتاتوڭئا تەزكىرىسى»(خەنزۇچە)،3048- بەت.

⑤⑫ ۋۇيۈنبىلىك:« موڭغۇل تارىخى تېزىسلىرى»، ئىچكى موڭغۇل نەشرىياتى، 2007- يىل خەنزۇچە نەشرى،67- بەت.

⑨⑥ نېيتيەن يىنفېڭ (ياپونىيلىك) قاتارلىقلار تۈزگەن: « شىمالدىكى مىللەتلەر تارىخى ۋە موڭغۇللار تارىخى توغرىسىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەر توپلىمى»، بارتولىد (روسىيىلىك): « قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇنىڭ موڭغۇللارغا كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسى توغرىسىدا»، يۈننەن خەلق نەشرىياتى، 2003- يىل خەنزۇچە نەشرى، 459 – 460 – بەتلەر.

⑦⑭ د. كارا (ۋىنگېرىيەلىك) تۈزگەن: «موڭغۇللارنىڭ يېزىقى ۋە ئەسىرى»، ئىچكى موڭغۇل نەشرىياتى، 2007- يىل خەنزۇچە نەشرى، 13-، 25- بەتلەر.

⑧ د. كرىستوفېر: « 13- 14- ئەسىرلەردە موڭغۇلىيە ۋە جۇڭگودا دىن تارقاتقۇچى كاتولىك دىنى مىسسىئونېرلىرىنىڭ بايانى»، نيۇيورك، 1955- يىللىق ئېنگىلىزچە نەشرى، 142-بەت.

⑩ چېڭ جۈفۇ: « چېڭ شۆلوۋ مەجمۇئەسى» 7- جىلد، « ۋۇدۇ جوڭجيەن ۋاڭ ئابىدىسى»(خەنزۇچە).

⑪ « يۇەن سۇلالىسى تارىخى» 202- جىلد، «شىلاۋ تەزكىرىسى»(خەنزۇچە).

⑬ ياڭ فۇشۆ: «جۈيوڭگۇەندىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۆھپىكارلار خاتىرىسى‹uday› تەتقىقاتى»، «مىللەتلەر تىل يېزىقى» ژۇرنىلى(خەنزۇچە)،2003 – يىللىق 2- سان، 62- بەت.

⑮ «جىن سۇلالىسى تارىخى» (خەنزۇچە)73- جىلد.

⑯ «چىڭ سۇلالىسى تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار» (خەنزۇچە)24- جىلد.

⑰ جاڭ خۇڭ: « كونا مانجۇ يېزىقى ئىسلاھاتىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى توغرىسىدا»، « مانجۇ تىل تەتقىقاتى» ژۇرنىلى( خەنزۇچە)، 2006- يىللىق 2- سان.31- بەت

⑱ تيەن ۋېيجياڭ: «ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2006- يىللىق خەنزۇچە نەشرى، 201- بەت.

⑲⑳ شې تۇكىن: «شىبە يېزىقى ۋە مانجۇ يېزىقىنىڭ مەنبەلىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا»،« ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى» (خەنزۇچە)، 2006- يىللىق 4- سان، 38- بەت.

(21) يوڭجىجيەن: «شىبە تەتقىقاتىدىن توپلام» 2- بۆلۈم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005- يىللىق خەنزۇچە نەشرى، 259- بەت.

ئاپتور: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى 2006- يىللىق ماگىستېر ئاسپىرانتى

● بۇ يازما 932 قېتىم كۆرۈلدى ●

خەتكۈچلەر: ،
تەۋەلىك: * تىل-يېزىق
يېڭى تېمىلار
ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

تۈركچە 1- سىنىپ دەرسلىكى
ئۇيغۇرچە–تۈركچە مەسەللەر

ئۇيغۇرچە – تۈركچە مەسەللەر توپلىمى