سىنىڭ ئەبگالىقىڭدىن ئانا تىل خورلاندى!

تەكلىماكانىي

* ئانا تىل سۆزلىگۈچىنىڭ سالاھىىيىتىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ.

* ئانا تىلىنى يوقاتقان مىللەت تارىختىن غايىب بولىدۇ.

*ئانا تىل ھاياتلىق، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى.

* ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلىقىمىزنىڭ بىردىن بىر بەلگىسى.

***
تىلىمىز يېقىنقى زاماندىن بېرى ئەشەددى ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلدى، تىلىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇم مەدەنىيىتىمىز ۋە دېنىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمىدۇر بەلكى ئۆزىدۇر. ئۇيغۇر تىلىمىز مەدەنىيەت تىلى بولۇپلا قالماستىن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ۋە تىز ئۈگۈنۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

يات مەدەنىيەت ساھىبلىرى تىلىمىزنىڭ ھازىرقى زامانغا ماسلىشىش ۋە مەدەنىيەتنىڭ يېڭى ئاتالغۇللىرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىن شەكلەندۈرۈپ، تىلىمىزنى ئەيىپلىمەكتە. ئىچكى تەرەپ(روھى تەرەپ)تىن مەغلۇب بولغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى ئارقىدا قېلىشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى دەپ قارايدۇ…

مەكتەپلىرىمىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئانا تىلىمىز ئارسىدا دوستلۇق ئالاقىسىنى تۇرغۇزالمىدى، كىچىكىدىن تارتىپ ئانا تىلىدا بىر نەرسە ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشتا نەتىجە قازنالمىدى.

مىسال ئالساق ئۇيغۇرنىڭ كىچىك بالىسىنى خەنزۇلار ئارسىغا قوشىۋەتسەك تىلى خەنزۇچە چىقىدۇ، خەنزۇنىڭ كىچىك بالىسىنى ئۇيغۇرلار ئارسىغا قوشىۋەتسەك ئۇ بالىنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە چىقىدۇ…

“ئۇيغۇر تىلى يېڭى ئىلىم-پەنلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ”دېگەن گۇمان جىڭدا توختىمايدۇ، چۈنكى خەلقئارالىق تىلشۇناس ئالىملار-تىل ئىگلىرى ئىرادىلىك بولىدىكەن-ھەر قانداق بىر تىل قايسى پىكىر بولسۇن ئىپادىلەشكە قادىر بولالايدۇ دەپ قارايدۇ. مىسال ئالساق، تىل بىلەن تۈرلۈك پۇللار ئارسىدا ئوخشاشلىق تېپىلىدۇ،بىز ئېلىم-سېتمىدا ئىشلىتىدىغان پۇل ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ نەزرىدە سېتىۋىلىش قۇۋۋىتىنىڭ بەلگىسى، قەغەز پۇل ياكى مەدەننىڭ ھەقىقى قىممىتى سېتىۋېلىش كۈچىگە نىسبەتەن يوقىلاڭ نەرسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. قەغەز پۇلنىڭ بېسىلغان قەغەزنىڭ قىممىتىدىن ئارتۇق قىممىتى بولمايدۇ، ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ بەلگىلەكلىك قىممىتى بولىدۇ.لېكىن ئالتۇن-كۈمۈش باشقا مەدەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا ***ۈرۈش(چىداملىق)تەرەپتىن قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ.پۇلنىڭ ھەقىقى قىممىتى شۇ پۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان جەمىيەتنىڭ پۇلغا قوشىدىغان سۈپتىدۇر. (مارىبوينىڭ”ئىنسانلار تىلى” نامىلىق كىتاۋىنىڭ 22-بەتىگە قاراڭ).

تىلنىڭ قىممىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، شۇنىڭ ئۈچۈن تىل ئىگلىرىنىڭ تىلىغا ئېسلىشى، تىلىنى راۋاجلاندۇرۇشى، ئۆز-ئارسىدا ئانا تىلى بىلەن پاراڭلىشىشى، ئانا تىلىنى ھۆرمەتلىشى، تىلىنىڭ تەرەققىياتقا ماسلىشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشى، كۆز قارىشى ۋە تۇيغۇللىرىنى ئانا تىلى بىلەن ئىپادىلىشى ۋە تۇرمۇشنىڭ ئاددى ئىشلىرىدىن تارتىپ مۇرەككەپ پەلسەپىۋى مەسىلىلەرگە قەدەر ئىشلاردا ئانا تىلى بىلەن ئىپادىلىشى لازىم. شۇنداقلا تىلنىڭ قىممىتى ئىدىيە مەبلىغى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى ئىپادىلەشتە كۆرۈنىدۇ.تىلىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان نادانلار تىلىمىزنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەشھۇر تىلشۇناس فىرانسىيەلىك ئالىم”فىندىرىس”مۇنداق دەيدۇ:”ئەمەلىيەتتە بىز قايسى بىر تىلنىڭ بىر پىكىرنى ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىنساننىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن ئاجىز كىلىشىنى بىلمەيمىز. ئۇنداقتا ئەسەرلىرىدىكى ۋە تارىخىدىكى كەمچىللىكىنى ئانا تىلىغا ئارتىپ قويىدىغان ئاجىز ئاپتورلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرمەيمىز، ئەسلىدە كۆز قارشىنى ئانا تىلى بىلەن ئىپادىلەشتىن ئاجىز كەلگەن مۇشۇ ئاپتورلار ئانا تىلنىڭ ئاجىزلىقىدىن مەسئۇل” دەيدۇ.(فىندىرىسنىڭ”تىل” دېگەن كىتابنىڭ 421-بەتىگە قاراڭ).

ئارىمىزدىكى روھى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلار تىلىمىزنى ئەيىپلايدۇ، ھالبۇكى ئەيىپ تىلىمىزدا ئەمەس، شۇ تىلنى ئىستىمال قىلغۇچى بىزدە.بىزدە ئىرادە بولىدىكەن تىلىمىز ھەر قانداق مەزمۇننى ئىپادىلەشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ. ئانا تىلىنى قائىدىللىرى بىلەن بىلىدىغان كىشى كۆڭلىدىكى كۆز قارشىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بىز ئەزىز بولساق تىلىمىز ئەزىز بولىدۇ، بىز خار بولىدىكەنمىز تىلىمىز خارلىنىدۇ.

تۈركلەر مۇستەپا كامال دېگەن ئىسلامغا ئۆچ ئازغۇننىڭ تەسىرى بىلەن ئوسمانىيە ئانا تىلىنى لاتىن ھەرپىگە ئالماشتۇرغانىدى، ئۇلار ھازىر ھاۋاغا ئېسىلىپ قالدى، چۈنكى بۈگۈنكى تۈركلەر ئۆتمۈشىدىن بىر نەرسىنى بىلمەيدۇ. ياۋرۇپاغا تەۋەمۇ ياكى شەرققە تەۋەمۇ؟بۇنىڭدىمۇ ھەيران. لاتىن ھەرپىنى تاللاپ غەربكە يېقىنلىشالمىدى.تۈرك تەرەققىياتى1957-يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغان مالايسىيانىڭ تەرەققىياتىدىن پەرقىلىنىپ كەتمەيدۇ.مالايسىا تەرەققىيات جەھەتتە تۈركىيەنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ،ئىقتىسادى تەرەققىياتى كۆپ يۇقىرى.

ئۇنداقتا تۈركىيە تىل ياكى يېزىق ئۆزگەرتىپ نېمە پايدا ئالدى، تۈركىيە تارىخ بويى مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ باقمىغان بىر دۆلەت،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوسمانىلارنىڭ پۈتۈن بايلىقى مۇستاپا كامالنىڭ قولىدا قالدى، شۇنداقتىمۇ تۈركىيەنىڭ ھالى قانچىلىك؟؟؟دېمەك، مۇستاپا كامال تۈركىيە تەرەققىياتىنى مەقسەت قىلماي، تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئەبجەش قىلىشنى مەقسەت قىلغان.بولمىسا ئەركىن دۆلەت، پۈتۈن ئىمكانىيەت قولىدا تۇرۇپ، مەدەنىيىتى ۋە يېزىقىنى ئالماشتۇرۇپمۇ مالايسىسيەچىلىك بولالمىدۇغۇ؟ گەدىنىدىكى 30 مىليارت دوللاردىن ئارتۇق قەرزىچۇ تېخى؟…

دېمەك، مۇستاپا كامال ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىشتا بىرىنچى قېتىم ئانا تىلنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇسۇل ئىشلەتكەن.

***

“ئانا تىلىمىز زامان تەرەققىياتى بىلەن ماسلاشمايدۇ”دېگەن كۆز قاراش ئەقلى كىسەللىكتۇر.خەنزۇ تىلى يېقىنقى زامانغىچە خەلقئارار تىللارغا نىسبەتەن ئۆلۈك تىل قاتارىدا مۇئامىلە قىلىناتتى، ئىلىمىز جۇڭگۇنىڭ سىياسىتى ۋە ئىقتىسادى جاللىنىپتى خەنزۇ تىلى جانلادى، ئىلىمىز جۇڭگۇ روسىيەدىن كۆپ پايدىلاندى، لېكىن روس تىلىنى خەلق تىلى قىلمىدى.

دېمەك، خەنزۇ مىللىتى جانلاندى تىلى جانلاندى، ئۇنداقتا سەن ئەزىز بولساڭ تىلىڭ ئەزىز بولىدۇ، سەن خار بولساڭ تىلىڭ خارلىنىدۇ.

ئىنگىلىز تىلىمۇ شۇنداق، ئەنگىلىيە بىلەن ئامىرىكىنىڭ سىياسىتى ۋە ئىقتىسادى دۇنيادا ***ۈرۈلدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنگىلىز تىلى خەلقئارا تىلىغا ئايلاندى، يېقىنقى زامانغىچە ئەرەپ تىلى دۇنياۋى تىلنىڭ بىرسى ئىدى، ئەرەبلەرنىڭ ھالى تۆۋەنلىشىپتى ئەرەب تىلى قىممىتىنى كۆپ يوقاتتى، تىل ئىختىساسلىرى ئەرەب تىلى 2020-يىلى دۇنياۋى تىلغا ئايلىنىدۇ دەپ باھا بەرمەكتە.

ئەگەر ئىنگىلىز ياكى خەنزۇ تىلى تەرەققىيات تىلى، باشقا تىللار تەرەققىيات تىلى بولالمايدۇ دېسەك، ئۇنداقتا ياۋرۇپادا نۇرغۇن دۆلەتلەر بار، ئۇلار ياۋرۇپادا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئانا تىلىنى تاشلىمىدىغۇ؟ مائارىپىنى ئانا تىل ئاساسىدا تۇتۇپ ماڭدىغۇ؟ مەسىلەن، گوللاندىيە نوپۇزى ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن ئۇلار ئانا تىلىنى تاشلىمىدى.

دېمەك، سەن ئەزىز بولساڭ تىلىڭ ئەزىز بولىدۇ، سىنىڭ مەدەنىيەت يارتىشقا سالاھىيىتىڭ توشقاندا ئانا تىلىڭنىڭ مەدەنىيەت يارتىش سالاھىيىتى ئەسلىگە كىلىدۇ. سەن مەسىلىنى ئانا تىلىمىزدا قويماي ئۆزۈڭدە قوي ئەبگا!سىنىڭ ئەبگالىقىڭدىن تىلىمىز راۋاجلانمايۋاتىدۇ.سىنىڭ ئانا تىلىڭغا تۇزكورلىقىڭدىن ئانا تىلىمىز خورلىنىۋاتىدۇ…

مەن باشقا تىل ئۈگىنىشكە قارشى ئەمەس، دۇنياۋى تىللارنى ئۈگۈنۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن، بۈگۈنكى زاماندا ئىلىم-پەن تىلىنى ئۈگۈنۈش پەرزنىڭ دەرجىسىگە كىلىپ قالدى. لېكىن ئانا تىلنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىمەن.

ماددى جەھەتتىن تەرەققى قىلغان غەرب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان ياپۇن ئانا تىلىنى ۋە قالاق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە.ئانا تىلىمىز تەرەققىياتتىن ئاجىز كىلىدۇ دېگەن كۆز قارشىڭ دۇنيا تىل تەتقىقاتچىلىرى مىزانىدا توختىمايدۇ، ئەسلى سەن تىلىڭنىڭ قىممىتى، قۇدرىتى ۋە ئىمكانىيىتىنى بىلمەيسەن، چۈنكى سەن ئانا تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇردەك ئويلىمايسەن، چۈنكى سەن ئۆز ئەقىدەڭ ۋە مەدەنىيىتىڭگە خىيانەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن تىلىڭغا خىيانەت قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرغا قويىسەن ياكى قوللايسەن…چۈنكى سەندە مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،نۇزۇگۇم،ئاماننىساخان، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇقادىر داموللانىڭ روھى ۋە قېنى يوق…چۈنكى سەن روھى ۋە ئىچكى تەرەپتىن پۈتۈن مەغلۇب بولغان ئىنسان…

ئىچكى تەرەپتىن يەنى روھى تەرەپتىن مەغلۇب بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مەيداندا مەغلۇب بولىسەن ياكى مەغلۇب بولۇشقا رازى بولىسەن…

ئۇيغۇر ئانا تىلىمىز بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزنىڭ سىمۋلى ۋە سالاھىيىتى، ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ باشقىلاردىن نىگىىزلىك پەرقى خۇسۇسىيىتى، ئۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ بەلگىسى…

ئۇيغۇر تىلىنىڭ راۋاجلانماسلىقى بىزدىكى تەپەككۈر ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن پەيدا بولغان، بىزدىكى تەپەككۈر تۇغماس كىسىلى تىلىمىزنى تۇغماس قىلىپ قويغان.شۇنى بىلىش لازىمكى، تىل پىكىردىن (تەپەككۈردىن) ئايرلىمايدۇ، پىكىر تىلدىن ئايرلىمايدۇ، تىل دېمەك پىكىر دېمەك، پىكىر دېمەك تىل دېمەكتۇر…

بىر سۆز تىلىمىزغا كەلگەندە پىكىر بولۇپ چىقىدۇ، قايسى تىل بىلەن سۆزلىسىڭىز ئۇ سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

دېمەك،بىزدىكى مۈشكىلە تىل مۈشكىلىسى ئەمەس، مەدەنىيەت ۋە ھەزارەت مۈشكىلىسى (قىيىنچىلىقى)دۇر.

كىم داۋاملىق خەنزۇ تىلى بىلەن سۆزلىسە ئۇ ۋۇجۇدىدا خەنزۇغا ئايلىنىدۇ، كىم داۋاملىق ئىنگىلىز تىلى سۆزلىسە ئۇ ۋۇجۇدىدا ئىنگىلىزغا ئايلىنىدۇ، يات تىل بىلەن سۆزلىگەن ياكى پىكىر قىلغان كىشىنىڭ ئېڭى ۋە پىكىرى پىسخولوگىيە، ئىجتىمائى ۋە ئەخلاق تەرەپتىن ئۆزگىرىدۇ. چۈنكى يات تىل ئۇنىڭ ئېڭىغا يۇقىرى ھەرىكەت بىلەن تەڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئانا تىلىڭنى ئۈگەنمىسەڭ يىلتىزىڭ ۋە ئەسلى مەدەنىيىتىڭدىن ئايرىلىسەن.

ئانا تىلى بىلەن يازىدىغان ۋە ئانا تىلى بىلەن سۆزلەيدىغان ئاپتور ياكى ئالىم يات تىل بىلەن يازىدىغان ياكى سۆزلەيدىغان ئاپتوردىن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى ئانا تىل ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كېتىدۇ، ئۇ ئۆزىنى ئانا تىلىدىن ئايرىيالمايدۇ.

تىلىدىن ۋاز كەچكەن مىللەت مەغلۇبىيىتىگە ھەسسە قوشقان بولىدۇ، ھورۇنلىقىمىز، ئەقلى ئەبگالىق، غاپىللىق،نادانلىق،ئاڭسىزلىق، روھى مەغلۇبىيەت تىلنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل.

ئانا تىلنى يوقۇتۇش ئىنساننىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقانلىقىدۇر، چۈنكى ئانا تىل ئىنساننىڭ شەخسىيىتى، سالاھىيىتى، پىكىرى، تۇيغۇسىنى…تەشكىل قىلىشتىكى بىرىنچى ئاساس. ئانا تىل مەدەنىيەت سالاھىيىتىنى قوغداشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستىسى.

ئانا تىلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان مىللەت ئۆتمۈشىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئانا تىل ھېسيات، پىكىر ۋە تۇيغۇنىڭ ئاچقۇچى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ 3 بالىسى داۋاملىق 3 خىل تىل بىلەن سۆزلىسە ئۇلارنىڭ ھىسياتى ۋە تۇيغۇسى 3 ئاتىنىڭ باللىرىدەك بولۇپ قالىدۇ.

كۇرد شائىرى(كونى رەش) ئانا تىل توغرىسىدا مۇنداق شېئىر ئېيتقان:

“ئەي ۋەتەن، تىل ئوغۇرلاشنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئەي ۋەتەن، ھېچ بىر كىشى ئوغلانلىرىڭنىڭ تىلىنى-ئۇلار كۆڭۈل بۆلسە-ئوغۇرلاشقا قادىر ئەمەس.ئەمما ئۇلار سەل قارىسا ۋە يات تىل بىلەن سۆزلىسە، شۇ ۋاقتىدا ئى ۋەتەن، ئوغلانلىرىڭنىڭ ھەزارىتى بولمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ ئاساسى بولمايدۇ”.

تىل مىللەتنىڭ بىرلىكىدىكى مۇھىم ئاچقۇچ، چۈنكى تىل پىكىر ۋە تۇيغۇ بىرلىكىنى يارتىدۇ، تىل مىللەت ئەزالىرىنى پىكىر بىرلىكى بىلەن باغلايدۇ.

تىل تەپەككۈرنىڭ قورالى، تەپەككۈر ئاۋازسىز سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەس،سۆزلەش ئاشكارا تەپەككۈرنىڭ بىر تۈرىدۇر.

بوۋاق سالامەتلىكىنى ئانىسىدىن ئالغاندەك، مىللەتمۇ پىكىر ۋە ئىدىيە سالامەتلىكىنى ئانا تىلىدىن ئالىدۇ.كىسەل ئانا كىسىلىنى بالىىسغا يۇقتۇرغاندەك، تىلمۇ كىسىلىنى يۇقتۇرىدۇ.

ئانا تىلنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلشۇناس، تارىخچى ۋە تەتقىقاتچىلارنى قىممەتلىك مەلۇمات خەزىنىسىدىن مەھرۇم قويىدۇ ۋە ئۇلارنى ئارقىغا چىكىندۈرىدۇ.

بىر قىسىم دوگما قاراشتىكى كىشلەر ئسىلام دىنى بىلەن ئۇيغۇر مىللىلىكى ئارسىدا توقۇنۇشۇش ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ چۈشىنىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىسلام دىنى بىلەن ئۇيغۇر مىللىلىكى(يەنى دىن بىلەن مىللەت)تەڭ قەدەمدە تۇرىدۇ، بىر-بىرسىگە تاقاشمايدۇ.دىننى قوغدىغانلىق مىللەتنى قوغدىغانلىق، مىللەتنى قوغدىغانلىق دىننى قوغدىغانلىق بولىدۇ…

ئەگەر سەن دىننى دەپ ئۇيغۇرلۇقتىن ۋاز كەچسەڭ، سەن دىننى ياخشى چۈشەنمەيدىكەنسەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلۇقنى دەپ ئسىلامدىن ۋاز كەچسەڭ ئۇيغۇرلۇقۇڭنى، مەدەنىيىتىڭنى ۋە تارىخىڭنى ياخشى چۈشەنمەيدىكەنسەن.

***

بىز ئۇيغۇرلار”شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى”دېگەن رايۇندا ئاپتونوميىە قانۇنى بىلەن ياشايمىز، ئاپتونومىيە دېگەن خېلى چوڭ گەپ، لكېىن بىز ئاپتونومىيە قانۇنىنى ۋە دۆلەت قانۇنىنى بىلمىگەچكە قانۇندىكى نۇرغۇن ھوقۇقىمىزدىن مەھرۇم، ئاپتونۇمىيە قانۇنىنى ياخشى بىلسەك نۇرغۇن ئشىلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بېيجىڭدىكى ۋاقتىمدا ئابدورۇپ پولات تەكلىماكانى ئەپەندىنىڭ بىر قېتىم:”ئاپتونومىيە قانۇنىنى تەلەپ قىلساق كۆپ ھوقۇقىمىزغا ئېرىشكەن بولاتتۇق”دېگەن سۆزى ھېلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ.

جەمئىيىتىمىزگە قارىساق تەتبىقلىنىۋاتقان قانۇننىڭ ئەسلى شىنجاڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئوخشىمايدىغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. ئاپتونومىيە قانۇنى توغرا شەكىلدە ئىجرا قىلىنماي بەزى كىشلەرنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ.

دېمەك، سەن ئاپتونومىيە قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان بولغاندىكىن قانۇندىن پايدىلىنىش ھوقۇقۇڭ بار…ۋە ھەقىقى ئاپتونومىيەنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇڭمۇ بار…● بۇ يازما 2550 قېتىم كۆرۈلدى ●

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: * تىل-يېزىق
يېڭى تېمىلار
ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى

تۈركچە 1- سىنىپ دەرسلىكى
ئۇيغۇرچە–تۈركچە مەسەللەر

ئۇيغۇرچە – تۈركچە مەسەللەر توپلىمى