داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان ئالەمدىن ئۆتتى

داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان ئالەمدىن ئۆتتى

كۈلكە-چاقچاق ئۇستازى ھىسام قۇربان ئاكا 2013-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى چۈشتىن كىيىن سائەت4:30دا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى . ئاللاھدىن بۇ مەرھۇم ئۇستازىمىزغا جەننەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز.
ھېسام قۇربان 1930-يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدە بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1940-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە شەھەر ئىچى بەيتۇللا مەدرىسىدە ئوقۇغان. كېيىنچە ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، تاكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانغا قەدەر ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1951-يىلىدىن 1961- يىلىغىچە ئىلى ۋىلايەتلىك ۋە غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ماھارىتى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1961-يىلى غۇلجا ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۇ تۇرپانيۇزى، گەمە قاتارلىق يېزىلاردا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1966- يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، تاكى 1980- يىلىغىچە ئىشتىن سىرتقى سەنئەت ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆز ماھارىتىنى داۋاملىق نامايەن قىلغان. 1980-يىل 9- ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق 3- نۆۋەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، مەركەزدىن ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئەھلىگە ماھارەت كۆرسىتىپ، زور ئالقىشقا ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ خىزمىتى ئەمىللىشىپ غۇلجا شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چاقچاقچىلىق ماھارىتىنى كەڭ نامايان قىلىدىغان ۋە تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئىمكانىيەت، زېمىن ھازىرلانغان.
ھېسامنىڭ ئاتىسى قۇربان ۋە چوڭ دادىسى ئىسمايىللار ئۆز دەۋرىدىكى يۇرت- جامائەت ئىچىدە تەسىرى بار ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىلىرى ئىدى. قۇربان ئاكا ئوغلى ھېسامنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەچكە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە مەشرەپ-ئولتۇرۇشلارغا ئېلىپ باراتتى. بۇ ،مەشرەپ سورۇنلىرىنىڭ مەنىۋى مۇھىتى ناھايىتى ساپ، سورۇن ئەخلاقى ئۈلگىلىك ئىدى. ئۇ يەردە ئادەملەرنى روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۈرىدىغان ۋە ئىنسان دىلىنى ساپلاشتۇرىدىغان نۇرغۇن قىزىقچىلىقلار، ئويۇنلار ۋە ساغلام، گۈزەل چاقچاقلار بولاتتى، مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ھېسام ئالدى بىلەن دادىسى بىلەن چوڭ دادىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ، چاقچاق قىلىشنىڭ ۋە يۇمۇرلۇق، ساغلام، كۈچلۈك ھەجىۋىي تۈسكە ئىگە چاقچاقلارنى ئەپلىك قوراشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى. جەمئىيەتتە بولسا شۇ دەۋردە ئالقىش ۋە ئېتراپقا ئىگە بولغان، يۇقىرىدا بىز ناملىرىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئاتاقلىق چاقچاق ئۇستىلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن سورۇنلاردا بىللە بولۇپ، ھەم ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ھەم ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يىتىشتۈرگەن چاقچاقچىلىق ماھارەت، تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى. يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ چاقچاقچىلىق ماھارىتى بارا-بارا پىشىپ يېتىلىپ، كامالەتكە يېتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە بىردەك ئېتراپ قىلىشىغا، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قىزىقىش، دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇشقا، مۇھاكىمە، تەتقىق قىلىشىغا، نەشر ئەپكارلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولدى.
ھەممىمىزگە مەلۇم، چاقچاق-ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەجىۋىي تۈرىگە مەنسۇپ بولغان بىر خىل ئاممىباب ژانىر. چاقچاقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ھالدا پەيدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئىدىيىۋى تەربىيە ۋە ئېستېتىك زوق، كۈچلۈك كومىدىيىلىك تۈس ۋە شۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن جاراڭلىق كۈلكىدىن ئىبارەت. چاقچاق توغرىسىدا سۆز بولغاندا بىز ئىختىيارسىز ھالدا ئىلى چاقچاقچىلىرى ھەققىدە گەپ ئاچماي تۇرالمايمىز. ئىلى چاقچاقلىرى ئۇيغۇر خەلق چاقچاقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر راۋاجى. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ ۋە تۇرمۇشقا قايتىدۇ. ئىلى دىيارىدا ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان خەلق چاقچاقچىلىرىنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىز بۇيەردە، ئىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا ۋە ئۇنىڭ ئەۋزەل مەنىۋى مۇھىتىدا ياشاپ، ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن كىشىلىك پەزىلىتى دۇرۇس، چاقچاقچىلىق ئىستىلى ساغلام، ھوسۇلى مول بولغان قۇربان، ئىسمائىل، باۋخان كور، غوپۇر دىڭخۇلۇ، تۇرسۇن تېيىپ، زوردۇن شىبە، جانى يولداشوپ، موللا مەتيار خەلپىتىم، ياقۇپبەك پوچى. قاتارلىق ئاتاقلىق چاقچاقچىلارنى ئاتاپ كۆرستىشىمىز مۈمكىن. ھالبۇكى، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن زامانىمىزدىكى ھايات نەسرىدىن ئەپەندى دەپ نام ئالغان شەخس -ھېسام قۇرباندۇر.
خەلقىمىز تەرىپىدىن ‹‹ زامانىمىزدىكى ھايات نەسىردىن ئەپەندى ›› ، ‹‹ ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ پېشۋاسى ›› دېگەندەك پەخىرلىك ناملار بىلەن تەرىپلىنىدىغان داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان كىچىكىدىن تارتىپلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولغان چاقچاققا كۈچلۈك مۇھەببەت باغلىغان . ئۇ تونۇلغان چاقچاقچىغا ئايلانغاندىن كېيىن ، تۈرلۈك مەشرەپ ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە چوڭ–كىچىك سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ۋە ئىچكى مەناغا باي ، ئىلمىي يۇمۇر – چاقچاقلىرى بىلەن خەلقىمىزگە زور مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كەلگەن.
ئىلى چاقچاقلىرى 2009–يىلى ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، 2010–يىلى ھېسام قۇربان ‹‹ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن . ئىلى چاقچاقلىرى 2011–يىلى ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن ، بۇ قېتىم ھېسام قۇربان ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى يوللانمىسى

داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان

داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: شەخىسلەر
يېڭى تېمىلار