«قۇتادغۇ بىلىگ» كە كىرىش

رەشىد رەھمەتى ئارات

تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يىتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ.

«قۇتادغۇ بىلىگ» كە كىرىش ئۇ 1900- يىلى قازان شەھرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906- 1910- يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە(تولۇق ئوتتۇرا دەرىجىسىدىكى مەكتەپ)نى تاماملىغان.

1917- يىلىدىكى بولشىۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قارمىقىدا ھەر خىل ژورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىد رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە <<بىرلىك>> نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، <<ياشلىق تېڭى>> دېگەن ژورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ ژورنالدىن باشلىغان.

رەشىد رەھمەتى ئارات 1918- يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. 1919-يىلى يارلىنىپ سىبىرىيىگە يۆتكىۋىتىلگەن. ئۇ، سىبىرىيىدە قازان تاتارلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىجراچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

1922- يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ بېرلىن ئۈنۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش مەزگىلىدە ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە تۈركولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرس ۋە سېمىنەرلەرگە قاتناشقان. بۇ جەرىياندا يەنە ھەر قايسى يەرلەردىن كەلگەن تۈركلەرنىڭ قۇرغان جەمئىيەت ۋە ئۇيۇشمىلىرىغا قاتنىشىپ، ژورناللاردا تۈرلۈك ماقالىلارنى ئىلان قىلغان.

1927- يىلى سېلىشتۇرما تۈرك تىلى ساھەسىدە يازغان <<ئالتايچىدا ياردەمچى پېئىللار ۋە رەۋىش — پېئىللار>> ناملىق ماقالىسى بىلەن دوكتۇرلۇق دېسىرتاتسىيىسىنى ياقلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بېرلىن ئۈنىۋېرسىتېتىگە قاراشلىق شەرق تىللىرى مەكتىپىدە شىمال تۈركچىسى كەسپى بويىچە لېكتور بولغان. 1928- يىلى بېرلىن پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە ئىلمىي ياردەمچى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1931- يىلى شەرق تىللىرى مەكتىپىدە شىمالىي تۈركلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخى كەسپى بويىچە دوتسېنت بولغان. بۇ جەرىياندا دەستلەپكى ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىغان.

رەشىد رەھمەتى ئارات 1933- يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىۋى بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ، ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كۇرسىسىغا پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تۈركولوگىيە بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1934- يىلى فۇئاد كۆپرۈلۈ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن رەشىد رەھمەتى ئارات يەنە تۈركىيات ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ ۋەزىپىسى 1950- يىلىغىچە داۋاملاشقان. 1949-1951- يىللار ئارىسىدا بىر مەزگىل لوندۇن ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى مەكتىپىدە تەكلىپلىك پروفېسسور سۈپىتىدە دەرس ئۆتكەن. 1958- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوردىناريۈس پروفېسسور بولغان.

رەشىد رەھمەتى ئارات 1942-يىلى تۈرك تارىخ قۇرۇمىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. يەنە خەلقارا شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ سېكرېتارى ۋە بۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان <<شەرقشۇناسلىق>> ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

تۈركىيە تۈركولوگىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىلتىز تارتىشىدا ئاراتنىڭ بۈيۈك بىر ئەجرى بار. ۋ. باڭكائۇپ تەرىپىدىن قۇرۇلغان سېلىشتۇرما تۈرك تىلى تەتقىقاتىنى تۈركىيىگە ئېلىپ كىرىپ ئومۇملاشتۇرغان ۋە تولۇق بىر تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرگەن كىشى رەشىد رەھمەتى ئارات ئىدى. ئۇ بۇ ساھەدە شىناسى تېكىن، تالات تېكىن، سائادەت چاغاتاي ۋە نۇرى يۈجە قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىلىم تارمىقى تۈركىيە تۈركولوگىيىسىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرماقتا. تۈرك(تۈركىي)تىلىنىڭ بىر قانچە دەۋرى ۋە ساھەسىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن بىرمۇنچە ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرك ترانسىكرىپسيون يېزىقىنىمۇ رەشىد رەھمەتى ئارات ئىجات قىلغان. بولۇپمۇ تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ پاسىلىنى سىزىپ بەرگەن ئەسىرى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرىدا ئىزچىل تەتبىقلانماقتا.

رەشىد رەھمەتى ئارات تۈرك تىلىنىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىياتىنى ۋە ئومۇملاشقان شىۋىلىرىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئالىم. ئۇ قەدىمكى تۈركچىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرچىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تۈركولوگ. ھەقىقەتەن، تۈركولوگىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر ئىلىم ساھەسىگە ئايلانغان. ئۇ ياۋروپالىق تۈركولوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، <<تۈركولوگىيە سىلەر ئۈچۈن بىر كەسىپ ۋە تۈرمۇش ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر ۋاستىسى، لېكىن بىز ئۈچۈن ھەر نەرسىدۇر>> دەيتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى يەڭگىللىك بىلەن قىلغان ھۆكۈملىرىگە ئەسلا يول قويمايتتى.

رەشىد رەھمەتى ئارات داۋراڭسىز، ئەمما ھەقىقىي مەنىدىكى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ، تۈرك مىللىتى(تۈركىيلەر)گە كىشىلەر ئاسانلىقچە قىلالمايدىغان كاتتا ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن خىزمەت قىلغان. ياۋروپا ئىلىم دۇنياسىنىڭ خرىستىئانلىق ۋە تۈرك دۈشمەنلىكى پۇراپ تۇرغان تەرەپلىرى بىلەن ئەڭ كەسكىن كۈرەش قىلغان. <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>نى مۇشۇنداق بىر سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تۈرك تەپەككۇرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا بىر تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى روھىنى ئاتا قىلغان كىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتتۇر. دېمەك، تۈركچە <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>نىڭ مەيدانغا كىلىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتقا تايانغان. ئارات تۈركىيە ئىلىم — پىنىنىڭ غۇرۇرى بولغان بۇ ئەسەرگە روھى جەھەتتىكىگە ئوخشاش، شەكىل جەھەتتىنمۇ ئۆلچەم ۋە مۇكەممەلىكنى بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ بۇ كاتتا قامۇسقا ئۆز ئىمزاسى بىلەن بىر مۇنچە ماددىلارنى يازغاندىن باشقا يەنە سانسىزلىغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزگەن. رەشىد رەھمەتى ئارات تولىمۇ كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن باغلانغان بۇ ئەسەر ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئىدى.

رەشىد رەھمەتى ئارات خۇددى كاتتا ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئادەمدەك چوڭقۇر بىر تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. ئۇ قولغا ئالغا ھەر قانداق بىر مەسىلە ۋە تېمىدا باشقىلار قايتىدىن بىر نەرسە دېيىشكە ئورۇن قالمايتتى. تۈرك ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەت پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەسىرى بولغان <<قۇتادغۇ بىلىگ>> دەل ئۇنىڭ ئەجرى بىلەن دۇنياغا ئۆزىنى قايتا تۇنۇتقىنىدەك، <<ئوغۇزنامە>>، <<قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى>>، <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>>، <<بابۇرنامە>>، <<تۇرپان تېكىستلىرى>>(6-ۋە7- توملىرى)نى يەنە ئۇ تەييارلاپ ئىلان قىلغان ئىدى.

شەرقتە ساخالىندىن تارتىپ غەرپتە ئىستانبۇلغا قەدەر بولغان جايلاردا ياشايدىغان بارلىق تۈركلەرنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى دۇنياغا تۇنۇتۇشنى، بۇ ئارقىلىق تۈرك بىرلىكىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان <<تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى>>نىڭ پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئىشتىراك قىلغان رەشىد رەھمەتى ئارات بۇ ئىنىستىتۇتنى ئۆزىنىڭ ئىدىئالىدىكى مۇئەسسىسە سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان–دىل بىلەن ياردەم قىلغان. بۇ ئىنىستىتۇت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىدارە ئىشلىرى ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدە پائال ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا داۋاملىق قاتناشقان.

تۈركلەرنىڭ ئىلمى ھاياتى ۋە مىللىي شەرىپى ئۈچۈن بۈيۈك ئەجىر سىڭدۈرگەن رەشىد رەھمىتى ئارات 1964- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ماددى ھايات دەرىخى 64 يىل ياشاپ قۇرۇغىنى بىلەن مەنىۋىي ھايات دەرىخى بولسا تۈرك دۇنياسى ئىچىدە مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ.

تۈركولوگىيىنىڭ، جۈملىدىن ئۇنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيىتى ھەققىدىكى بىلىشىمىز ئەسلىدە بولۇشقا تىگىشلىك كۆلەمدىن تولىمۇ يىراق قالدى. مەدەنىيەت تارىخىمىز ۋە تىلىمىزغا چىن كۆڭلىدىن سادىق بولۇپ ئىشلىگەن بۇ ئالىمنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى بۇرۇنلا تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزگە سۇنۇش زۆرۈر ئىدى. بولۇپمۇ <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تەك كاتتا ئەسەرلەرنى ھەقىقىي سالاھىيىتى بىلەن قايتا ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ ئالىم ئاشۇ ئەسەرنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەقلىق بىر باھاغا ئىرىشىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئەلبەتتە ئالىمنىڭ ئەزىز خاتىرىسىگە بولغان ھۆرمىتىمىز ۋە تەشەككۇرىمىزنىڭ بىر بەلگىسى ھېساپلىناتتى. لېكىن، ھازىرغا قەدەر بۇنداق بىر تېما قولغا ئېلىنمىدى. ئىلمىي مۇھىتىمىزمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى پەقەت مۇنداقلا بىر تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كىتىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ كەلدى. ئەپسۇس ئەسلىدە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا بۇ ئالىمنىڭ ئالدىدا پەقەت بىر ھەۋەسكار ياكى بىر ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە تەرىپلىنىشكە تىگىشلىك بولغان ۋامبېرىي، رادلوف، سامېيلوۋېىچ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملار بولسا تۈرك تىلى تەتقىقاتىدا بىرمۇنچە خاتالىقلارنى سادىر قىلغىنىغا قارىماي تۈركولوگىيىنىڭ بۈيۈك ئۇستازلىرى سۈپىتىدە تۇنۇتۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە بىزدە ھەر بىر كىشى كۆرۈش پۈرسىتىگە ئىرىشكەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>، <<ئوغۇزنامە>>، <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>> ۋە <<بابۇرنامە>> قاتارلىق ئەسەرلەردىن ئىپتىخارلىق بىلەن سۆز ئېچىۋاتقان چېغىمىزدا بۇ ئەسەرلەرنىڭ تالاي ئەسىرلەردىن كېيىن قايتا دۇنياغا كىلىشىدە رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ قانچىلىك مېھنىتى ۋە ئەجرى سىڭگەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلالمىدۇق، ھېس قىلغان بولساقمۇ بۇنى ئانچە تىلغا ئېلىشنى خالىمىدۇق. ھەتتا ئالىمنىڭ بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇن ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلگەن ھەم 1989- يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان <<چەتئەل ئالىملىرى – قۇتادغۇ بىلىگ ھەققىدە>> ناملىق مەجمۇئەگە كىرگۈزۈلگەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>كە ئائىت بىر ماقالىسىنىڭمۇ كەمتۈك ۋە ناچار تەرجىمە قىلىنغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن مەزمۇنلىرىنىڭ ئەسلى پىكىرگە زىت تەرجىمە قىلىنىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ بىزدىكى قۇتادغۇ بىلىگ تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىشىغا سەۋەپمۇ بولغان ئىدى. بۇ ئەلبەتتە كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۈرىدىغان بىر ئەھۋال.

تۈركىيىدە ئوسمان فىكرى سەرتقايا ئالىمنىڭ ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان بارلىق ئەسەرلىرىنى توپلاپ چوڭ ھەجىملىك كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىشتا ناھايىتى چوڭ كۈچ چىقاردى. نەتىجىدە ئالىمنىڭ ئوسمان فىكرى سەرتقايا تەرىپىدىن دەستلەپكى قەدەمدە تەييارلانغان بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى 1987- يىلى تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن <<ماقالىلار>>(1- جىلد) دېگەن نامدا نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاپتا رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى تۇنۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرلىكتە ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي تىزىملىكى ۋە 90 غا يېقىن ئەسىرىنىڭ تولۇق تېكىستى بىرىلگەن. ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەسەرلىرىمۇ كۆپرەك مۇشۇ كىتاپتا ئۇچرايدۇ. تەتقىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەتقىقات قىلىنماقچى بولغان ھەر قانداق بىر تېمىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەنبەلەر قانداق ماھىيەتكە ئىگە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر تولۇق توپلىنىپ ئاندىن تەتقىق سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئەقەللى بىر ساۋاتقا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە رەشىد رەھمەتى ئاراتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ كۆرۈلمەسلىكى، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بۇ ئالىمنىڭ تەتقىقات مىۋىلىرىدىن تولۇق بەھىر ئالالماسلىقى كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۈرىدۇ. بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئەسلىدە شىنجاڭ ئىجتمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئىلمىي ئورگانلار ۋە جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن تەشكىللىك ھالدا ئىشلىنىدىغان مۇھىم بىر ئىلمىي ئەمگەك ئىدى. لېكىن، تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇنداق بىر تېما ھازىرغا قەدەر قولغا ئېلىنمىدى. ئەلبەتتە بۇ خۇسۇسىي بىر ئارزۇ بولۇشتىن ھالقىغان بىر ئىلمىي مېتود مەسىلىسىدۇر. شۇ ۋەجىدىن مەن ئۇيغۇر مۇھىتىنى بۇ ئالىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىدىن خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ قولۇمغا چۈشكەن ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپ ئىلان قىلىشنى ئۆزۈمنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى قىلىپ تاللىدىم. ئەلبەتتە بۇ يولدا ئىلمىي قۇدرىتىم يەتكەن ۋە نەشرىيات ئىمكانىيەتلىرى يار بەرگەن دائىرىدە تىرىشىمەن. تۈۋەندە ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغىنى ئالىمنىڭ 1947- يىلى تۈركىيىدە ئىلان قىلىنغان <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مەتىن نۇسخىسىغا يازغان كىرىش سۆزىدۇر. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولسا بۇ ئەسەرنىڭ 1979- يىلى تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 2- باسمىسىغا ئاساسەن ئىشلەندى. ئۇيغۇرچىغا << <قۇتادغۇ بىلىگ>كە كىرىش>> دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئۆرۈلگەن بۇ ماقالە ئەسلىدە 11 كىچىك ماۋزۇدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 11- ماۋزۇ <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ باپلار مۇندەرىجىسىدىن ئىبارەت بولغاچقا ھەم بۇ مۇندەرىجە <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا ئاللىقاچان ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەچكە، تەرجىمە داۋامىدا ئۇنى قىسقارتىشنى لايىق تاپتۇق. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بۇ ماقالە ليۇبىڭ تەرىپىدىن خەنزۇچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ،1991- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان << <<قۇتادغۇ بىلىگ>> تەتقىقاتىغا دائىر تەرجىمە ماقالىلاردىن تاللانمىلار>>(1- قىسىم) ناملىق كىتاپتا ئىلان قىلىنغان. تەرجىمە داۋامىدا ماقالىنىڭ تۈركچە ۋە خەنزۇچە نۇسخىلىرىنى بىرمۇ — بىر سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشنى ئۇنۇتمىدۇق. نەتىجىدە مەلۇم بولدىكى، ليۇبىڭ ماقالىنى ناھايىتى ئىدىتلىق ۋە ئەستائىدىل ھالدا تەرجىمە قىلغاندىن سىرىت، ئەسەرنىڭ پىكىر قۇرۇلمىسىغا سادىق بولۇپ، ئاپتورنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ھەرقانداق بىر ئىبارە، تېرمىن ۋە باشقا ئاتالغۇلارنى ئەينى شەكلى بىلەن ئالغان. بىزمۇ تەرجىمىمىزدە ليۇبىڭ قوللانغان بۇ مېتودنى تەدبىق قىلدۇق .

–ئۇيغۇرچىلشتۇرغۇچىدىن

1- <<قۇادغۇ بىلىگ>> ۋە تۈركولوگىيە

تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىكىگە ئوخشاش تۈرك كۈلتۈر تارىخىنىڭمۇ ئەڭ كاتتا ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان <<قۇتادغۇ بىلىگ>> تېخى قول تەككۈزۈلمىگەن بىر ئابىدە ھالىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا. يالغۇز <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭلا ئەمەس، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان بىر مۇنچە ئەسەرلەرنىڭمۇ بۈگۈنگە قەدەر ھەر كىم تەرىپىدىن ئىشەنچىلىك ھالدا پايدىلىنىلىدىغان بىر شەكىلدە رەتلەنمىگەنلىكىنىڭ تەبىئىي سەۋەپلىرى بار. بۇ سەۋەپلەردىن بىرى ئايرىم دەۋر ۋە كۈلتۈر مۇھىتلىرىدا تۈركلەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ توغرا ئوقۇلىشى ۋە چۈشىنىلىشىنى تەمىنلەيدىغان ئاساسلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ياخشى ھازىرلانمىغانلىقىدۇر. فىلىلوگىيىنىڭ باشقا ساھەلىرىگە نىسبەتەن خېلىلا يېڭى بىر ئىلىم تارمىقى بولغان تۈركولوگىيە قىسقا مەزگىل ئىچىدە تىز ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، بۇ ساھەدە تېخىچىلا چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرىۋاتقان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئاسانلا مۇراجىئەت قىلىنىدىغان ئەل كىتاپلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە تېخى پۇرسەت تاپالمىدى. ئۆز ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە رەتكە سالىدىغان بىر تەشكىلاتقا ئىگە بولمىغان بۇ ئىلىم تارمىقىنىڭ تەرەققىياتى كۆپىنچە پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان ۋە سانى ناھايىتى چەكلىك بولغان ئالىملارنىڭ شەخسىي غەيرەت ۋە ئىمكانىيىتىگە باغلىق بولۇپ قالدى. باشقا مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرى تۈركولوگىيە ساھەسىدە بىر تەرەپتىن ئۆز تارماقلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركولوگىيە بىلەن ناھايىتى يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى زۆرۈر بولغان ئىلىم تارماقلىرى ئارىسىدا زىچ ھەمكارلىقنىڭ قۇرۇلمىغانلىقىدۇر. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنى رەتلەش ئىشىنى ئۈستىگە ئالغان تارماقلاردىن بۇ خۇسۇستىكى چۈشەنچە ۋە ئالاقىنى بىراز كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان چېغىمىزدا پۈتۈن ئىلىم دۇنياسىنىڭمۇ ئۇلاردىن مۇشۇنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش ئورۇنلۇقتۇر.

<<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان نۇسخىلىرى پەقەت كېيىنكى يىللاردا تولۇقلىنىپ نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەر ئۈستىدە بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساس بولغان نۇسخىنىڭ كېيىنكى دەۋر ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان بولۇشىمۇ ئۇنىڭدىن كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىشقا توسالغۇ بولدى. ئەسەرنى تۇنجى قېتىم ئوقۇش ۋە تەرجىمە قىلىش تەجرىبىلىرىمۇ تۈركولوگىيىنىڭ خېلى دەستلەپكى باسقۇچىغا ۋە تازا تولۇق بولمىغان بىر تەييارلىق دەۋرىگە توغرا كەلدى. بۇ دەستلەپكى تەجرىبىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولغان رادلوفنىڭ نەشىر نۇسخىسىدا قوللىنىلغان ئالفابەنىڭ، يەنى مۇھىت تەرىپىدىن ئادەتلەنمىگەن بىر ئالفابە ۋە ترانسىكرىپسيون سىستېمىسىنىڭ ئەسەر يېزىلغان تىلنىڭ فونېتىكىسىغا زىت بولۇشىمۇ يالغۇز ۋاسىتىلىق ھالدا ئالاقىدار بولغان مۇھىتنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۇشۇ ساھەدە ئىشلىگەنلەرنىڭمۇ بۇ ئەمگەكنىڭ مەھسۇلىدىن پايدىلىنىشىنى قىيىنلاشتۇردى. شۇ ۋەجىدىن بۇ تەتقىقاتلارمۇ خۇددى ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىغا ئوخشاش كەڭ ئوقۇرمەنلەر توپىدىن يىراقتا قالدى ۋە ئىلىم مۇھىتىدىمۇ ئۆز ئەھمىيىتى بىلەن مۇناسىپ بىر ئىتىبارغا ئىرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسەر ھەققىدە ھازىرغا قەدەر بىلگەنلىرىمىز ئەسلى مەتىننىڭ تەتقىقاتىغا ئەمەس، كۆپىنچە ئۇ خىل ياكى بۇ خىل مۇناسىۋەتلەر بىلەن پارچە – پارچە ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىق نەتىجىلىرىگە تايانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ساھەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر بىر بىرىنى تولۇقلىمىغاندىن باشقا كۆپۈنچە خاتا ۋە بىر بىرىگە زىت بىر ماھىيەتنى ئىپادە قىلدى. كۆپىنچە ئەسەرنى سىرتتىن تەرىپلەش ۋە ماۋزۇسىنى ئېنىقلاشتا كۆرۈلگەن ھەم بىر بىرىنى تۇتمىغان بۇ پىكىرلەر ئەسەرنىڭ ئىچكى قىممىتى ھەققىدە قانداق تەسەۋۋۇر ۋە چۈشەنچىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىمىزنى پەرەز قىلىشقا يىتەرلىكتۇر دەپ قارايمەن.

***

<<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مۇشۇنداق بىر چەتتە ئۇنتۇلۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ئەسەر يېزىلغان دەۋرنىڭ مەيلى سىياسى ياكى كۈلتۈر تارىخى جەھەتتىن بولسۇن، تۈرك – ئىسلام مۇھىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچىنى تەشكىل قىلغىنىغا قارىماي، بۈگۈنگە قەدەر تامامەن نامەلۇم ھالەتتە قالغانلىقىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە تۈرك تارىخىنىڭ ھىچ بىر دەۋرىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن يورىتىلغانلىقىنى، ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىنىڭ تارىخىي پاسىل ئىچىدە تەرتىپلىك بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە نەتىجىلىرىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى دەۋرلەرگە باغلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنىڭ نە ئانا مەنبەلىرى قېدىرىپ كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولسۇن، نە بۇ دەۋرنىڭ كۈلتۈر مەنبەلىرى ھەر كىم پايدىلىنالايدىغان بىر ھالغا كەلتۈرۈلگەن بولسۇن. بۇ خىل ۋەزىيەتتە قولغا چۈشكەن ھەر قانداق بىر ئەسەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىقى بولغان مەسىلىلەرنى مۇھىت ۋە تارىخي پاسىل ئىچىدە تەتقىق قىلىش قېيىن، ھەتتا ئىمكانسىزدۇر. نەتىجىدە بۇ يولدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارمۇ كۆپۈنچە شەخسىي مۇلاھىزىلەرنىڭ پاسىلىدىن ھالقىيالماي، مۈجمەل قىممەتلەرنى ئىپادە قىلىشتىن ئىلگىرىلەپ كىتەلمىدى.

***

قاراخانىيلار دەۋرى ئۈچۈن ھازىرغىچە مۇراجىئەت قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى تەتقىقات سۈپىتىدە بارتولدنىڭ بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى يازغان تۈركىستان ھەققىدىكى ئەسىرى(<<موڭغۇل ئىستىلاسىغا قەدەر تۈركىستان>>)[1][1]ئالدىمىزدا تۇرماقتا. بۇنىڭدا بىر مۇنچە مەسىلىلەر مۇجمەل بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر مەلۇم بولغان مەنبەلەردىن ئەڭ ياخشى بىر شەكىلدە پايدىلىنىلغان. مۇئەللىپ بۇ ئەسىرىدە كۆپرەك قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ غەرب قىسمى ھەققىدە توختالغان ۋە بىزنىڭ بۇ يەردە ئەسلى دىققىتىمىزنى تارتقان شەرق قىسمى ھەققىدە بولسا خېلىلا ئىلگىرى يازغان بىر ماقالىسىنى[2][2]تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. ئەپسۇس، بۇ ماقالىگە ئىرىشىش مۇمكىن بولمىدى. مەۋجۇت مەنبەلەرنىڭمۇ بۇ دۆلەتنىڭ تارىخى ھەققىدە ناھايىتى ئاز مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى كۆرۈلمەكتە. شەرق تارىخچىلىرى كۆپ توختالغان ھۆكۈمدارلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى ۋە نەسەپلىرىمۇ بۇ دەۋر ئۈچۈن تولۇق ئېنىقلانمىدى. <<قۇتادغۇ بىلىگ>> تەقدىم قىلىنغان تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قارا خان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان ئارسلان قاراخاننىڭ قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرى جەدۋىلىدە ئورنىمۇ يوق. بۇ زاتنىڭ ئۇزۇن بىر دەۋر داۋاملاشقان ھۆكۈمدارلىقى ئاشۇ دەۋرگە ئائىت بولۇپ، بۇ پەقەت يەركەندە تۈزۈلگەن ئەرەبچە بىر مەھكىمە ۋەسىقىسى ئارقىلىق ئېنىقلاندى.[3][3] بۇ ۋەسىقە بىلەن بىرلىكتە يەركەندە تېپىلغان ۋەسىقىلەرنىڭ سانى ئون بەش پارچە بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ ۋاقتى يېزىلغان ۋە ھىجرىيە 474-529(1081-1135) يىللىرىدا تۈزۈلگەن. بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ يەتتە پارچىسى ئەرەبچە، يەتتە پارچىسى تۈركچە(بۇنىڭ ئىچىدە تۆت پارچىسى ئەرەب يېزىقىدا، ئۈچ پارچىسى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان) ئىدى. ئەرەبچە يېزىلغانلىرى ئارىسىدىكى بىر پارچە ۋەسىقىدە شاھىتلارنىڭ ئىمزاسىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغانلىقى مەلۇم. قاراخانىيلارنىڭ دەستلەپكى دەۋرلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئەبۇل فازىل مۇھەممەد ئىبن ھۈسەيىن بەيھەقى(386- 470 = 996- 1078)نىڭ ئەسىرىدىن تېخىچە پايدىلىنىدىغان ئەھۋالدا ئەمەسمىز. بۇ دەرىجىدە قاراڭغۇ ھالەتتە قالغان بىر دەۋر ئۈچۈن نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى ئۆزلىگىدىن مەلۇم بولغان بۇ ئەسەر ۋە ۋەسىقىلەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر تەتقىقات سىرتىدا قېلىشىنى ئىلىم نامىدا ئىزاھلاش قېيىن. قاراخانىيلار تارىخى بىز ئۈچۈن يالغۇز بىر تۈرك دۆلىتىنىڭ تارىخى بولۇش جەھەتتىنلا ئەمەس، ھەممىدىن بەكرەك پۈتۈن تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆز تارىخىي تەقدىرىگە يېڭى بىر نىشان كۆرسىتىدىغان يېڭى بىر كۈلتۈر چەمبىرىكىگە كىرگەنلىكىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئاساسلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىش جەھەتتىنمۇ مۇھىمدۇر.

2- قاراخانىيلار ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى

قاراخانىيلاردىن ئىسلامىيەتنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلغان ۋە قەشقەردە تۇنجى تۈرك – ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغان ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ مەيلى كىشىلىكى ياكى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىشى ھەققىدە بولسۇن، مەنقىبەلەر(تارىخىي شەخسلەر ھەققىدىكى ھېكايەت- ت)دىن باشقا بىر نەرسە بىلمەيمىز. بۇ مەنقىبەلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى ئابدۇل غافىرنىڭ قەشقەر تارىخىغا ئائىت ئەسىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن جەمال قارشى(ئەبۇل فازىل بىن مۇھەممەد)نىڭ ھىجرىيە681- يىلى(1282) قەشقەردە يازغان <<مۈلھەقاتۇس سۇراھ>> دېگەن ئەسىرىدە خاتېرىلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ساتۇق بۇغراخان ئىسلامىيەتنى قاراخانىيلارنىڭ ھېمايىسىنى تىلەشكە مەجبۇر بولغان سامانىيلار خانىدانىغا مەنسۇپ شاھزادە ناسىرنىڭ تەسىرى ئاستىدا 12 ياش چېغىدا قوبۇل قىلغان ۋە 25 ياشقا كىرگەندە قاراخانىيلار تەختىگە چىققان. ساتۇق بۇغراخان ھىجرىيە 344-يىلى(955) ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئارتىش(ئارتۇچ)قا دەپنە قىلىنغان. ئىبنۈل ئەسىر ھىجرىيە 349- يىلى(960) نوپۇسى ئىنتايىن كۆپ بىر تۈرك توپىنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەرنىڭ تازا ئېنىق ئەمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ۋەقەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا تۈنجى تۈرك — ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ياكى مەۋجۇت ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاساسنىڭ ھازىرلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىغىلى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان(شىنجاڭ—ت)، بولۇپمۇ قەشقەرنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ يېقىن شەرق بىلەن يىراق شەرق ئوتتۇرىسىدا مۇھىم بىر ئۆتكەل نوقتىسى بولۇشى ۋە بۇ رايۇنلاردا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن تارقالغان دىنلارنىڭ تارىخى نەزەردە تۇتۇلسا، بۇ يەرلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرلەرگە تاقالغىنىدەك، ئىسلامىيەتنىڭ بۇ يەردە ئۆز جامائىتىنى خېلىلا ئىلگىرى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىشتىمۇ ئارتۇقچە ئىككىلىنىشكە ئورۇن قالمايدۇ.

قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئەسلى مەركىزى قەشقەر (ئوردۇ كەند) بولۇش بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ دەستلەپكى دەۋرلەردە شىمالدا بالاساغۇن(قوز ئوردۇ)غا قەدەر كېڭەيگەنلىكىنى ۋە بۇ يەرنىڭ قاراخانىيلارنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىرىدىن بىرى بولغان ھارۇن تەرىپىدىن ئىككىنجى پايتەخت قىلىپ بىكىتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. كېيىنچە دۆلەت غەرپكە قاراپ كېڭەيگەن مەزگىلدە ۋە غەربىي قىسىمنىڭ مەركىزى سەمەرقەندكە كۆچۈرۈلگەنگە قەدەر مۇشۇ يەرلەرنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان ئۆزكەند مۇھىم بىر ئىدارە مەركىزىگە ئايلاندى. 11- ئەسىردە ئاھالىسى تۈركلەر بىلەن سوغدىلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى مەلۇم بولغان بالاساغۇن( قوز ئوردۇ، يەرلىك ئاھالىلار تەرىپىدىن قۇز ئۇلۇش كېيىنچە قۇز بالىق دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان) مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەسىرىدە شۆھرەتلىك ۋە مەشھۇر بىر شەھەر سۈپىتىدە ئۇچرىسىمۇ، شەھەرنىڭ ئەسلى ئورنىنى تەيىن قىلىشتا قېيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇنىڭ تاراز(تالاس، بۈگۈنكى ئەۋلىيا ئاتا)نىڭ شەرقىي شىمالىدا بولۇشى ياكى توقماق شەھرىگە توغرا كېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن. ھەر ھالدا چۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئۆزكەند ھەققىدە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەسىرىدە بىرىلگەن مەلۇمات باشقا مەزمۇنلارغا نىسبەتەن خېلىلا ئاز.[4][4]

تۈركلەرنىڭ نىسبەتەن كىچىك تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە تەبىئىي ھالىتى جەھەتتىن مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان بۇ مۇھىم نوقتىلار قاراخانىيلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە دۆلەتنىڭ كېڭىيىش پىلانى مەۋجۇت ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەبىئىي ھالدا ئېنىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى. قاراخانىيلارنىڭ شەرقتىن بەكرەك غەرپكە قاراپ بۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبىنى بۇ سۇلالىنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان باغلىنىشلىقى ۋە سامانىيلارنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن غەربىي تۈركىستان ئىشلىرىگە ئارىلىشىشنىڭ تېخىمۇ قولاي بولغانلىقىدىن باشقا يەنە بۇ دەۋرلەردە تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ غەرپكە قاراپ كۆچكەنلىكى بىلەنمۇ ئىزاھلاش مۇمكىن. ھازىرغا قەدەر ئاساسىي بەلگىلىرى بىلەن ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، تۈرك قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت مىللىي باغلىنىشنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇشى ۋە غەرپكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن تۈرك قەبىلىرى ئىچىدە قاراخانىيلارغا رەقىپ بولالىغۇدەك يەنە بىر تۈرك دۆلىتىنىڭ تېخى قۇرۇلمىغانلىقى بۇ قەبىلىلەرنىڭ بىرلا تۈرك دۆلىتى مەركىزىگە باغلىنىش ئىمكانىيىتىنى ئاسانلاشتۇردى. تۈرك مىللىي ئەنئەنىسىگە ۋەكىللىك قىلغان قاراخانىيلارنىڭ سامانىيلارغا نىسبەتەن بۇ تارقاق جامەئەتلەرنى تىزلا ئۆزىگە قارىتىشى ناھايىتى تەبىئىيدۇر. قەشقەرنىڭ تەبىئىي بىر ئىچكى ھويلىسى بولغان خوتەننىڭ ئىشغال قىلىنىشىمۇ خېلى كېيىنكى ۋاقىتقا قالغان ئىدى.

تۈرك دۆلەتلىرى تۈرك قەۋمىي تەشكىلاتىدىن ئۈستۈن تۇرۇش بىلەن بىرلىكتە ئاشۇ قەۋمىي تەشكىلات ئاساسىدا قۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن بۇلارنىڭ ھىچ بىرىسىدە ھەقىقىي بىر ئىدارى مەركىزى تەسىس قىلىنمىغان ئىدى. دۆلەتنىڭ ئايرىم بۆلگىلىرىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىدارە ئىشلىرىدا ناھايىتى كەڭ سالاھىيەت بىلەن خانىدان ئەزالىرىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇرۇلىشى ۋە بۇ بۆلگىلەرنىڭ دۇچ كەلگەن ئەھۋاللارغا قاراپ بىر بىرىدىن ناھايىتى پەرقلىق بىر سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىشى ئەسلى مەركەزنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆپ قېتىم ئاجىزلاتقان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرغىنىدەك، دۆلەت رەھبەرلىكىدىكى ۋارىسلىق مەسلىسىنىمۇ بىر تالاش– تارتىش تېمىسىغا ئايلاندۇرغان ۋە يىللارنىڭ ئإتىشى بىلەن سانى ئارتىپ بارغان رەقىپلەرنى بىر بىرىدىن ھەر ۋاقىت خەۋپسىرەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. بۇ خىل ۋەزىيەتتە، بولۇپمۇ ئارىدىن كۈچلۈك بىر شەخس ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى باشقىلارغا قوبۇل قىلدۇرالمىغان دەۋرلەردە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى مۇدائىپە قىلىش قېيىنلاشتى، ھەتتا بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. تەرىپىنى قىلىپ بىر مۇنچە گەپ قىلىشقا بولىدىغان ۋە ئۆز دەۋرىدە قەۋمىي تەشكىلات ئاساسىغا تايانغان تۈرك مىللىي قۇرۇلمىسى جەھەتتىن پايدىسىز بولمىغان بۇ خىل ئىدارە قىلىش شەكلىنىڭ، بولۇپمۇ تاشقى دۈشمەنلەر بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەتتە بولۇش ھالىتىدە تۇرغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئاپەتلىك بىر نەتىجىنى بىرىدىغانلىقىنى دېيىشنىڭمۇ ھاجىتى يوقتۇر. قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ نىسبەتەن قىسقا بىر مەزگىل داۋاملىشىشىدا ۋە قەدىمىي كۈلتۈر ساھەلىرىدە قۇرۇلغانلىقىغا قارىماي، تۈرك كۈلتۈر تارىخىدا ئۆزىدىن كۈتۈلگەن نەتىجىلەرنى بىرەلمىگەنلىكىدىمۇ بۇ خىل مۇقىمسىزلىقنىڭ چوڭ بىر تەسىرى بولغانلىقى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ قاراخانىيلار غەرپكە قاراپ ماڭغان تۈرك قەۋملىرىنىڭ رەھبەرلىكى باشقا بىر تۈرك خانىدانى بولغان سەلچۇقلارغا ئۆتكەنگە قەدەر بۇلارنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغداش شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىدى .

***

قاراخانىيلارنىڭ غەربىي تۈركىستان ئىشلىرىغا تۇنجى قېتىم ئارىلىشىشى ھارۇن(383 /993)نىڭ بالاساغۇندىن باشلىغان ھەربىي يۈرۈشى بىلەن باشلاندى. ھارۇن ماۋرەئۈننەھرىدە ھېچقانداق بىر كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىماي بۇخاراغا قەدەر ئىلگىرىلىدى ۋە بۇ يەردە ئاللىقاچان ئاجىزلىشىپ كەتكەن سامانىيلارنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، 992-يىلى بۇخارانى نۇھ(ھىجرىيە 387- يىلى/مىلادى997- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ قولىدىن تارتىۋالدى. لېكىن بۇ تۇنجى غەلىبىدىن پايدىلىنىلمىدى. ھارۇننىڭ كېسەلگە دۇچار بولۇشى بىلەن قاراخانىيلار قوشۇنى چېكىندى. سامانىيلارنىڭ ئاجىز ھالىتى ۋە قاراخانىيلارنىڭ ھۇجۇمى كېيىنچە سامانىيلارنىڭ ئورنىنى ئالغان غەزنەۋىيلەرنىڭ باش كۆتۈرىشىگە پايدىلىق ۋەزىيەت ياراتتى. ھىجرىيە 367- يىلى(977) غەزنە ئەمىرى دەپ ئىلان قىلىنغان سەۋۈگ تىگىنمۇ ھىجرىيە 386- يىلى قاراخانىيلاردىن ناسىر(ھىجرىيە 403- يىلى/مىلادى1012- 1013-يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ ئۆزكەندتىن ئاتلانغان قوشۇنىماۋرەئۈننەھرىگە كىرگەن ۋاقىتتا نۇھ تەرىپىدىن ياردەمگە چاقىرىلدى. سەۋۈگ تىگىن بىلەن ناسىر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن سىر دەريا ھاۋزىسى قاراخانىيلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتتى. سەۋۈگ تىگىن بولسا ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. نۇھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ناسىر ئۇرۇشسىزلا بۇخارانى ئىشغال قىلدى(389/999). لېكىن، ناسىر قاراخانىيلار قوشۇنىنى بىر قانچە قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان سامانىيلاردىن ئەبۇ ئىبراھىم ئىسمائىل(395/1005) بىلەن يەنە بىر مەزگىل ئۇرۇش قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن سامانىيلار مەسىلىسى ھەل بولدى، غەربىي تۈركىستاندا ئىككى تۈرك ھۆكۈمدارى بىر بىرى بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىدى. بىر تەرەپتىن تۈركىستاندىن بەكرەك ھىندىستان بىلەن مەشغۇل بولغان غەزنەۋىيلەرنىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن مەركەزگە بەك سادىق بولمىغان بۇ بۆلگىلەرنىڭ بېشىدىكى ئۆز خانادان ئەزالىرىغا ئانچە ئىشەنمىگەن قاراخانىيلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىپ ئارىدىكى دوستلۇققا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. مەھمۇد غەزنەۋى (389-421 = 999-1030)نىڭ ناسىرنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىشى بۇ ياخشى مۇناسىۋەتنى تۇغقانچىلىق ئالاقىسى ئارقىلىق كۈچەيتتى. ناسىردىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان توغان(ھىجرىيە 408-يىلى/مىلادى 1017- 1018- يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن)مۇ مەھمۇدنىڭ ئىتتىپاقچىسىغا ئايلانغىنىدەك، ئۇنىڭ قېرىندىشى ۋە تەخت ۋارىسى ئارسلانخان(ھىجرىيە 416 -يىلى/مىلادى 1025- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) دەۋرىدىمۇ بۇ ياخشى مۇناسىۋەت داۋام قىلدى. مەھمۇد ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلى مەسئۇدنى ئارسلانخاننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر قىزغا ئۆيلەندۈردى. كېلىن بەلختە كاتتا مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى. قاراخانىيلاردىن سەمەرقەند خانى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ توغانخاننىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن ئارسلانخاننى ئىتىراپ قىلىشنى خالىمىغانلىقى سەۋەبىدىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەھمۇدقا مۇراجىئەت قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تەختىگە چىقىپ كۈچلۈك نوپۇزى ئارقىلىق خانىداننىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئۆز ھاكىمىيىتىنى مەجبۇرى ئىتىراپ قىلدۇرغان يۈسۈپ قادىرخان 1019-يىلى مەھمۇد بىلەم كۆرۈشتى. نەتىجىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. قاراخانىيلارنىڭ خانىدان ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئىچكى نىزادىن پايدىلانماقچى بولغان مەھمۇد ھىجرىيە 416-يىلى(1025) سەمەرقەند ئەتراپلىرىغا قەدەر كەلگەن ۋاقىتتا ئىككى ھۆكۈمدار قايتا كۆرۈشۈپ ئوتتۇرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كېڭىشىپ، زىياپەت بىرىش ۋە ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە كۆپ سوغا تەقدىم قىلىش ئارقىلىق ئىشنى ناھايىتى چىرايلىق ھەل قىلدى. كېيىنچە تولۇق ئىجرا قىلىنمىغان بۇ كېلىشىم قاراخانىيلارنىڭ خانىدان ئەزالىرى ئارىسىدىكى بەزى ئىختىلاپلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئائىت(ماۋرە ئۈننەھرىنى ئەلى تىگىننىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى ياغانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، قادىرخاننىڭ قىزىنى مەھمۇدنىڭ ئىككىنجى ئوغلى مۇھەممەدكە ۋە مەھمۇدنىڭ قىزىنى ياغانغا ياتلىق قىلىش) مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

مەھمۇد ھىجرىيە 421- يىلى(1030) ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى مۇھەممەد ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ قىسقا ۋاقىت تەختتە ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئورنىغا مەسئۇد چىققاندىن كېيىنمۇ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتى. مەسئۇد 1031- يىلى تەختكە چىققانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە بۇرۇنقى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكىدە قەشقەردىكى يۈسۈپ قادىرخانغا بىر ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتتى. بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپىلىرى ئىچىدە قادىرخاننىڭ قىزىنى مەسئۇدقا ۋە قادىرخاننىڭ ئوغلى بۇغرا تىگىننىڭ قىزىنىمۇ مەسئۇدنىڭ ئوغلى مەۋدۇدقا ياتلىق قىلىش ھەققىدىكى ئارزۇمۇ بار ئىدى. لېكىن، بۇ مۇزاكىرىلەر يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئۆلۈمى( /4231032)سەۋەبىدىن بىراز ئۇزۇنغا سوزۇلدى. مەسئۇد ئەنئەنىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قەشقەردىكى بۇغرا تىگىن سۇلايمان ئارسلانخان(ھىجرىيە 425- ياكى 448 -يىلى/مىلادى 1034- ياكى 1056-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)غا دادىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تەختكە چىققانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەلچىلەرمۇ ۋەزىپىسىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملاپ ھىجرىيە 425 – يىلى1034 ) غەزنەگە قايتتى. مەۋدۈدنىڭ لايىقى يېرىم يولدا ئالەمدە ئۆتكەن. ئەمما مەسئۇدنىڭ لايىقى غەزنەگە سالامەت ئۇلۇشىپ، ئۇ يەردە كاتتا مۇراسىم ۋە تەنتەنە بىلەن قارشى ئېلىنغان.

ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ ئىتتىپاق ۋە دوستلۇق ئىپادىلىرىگە قارىماي، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بەزىدە سەۋەپلىرى تازا ئېنىق بولمىغان ئۇرۇشلار(ھىجرىيە 396- يىلى/مىلادى 1006- يىلى مەھمۇد ھىندىستانغا يۈرۈش قىلغاندا ناسىرنىڭ نىشاپۇر، تۇس ۋە بەلخنى ئىشغال قىلىشى ۋە مەھمۇدنىڭ ئارقىغا قايتىشى بىلەن ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى، ھىجرىيە 398-يىلى/مىلادى 1008- يىلى يەنە بىر دەھشەتلىك ئۇرۇشنىڭ يۈز بىرىشى ۋە نىھايەت ھىجرىيە 410- يىلى/مىلادى1019- يىلى ئارسلانخان بىلەن قادىرخاننىڭ بىرلىكتە مەھمۇدنىڭ مەملىكىتىگە ھۇجۇم قىلىشى) يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆزگەرىتكىدەك بىر خاراكتىر ئالمىغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

قاراخانىيلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئىختىلاپى كۈچەيگەنسېرى مەركەزنىڭ تېخىمۇ بەكرەك ئاجىزلاشقانلىقى ۋە غەربىي تۈركىستان ئىشلىرىغا پايدىلىق بىر ھەرىكەتتە بولالمىغانلىقى مەلۇم. مەسئۇد مەھمۇدنىڭ قىزىنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىدىن قورقغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ياغانغا بىرىشنى خالىمىغىنىدەك، ئېلى تىگىنگە قارىتا سىياسىتىنىمۇ ئۆزگەرتكەن ۋە ئۆزىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن سەلجۇقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ياردەم قىلىش شەرتى بىلەن ئېلى تىگىننىڭ ئوغلى ئالپ تىگىن بىلەن كېلىشىشنىڭ لازىملىقىنى ھىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇدنىڭ ئوغلى سەئىد ئالپ تىگىننىڭ سىڭلىسى بىلەن ۋە مەھمۇدنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى بولغان ناسىرنىڭ قىزىمۇ ئالپ تىگىن بىلەن توي قىلغان.

***

ھىجرىيە 430 – يىلى(1039) ماۋرەئۈننەھرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ناسىرنىڭ ئوغلى ئىبراھىمنىڭ(بۆرى تىگىن، ھىجرىيە 460 – يىلى/مىلادى 1068 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) قولىغا ئۆتتى. مەسئۇدنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئالپ تىگىنگە قارشى ھەرىكىتى سەلچۇقلار تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشكەن ۋە قاراخانىيلار تەرىپىدىنمۇ قارشىلىققا ئۇچرىمىغان ئىبراھىم دەستلەپتە قاراخانىيلارنىڭ بىر ۋاسسالىدەك ھەرىكەت قىلدى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ رايوننى ئايرىم بىر دۆلەت ھالىتىگە كەلتۈرۈۋالدى. بۇ ئىشتا سەلچۇقلارنىڭ 1040 -يىلى مەسئۇد غەزنەۋىينى مەغلۇپ قىلىپ خوراساندا ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشىنىڭمۇ پايدىسى بولدى. بۇ ۋەزىيەت ئانچە ئۇزۇن داۋاملاشمىدى، غەزنەۋىيلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن سەلچۇقلارمۇ ماۋرەئۈننەھرىدە ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئۇرۇش باشلىدى. ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان شەمسۈل – مۈلك(ھىجرىيە 472- يىلى /مىلادى 1080-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ دەۋرىدە سەلچۇقلارنىڭ ھۇجۇمى كۆپەيدى. نىھايەت مەلىكشاھ( ھىجرىيە- 485يىلى / مىلادى 1092- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدىن كېيىن شەمسۈل – مۈلك سەلچۇقلارنى ئۆزىگە مەتبۇ دەپ ئىتىراپ قىلدى. قاراخانىيلاردىن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغۇللىرى توغرۇل بىلەن ھارۇننىڭ بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلانماقچى بولۇپ شەمسۇل – مۈلك ئۈستىگە يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە ئىككى قاراخانىيلار دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا خوجەنتنىڭ چېگرا قىلىپ بىكىتىلگەنلىكى مەلۇم. شەمسۈل- مۈلكنىڭ ئورنىغا ئىنىسى خىزىر(ھىجرىيە 473- يىلى/مىلادى1081- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئەھمەد(ھىجرىيە 488- يىلى/مىلادى1095- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) تەختكە چىققان. ئەھمەد دەۋرىدە مالىكشاھ ھىجرىيە 482 – يىلى(1089) بۇخارانى ئىشغال قىلىپ، يەنە بىر قېتىم سەمەرقەندكە قاراپ يۈرۈش قىلغان ۋە ئۆزكەندكە قەدەر ئىلگىرىلەپ بارغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قەشقەر خانى ئۆزكەندكە كەلگەن ۋە ئىككى ھۆكۈمدار ئوتتۇرىسىدا مەلىكشاھقا پايدىلىق بىر كىلىشىم تۈزۈلگەن.

غەربىي قاراخانىيلارنىڭ تارىخى شۇنىڭدىن كېيىن سەلچۇقلار بىلەن چىڭ باغلىنىپ كەتتى. بۇ يەردە ھۆكۈم سۈرگەن قاراخانىيلار سەلچۇقلارنىڭ بېقىندىسى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ غەربىي تۈركىستاندا ھايات دائىم تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئەمەس. بۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالدا ئوڭشاش ئۈچۈن مەيلى مەلىكشاھ ياكى سەنجەر بولسۇن سەلچۇقلار بىر قانچە قېتىم سەمەرقەندكە قاراپ يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ دەۋردە مەملىكەتنى ئىدارە قىلغان ئەڭ مۇھىم كىشى سۇلايمان ئوغلى مۇھەممەد ئارسلانخان( ھىجرىيە 525/مىلادى 1131- يىلى ئالەمدىن ئإتكەن) ئىدى. 1109- يىلى ئىچكى مۇقىملىقنى ياراتقان مۇھەممەد ئارسلانخان دەۋرىدە بۇ يەرلەر 20 يىل خاتىرىجەملىككە ئىرىشتى. سەنجەرنىڭ ئإلۈمىدىن كېيىن(552 /1157) ماۋرەئۈننەھرىنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالغان خارازىمشاھلار دەۋرىدىمۇ ۋە غەربىي قاراخانىيلارنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى ئوسمان(ھىجرىيە 610 – يىلى /مىلادى 1213- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ دەۋرىگە قەدەر بۇ ۋەزىيەتتە چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولمىغان بولسا كېرەك.

***

قاراخانىيلارنىڭ ئەسلى مەركىزى بولغان قەشقەر، بالاساغۇن، ئۆزكەند ۋە بۇ شەھەرلەرگە قاراشلىق بۆلگىلەرنىڭ تارىخى غەربىي قاراخانىيلار تارىخىغا نىسبەتەن خېلىلا قاراڭغۇ. ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قاراخانىيلار ھەققىدە بۇلارنىڭ ئإزىدىن بەكرەك ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبى بىلەن مەلۇمات بىرىلگەن. شۇ سەۋەپلىك، بۇ تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزىگە يېقىن بولغان ۋە ئۇ يەردىكى ۋەقەلەرگە ئىشتىراك قىلغان غەربىي قاراخانىيلار ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇمات ئۇچرىسىمۇ، بۇ مەركەزدىن يىراق بولغان ۋە ئۇ يەردىكى ۋەقەلەر بىلەن ئالاقىسى ناھايىتى ئاز بولغان شەرقىي قاراخانىيلاردىن سۆز ئېچىلمىغان ئىدى. بەزىدە تاسادىپىي ئۇچرايدىغان خاتىرىلەردە بىرىلگەن مەلۇماتمۇ كۆپۈنچە خاتا ۋە قالايمىقاندۇر. بىر پۈتۈن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ باشچىسى سۈپىتىدە تۇنۇلغان ئاخىرقى ھۆكۈمدار يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى سۇلايمان ئارسلانخان بولدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، قەشقەردە ھىجرىيە 433-يىلى(1034) بۇ سالاھىيەتتىكى سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن مەسئۇد غەزنەۋىي ئارىسىدا ئىتتىپاق تۈزۈلدى. ناسىر ئوغلۇ ئىبراھىم(بۆرى تىگىن)نىڭ ماۋرەئۈننەھرىدىكى ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قاراخانىيلار دۆلىتى شەرق ۋە غەرپتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى. لېكىن، ئىبراھىمنىڭ دەۋرىگە ياكى ھىچ بولمىغاندا سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئۆلۈمىگە قەدەر غەربىي قىسىمنىڭ قەشقەر ھۆكۈمدارىنى دۆلەتنىڭ رەئىسى سۈپىتىدە ئىتىراپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئىھتىمالغا يېقىن.

يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ قەشقەردە چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلانخان(بۇغرا تىگىن)، تاراز(تالاس)، ئىسفىجاب ۋە شاش(تاشكەند)تا كىچىك ئوغلى مەھمۇد(مۇھەممەد) بۇغراخان(ياغان تىگىن) ۋە ئۆزكەندتە باشقا ئىككى ئوغلى تۇغرۇل بىلەن ھارۇن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ مەركەزلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانداق شەكىلدە داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، قوللانغان ئۈنۋانلىرىغا نەزەر سېلىنسا قەشقەر خانىنىڭ باشقا مەركەزلەرنىڭ ھإكۈمرانلىرى تەرىپىدىن باشچى سۈپىتىدە تۇنۇلغانلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. شەمسۈل- مۈلككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ۋە قاراخانىيلارنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسمى ئوتتۇرىسىدا خوجەندنى پاسىل قىلىپ بىكىتىش بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي يۈرۈش ھەر ھالدا تۇغرۇل( ھىجرىيە 467- يىلى/مىلادى 1074- 1075- يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن) بىلەن ھارۇن(ھىجرىيە 496- يىلى/ مىلادى1103 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئىسفىجاب ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەھمۇد بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ كۆپۈنچە غەربىي قاراخانىيلار تەۋەسى بىلەن ئالاقىدار ئىشلاردا بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلاردىن مەھمۇدنىڭ نەۋرىسى قادىرخان جەبرائىل ھىجرىيە 495 – يىلى(1102) ماۋرەئۈننەھرىنى ئىشغال قىلدى ۋە سەلچۇقلار زىمىنىغا قەدەر ئىلگىرىلەپ بىرىپ، تىرمىزنى ئالدى. لېكىن بۇ شەھەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا سەنجەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئاشۇ ئائىلىدىن بولغان مۇھەممەد ئارسلانخانمۇ غەربىي قاراخانىيلارنىڭ تەختىدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەردىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

قەشقەردە ھۆكۈم سۈرگەن سۇلايمان ئارسلانخان ۋە ئۇنىڭ تەخت ۋارىسلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار ناھايىتى ئاز. ھىجرىيە 423- يىلى (1032) دادىسىنىڭ ئورنىغا چىققان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ھىجرىيە 448 – يىلى(1056)غا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەنلىكى ئىھتىمالدۇر. قولىمىزدا مەۋجۇت خاتىرىلەردە سۇلايمان ئارسلانخاندىن كېيىن يەنە تۈۋەندىكى ھإكۈمدارلارنىڭ ئىسملىرى بىرىلگەن: 1- ھەسەن بىننى ئارسلان، 2- ئەھمەد بىننى ھەسەن، 3- ئىبراھىم بىننى ئەھمەد، 4- مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم، 5- يۈسۈپ بىننى مۇھەممەد، 6- مۇھەممەد بىننى يۈسۈپ. بۇلاردىن ھەسەن بىننى ئارسلان(ھىجرىيە 496- يىلى/مىلادى 1103- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)غا ھىجرىيە 462 – يىلى(1069- 1070 ) يېزىلغان <<قۇتادغۇ بىلىگ>> تەقدىم قىلىنغىنىدەك، يەنە ئاشۇ ھۆكۈمدار دەۋرىدە ھىجرىيە 474- يىلى(1082) ياكى 496- يىلى(1101) يەركەندە تۈزۈلگەن بىر مەھكىمە ۋەسىقىسىمۇ مەۋجۇت. ئەھمەد بىننى ھەسەن ھىجرىيە 496- يىلى(1103) تەختكە چىققان بولسا كېرەك. بۇ ھۆكۈمدارنىڭ 1105- يىلى مەھمۇد بىننى ئابدۈل جەلىلۈل كاشغەرى دېگەن بىر كىشىنى خەلىفە مۈستازھىر بىللاھنىڭ ھوزۇرىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە خەلىپىنىڭ ئۇنىڭغا <<نۇرۈددىن دەۋلە>> ئۈنۋاننى بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. ئاشۇ ھۆكۈمدار ھىجرىيە 522- يىلى(1128) قەشقەردىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتىكى جايدا قاراخىتايلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان بولسىمۇ، بۇ غەلىبىگە مۇناسىپ ھالدا قاراخىتايلارنىڭ ھۇجۇمىنى توختىتالمىدى. قاراخىتايلار ئۆزىگە پايتەخت قىلغان بالاساغۇننى ئۇرۇشسىزلا ۋە بۇ يەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ رەقىپلىرىگە قارشى ياردەمچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىشى نەتىجىسىدە قولغا كىرگۈزگەنلىكى توغرا بولسىمۇ، قاراخانىيلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئىختىلاپلىرىنىڭمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. قەشقەرنىڭ بىر مەزگىل قاراخىتايلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى شۈبھىسىز بولسىمۇ، ئەپسۇس بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىدىغان مەلۇمات قولىمىزدا يوق. شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارلار تىزىملىكىدە تىلغا ئېلىنغان ئىبراھىم بىننى ئەھمەد بىلەن مۇھەممەد بىننى ئىبراھىم ھەققىدە ھىچقانداق بىر خاتىرە بولمىغىنىدەك، يۈسۈپ بىننى مۇھەممەدنىڭ ھىجرىيە 601-يىلى(1204)، مۇھەممەد بىننى يۈسۈپنىڭ بولسا ھىجرىيە 607-يىلى(1210-1211) ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدىن باشقا مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.

يۇقىرىدا قاراخانىيلارنىڭ قوشنىلىرى، بولۇپمۇ غەزنەۋىيلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى بۇ ئىككى خانىدان ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھ مەسىلىسى ھەققىدە توختالدۇق. بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بەلكىم قانداشلىق چۈشەنچىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە تارىختا خاتىرىلەنگىنىدەك پەقەت بۇ خىل رەسمىي ساداقەتتىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن ئەمەس. دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ ۋە ئۇلۇغلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر مۇنچە شەخسلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق باغلانغانلىقى مۇمكىندۇر. بولۇپمۇ تاجدار ۋە تاجسىز شاھزادىلارنىڭ مۇشۇنداق سارايلاردا تەربىيە كۆرۈپ دەستلەپكى ھايات دەرسىنى ئېلىشى تۈرك مۇھىتىدا كۆپ كۆرۈلگەن ۋەقەلەردىن بىرى ئىدى. بۇ سارايلار ئوتتۇرىسىدا رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي يوسۇندىكى دائىملىق زىيارەتلەر ۋە مىھماندارچىلىقلار بولۇپ تۇراتتى. شاھزادىلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان شەخسلەر، رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي ئەلچىلىكلەر ۋە زىيارەتلەر، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز مۇھىتىدا ئادەتكە ئايلانغان ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرمەكچى بولۇشى ۋە يېڭى مۇھىتتا ئىرىشكەنلىرىنى تۇغقان ۋە يېقىنلىرىغا كۆرسىتىش ئارزۇسى شۈبھىسىزكى رەسمىي سوغاتلار تىزىملىكىگە كىرمىگەن بىر مۇنچە كۈلتۈر ماتىرىياللىرىنىڭ بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئۆتىشىگە سەۋەپ بولغان. بۇ خىل شەكىل بىلەن ھەر ئىككى مۇھىتتا ئىشتىياق بىلەن ئوقۇلغان ئەسەرلەرنىڭمۇ بۇ خىل نادىر سوغىلار ئارىسىدا بولۇشى تەبىئىيدۇر. بۇنىڭدىن باشقا قاراخانىيلارنىڭ ھەم سامانىيلار ھەم غەزنەۋىيلەر بىلەن بولغان ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەزگىللىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، نىھايەت ئىختىساد ۋە تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈلتۈر ئالاقىسى ئىشىدا ھەر يەردە ۋە ھەر دەۋردە ئوينىغان رولىنى قەدىمىي تىجارەت يولىنىڭ بۇ مۇھىم تۈگۈن نوقتىسىدىمۇ تېخىمۇ ئاسان ئوينىغانلىقى تەبىئىيدۇر. باغدادقا قەدەر بارغان ۋە مەشھۇر ئەسىرىنى شۇ يەردە يازغان مەھمۇد كاشغەرى بۇ خۇسۇستا بىر ئايرىملىق بولماستىن بەلكى بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن بىر مىسال بولىدۇ. بۇنىڭ قارشى تەرەپتىمۇ ئەينى شەكىلدە داۋام قىلغانلىقىنى ئاسانلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنى يالغۇز غەرپ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە شەرق بىلەنمۇ كۆپرەك داۋام قىلدۇرغانلىقى ئېنىقتۇر. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر ساھەلىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر بىلەن ئەسىرلەر بويى داۋام قىلدۇرغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى بىردىنلا ئۆزۈپ تاشلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. قەشقەر تەۋەسىدە ئىسلامىيەتنىڭ تارقىلىشى بىلەن يېڭى مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ رۇھانىي گۇرۇھىنىڭ باشقا دىنلارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇشى مۇمكىندۇر. لېكىن ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى رەتكە سالىدىغان ئاساسلارغا ھېچ يەردە، بولۇپمۇ تۈرك تارىخىدا پەقەت دىنىي كۆز بىلەن قارالمىغانلىقىمۇ ئىسپاتلاشقا مۇھتاج بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېنىقتۇر.

***

3-قەشقەر ھۆكۈمدارى ھەسەن بىننى سۇلايمان

<<قۇتادغۇ بىلىگ>> تەقدىم قىلىنغان بۇ قەشقەر ھۆكۈمدارى ئەسەرنىڭ پەرغانە نۇسخىسىدا <<خاقانۈل- ئەجەللۈل- مۈئەييەد ناسىرۈل- ھەققى ۋەد- دىن تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن ئارسلان خان>>(ئۇلۇغ، ئىلاھى قۇدرەت ئارقىلىق ھېمايە قىلىنغان، ھەق ۋە دىننىڭ ياردەمچىسى خاقان تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن ئارسلان خان) ۋە ئەينى دەۋرگە ئائىت بولۇپ يەركەندە تۈزۈلگەن ئەرەبچە بىر مەھكىمە ۋەسىقىسىدە ئۈنۋان ۋە نەسەبى تېخىمۇ ئېنىق قىلىنىپ، <<ئەل- خاقانۈل- ئەجەللۈس سەييىدۈل- مەلىكۈل- مۈئەييەدۈل- مۇزەففەرۈل- مەنسۇر ئىززۈد- دىن مۈشەييىدۈد- دەۋلەتىل- قاھىرە ۋە بۇرھانۈل- مىللەتىل- باھىرە ۋە كەھفۈل- ئۈممەتىت- تاھىرە غىياسۈل- مۇسلىمىن مەلىكۈل- مەشرىقى ۋەس- سىن تاۋغاچ بۇغرا قاراخاقان ئەبۇ ئەلىييىنۈل- ھەسەن بىن سۈلايمان ئارسلان قارا خاقان مۈجتەبە خالىفەتۈللاھى ۋەلىييى ۋە ئەمىرىل- مۈمىنىن >>(ئۇلۇغ، ئىلاھى قۇدرەت بىلەن ھېمايە قىلىنغان مۇزەپپەر ۋە غالىپ پادىشاھ، دىننىڭ شەرىپى، قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە نۇرلۇق مىللەتنىڭ يىتەكچىسى، پاك ئۈممەتنىڭ پاناھگاھى، مۇسۇلمانلارنىڭ نىجاتكارى، شەرق بىلەن چىننىڭ ھۆكۈمرانى، مۆمىنلەرنىڭ ئەۋلىياسى ۋە ئەمىرى بولغان ئاللاھنىڭ خەلىپىسىنىڭ سەرخىلى خاقان تاۋغاچ بۇغرا قارا خاقان ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن سۇلايمان ئارسلان قارا خاقان) شەكلىدە خاتىرىلەنگەن.

يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى بۇغرا تىگىن سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ھىجرىيە 448-يىلى(1056)غا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەنلىكى توغرا بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھۆكۈمدار 24 يىل قەشقەر تەختىدە ئولتۇرغان بولىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ يەردە بىزنىڭ بەكلا دىققىتىمىزنى تارتقان ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى ھەسەننىڭ دەۋرى ئۈچۈن شۇ تارىخنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ: يۈسۈپ <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى تەقدىم قىلغان ھىجرىيە 462- يىلى(1069-1070) ھەسەننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 14-يىلىغا، يەركەند مەھكىمە ۋەسىقىسى تۈزۈلگەن ھىجرىيە 474- يىلى(1082) ياكى ھىجرىيە 494-يىلى(1101 ) يىلى بولسا 24- ياكى 45- يىلىغا توغرا كېلىدۇ(ۋەسىقە زىدىلەنگەنلىكتىن يىلنامىدىكى بىر ساننىڭ <<يەتمىش>> ياكى <<توقسان>> ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوقۇغىلى بولمىدى. بۇ يىلنامىلاردىن بىرىنى كەسكىن قىلىپ بىكىتىش ئۈچۈن بۇ ۋەسىقە بىلەن بىرلىكتە تېپىلغان باشقا 14 ۋەسىقىنىڭ تەتقىق ۋە نەشىر قىلىنىشىنى كۈتۈش كېرەك) ھەسەننىڭ قەشقەر تەختىگە چىققان ۋاقتىدا قانچە ياش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش قېيىن. مىتال پۇللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ بىر مەزگىل تارازدا ھۆكۈم سۈرگەنلىكى مەلۇم. بۇ مىتال پۇللار ئېھتىمال ھەسەننىڭ دادىسىنىڭ ھايات چېغىدا بۇ ئەتراپلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىگە ئائىت بولۇشى، شۇنىڭدەك تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئائىت بولۇشىمۇ مۇمكىن. تەختكە چىققان ۋاقىتتا ئانچە ياش ئەمەسلىكى پەرەز قىلىنىۋاتقان بۇ ھۆكۈمدارنىڭ 1103- يىلى ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى قاراش توغرا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ 47 يىلدەك ئۇزۇن ۋاقىت تەختتە ئولتۇرغانلىقى ۋە خېلىلا قېرىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. 1089-يىلى سەلچۇقلاردىن مەلىكشاھ بىلەن ئۆزكەندتە بىر كىلىشىم تۈزگەن قەشقەر ھإكۈمدارىمۇ ھەسەن بولۇشى كېرەك.

ھەسەن ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 10- يىللىرى ئەتراپىدا قاراخانىيلارنىڭ ئەسلى زىمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان(شىنجاڭ-ت)نىڭ ئىسلام ۋىلايەتلىرى بىلەن شىمالدىكى بالاساغۇن ۋە تاراز بۆلگىلىرىنى ھاكىمىيەت ئاستىغا ئېلىپ، قائىدە – نىزامنى يولغا قويۇپ، ياخشى بىر ھۆكۈمدار كىشى سۈپىتدە شۆھرىتىنى ئەتراپتىكى مەملىكەتلەرگىمۇ يايغان ئىدى. بۇ دەۋردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەر، غەزنەۋىيلەرنىڭ يوقىلىشى، سەلچۇقلار ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رايوندا باش كۆتۈرۈشكە باشلىشى ۋە ماۋرەئۈننەھرىدىكى قاراخانىيلار خانىدان ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۇرۇشلىرى بىلەن نورمال ھايات ئۆز يولىدىن چىققان بىر دەۋردە قەشقەر ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردىن بىزار بولغان ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئارزۇ قىلىنغان راھەت بىر ماكان ھېساپلانسا كېرەك. يەركەندە تۈزۈلگەن مەھكىمە ۋەسىقىسىدە ئىسمى ئۇچرايدىغان مۇشۇ ئەتراپنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە قازىسى بولغان شەيخ قازى ۋە ئىمام ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد بىن ئابدۇس- سەمەد بىن ئىسمائىل ئەل- بۇخارىنىڭمۇ بۇ دەۋردە ئاشۇ خىل تۇيغۇ بىلەن مۇشۇ يەرلەرگە قەدەر كېلىپ مەمۇرىيەتكە ئېرىشكەن شەخسلەرنىڭ تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى ئەمەسلىكى ئېھتىمالدۇر.

***

4-قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان ئەسەرلەر

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركلەرنىڭ پىكىر ۋە سەنئەت ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بىرىدىغان ھېچقانداق بىر ئەسەرگە ئىگە ئەمەسمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت مەنبەلەرنى ناھايىتى ئەستائىدىللىق بىلەن كۆزدىن كەچۈرگەن بارتولد قاراخانىيلار تەۋەسىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن پەقەت بىر قانچىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭ بىرى مەجدۈد-دىن مۇھەممەد بىننى ئەدناننىڭ تۈركىستان ۋە خىتاي تارىخىغا ئائىت ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئىبراھىم بىننى ناسىر(ھىجرىيە 460- يىلى/مىلادى 1068- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)ئۈچۈن يېزىلغان ئىدى. ئەسەر بىزگە قەدەر يىتىپ كىلەلمىگەن. ئەسەرنىڭ تۈركىستانغا ئائىت قىسمىدىن ئەۋفى (ھىجرىيە 630- يىلى/مىلادى 1233- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) پايدىلانغان ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دەستلەپكى بوۋىسى قاراخان ھەققىدىكى ئەپسانىۋىي مەنقىبەنى نەقىل كەلتۈرگەن. خىتاي تارىخى قىسمىدىن بولسا شۈكرۇللاھ زەكىنىڭ <<بەھجەتۇتتەۋارىخ>>(تەخمىنەن ھىجرىيە 861- يىلى/مىلادى 1457- يىلى يېزىلغان) دېگەن ئەسىرىدە سۆز ئېچىلىدۇ. يەنە بىر ئەسەر مۇھەممەد بىننى ئەلى ئەل-كاتىب ئەل- سەمەرقەندىنىڭ << ئەغرازۇسسىياسە فى ئىلمىر-رىياسە>> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ مەسئۇد بىننى ئەلى ئۈچۈن(488-490/ 1095-1097) يېزىلغان. بىر نۇسخىسى دەۋرىمىزگە قەدەر يىتىپ كەلگەن بۇ ئەسەردە [5][5]سەلچۇقلاردىن سەنجەر(ھىجرىيە553- يىلى/مىلادى1157- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ تەرجىمىھالى كۆپۈنچە قىسقا بىر ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىنغان. ئەسەرنىڭ مەسئۇد دەۋرىگە ئائىت ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى ئەڭ مۇھىمدۇر.

ئەسلىدىكى قاراخانىيلارنىڭ مەركىزىدە ياشىغان ئالىملاردىن پەقەت بىرىسىنىڭ ئەسەرلىرى مەلۇم. بۇ ئالىم ئەبۇل – فۈتۇھ ئابدۇلغافىر (ياكى ئابدۇلغاففار) بىننى ھۈسەينىل -ئالمائىيۈل كاشغەرى(ھىجرىيە 486- يىلى/مىلادى1083- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)دۇر. مۇئەللىپنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھىجرىيە 486- يىلى(1093) ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇئەللىپنىڭ قەشقەر تارىخى ھەققىدە يازغان ئەسىرىدىن جەمال قارشى پايدىلانغان. يەنە بىر ئەسىرى <<مۇجەمۈش-سۈيۇھ>> سەمئانىنىڭ ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. دادىسى بالاساغۇنلۇق بولۇپ، ئۆزى ئالمالىقتا تۇغۇلغان جەمال قارشى ھىجرىيە681- يىلى(1282) ئەل- جەۋھەرىنىڭ <<ئەس- سىھاھ فىل- لۇغا>> ناملىق لۇغىتىنى <<ئەس- سۇراھ>> دېگەن نام بىلەن ئەرەبچىدىن پارسچىغا تەرجىمە قىلغان. 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇنىڭغا ئەرەبچە بىر ئىلاۋە (<<مۈلھاقاتۇس-سۇراھ>>) قوشۇلغان. بۇ ئىلاۋىدا جەمال قارشى بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا سۇلالىرى، بولۇپمۇ بۇ يەردە مەشھۇر بولغان شەيھ ۋە ئالىملار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. 16- ئەسىرنىڭ مۇئەللىپلىرىدىن مۇھەممەد ھەيدەر جەمال قارشىنى بالاساغۇنغا تەرەپدار بولغان كىشى دەپ ئەيىپلىگەن. جەمال قارشى ھەر بىر شەھەرنىڭ مۇھىم كىشىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، سەمەرقەندلىكلەردىن 10 كىشىنى ئاز سانىغان بولسىمۇ، بالاساغۇنلۇقلارنى شۇ قەدەر كۆپ كۆرسەتكەن ئىدىكى يالغۇز بىرلا شەھەردە ئەينى دەۋردە شۇ قەدەر كۆپ مۇھىم شەخسنىڭ جەم بولغانلىقىنى مۇھەممەد ھەيدەر توغرا تاپمىغان ئىدى. لېكىن بۇ ئەسەرنىڭ بۈگۈنگە قەدەر يىتىپ كەلگەن نۇسخىسىدا بۇ خىل مەزمۇن يوق، ھەتتا بالاساغۇنمۇ تىلغا ئېلىنمايدۇ. بۇ يەردە مۇئەللىپ بالاساغۇنلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت ئۆز شەيخى شەمسۈد-دىن ئەييۇب بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى رۈكنۈددىن ئەھمەدنى تىلغا ئالىدۇ. مانا بۇ مەلۇماتلاردىن جەمال قارشىنىڭ ئەسىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر يىتىپ كىلەلمىگەنلىكىنى ياكى مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تىلغا ئالغان ئەسەرنىڭ تېخىچىلا قولغا چۈشمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ.

بارتولد قاراخانىيلار دۆلىتىدە تارىخقا ئائىت ئانچە كۆپ ئەسەر يېزىلمىغان، دېگەن پىكىردىدۇر. بولۇپمۇ بۇنىڭغا شەرق تارىخچىلىرىنىڭ بۇ ساھەگە ئائىت بارلىق مەلۇماتلارنى ئىراندا يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئالغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. <<قۇتادغۇ بىلىگ>> شائىرى يۈسۈپنىڭ بۈيۈك تۈرك ھۆكۈمدارى توڭا ئالپ ئەر(ئەفراسىياب) ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئىران مەنبەلىرىدىن ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلىشىمۇ بۇنىڭغا ئىلاۋە بولىدۇ(280-282- بېيىتلەر). تارىخقا ئائىت بولغانلارنىڭ سىرتىدىكى ئەسەرلەر ھەققىدىكى مەلۇماتىمىز تېخىمۇ ئاز. يۈسۈپنىڭ <<قۇتادغۇ بىلىگ>>دە ھەر بىر پۇرسىتى كەلگەندە پىكىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلغان شەخسلەر بىلەن ئىسىملىرىنى تىلغا ئالمىغان دۆلەت ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرىدىغان ئاغزاكى نەقىللەرگە ئوخشىمىغىنىدەك، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئەسىرىدە كۆرىلىدىغان ئەدەبىي پارچىلارنىڭمۇ ھەممىسى خەلق ئەدەبىيات مەھسۇلى بولمىسا كېرەك. مەھمۇد <<تۈرك شائىرىنىڭ ئىسمى>> دەپ تەرىپلىگەن چۇچۇ بەلكىم كۆپرەك چۈشەنچە بىرىشنىڭ لازىمى بولمىغان مەلۇم بىر شەخس بولۇشى مۇمكىن. تۈرك مىللىتىنىڭ تۈرلۈك دەۋرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەر بۈگۈنگە قەدەر تاسادىپىي ئەھۋالدا تېپىلغان ئەسەر سۈپىتىدە بايقالماقتا. ئورخۇن ئابىدىلىرى بىلەن بىز ھازىرغا قەدەر ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇشۇ شەكىلدە مەلۇم بولدى. لېكىن، ئەمدىلىككە كەلگەندە تۈركلەرنىڭ سىياسەت، ئەدەبىيات ۋە ئومۇمەن قىلغاندا كۈلتۈر تارىخىنىڭ يورىتىلىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق تاسادىپىيلىقنى كۆتۈپ تۇرۇش توغرا ئەمەس. بىر تەرەپتىن قەدىمكى تۈرك كۈلتۈر مەركەزلىرى دائىرىسىدە پىلانلىق ھالدا قىدىرىشنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈرىي بىر ۋەزىپە بولغىنىدەك، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا كۇتۇپخانىلىرىنىڭ چاڭ – تۇزاڭلىرى ئىچىدە ئەينى تەرىزدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پىلانلىق تەتقىقاتلاردىنمۇ ناھايىتى مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كىلىدىغانلىقىنى دېيىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.

***

5- يۈسۈپ خاس ھاجىب

يۈسۈپ بىلەن مەھمۇد بىر دەۋر ۋە بىر مۇھىتتا يىتىشكەن تۈرك زىيالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدۇر. ئەسەرلىرىنى بىر بىرىدىن يىراقتا يازغان، بىر بىرىنى تۇنىمىغان ۋە بىلىشمىگەن بولسىمۇ، ئىككىلىسى ئوخشاش ماتېرىيال ئۈستىدە ئىشلەپ بىر بىرىنى تولۇقلىغان. بولۇپمۇ مەھمۇد تىل ساھەسىدە دەۋرى ئۈچۈن ئورگىنال ۋە ئىلغار بىر فىلولوگ چۈشەنچىسى بىلەن ئىزدەنگەن ۋە نىسبەتەن يېڭى بولغان سېلىشتۇرما تىل تەتقىقاتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان بىر تۈرك ئالىمىدۇر. مەھمۇدنىڭ دىققىتى يالغۇز تىل ساھەسى بىلەن چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ تۈرك مىللىتى ۋە تۈرك مەملىكەتلىرى ھەققىدىكى تارىخىي مەلۇماتلارغا سەل قارىمىغىنىدەك، ئۆز دەۋرى ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتلىرىغا ئىگە ئىدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى كېزىپ، تۈرك خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۆرگەن، ئۆزى بىۋاسىتە كۆرمىگەن تۈرك قەۋملىرى ۋە مەملىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات توپلىغان، كەڭ زېمىنغا تارقالغان بۇ قەۋملەرنىڭ ئولتۇراقلاشقان يەرلىرىنى بىر خەرىتىدە ئېنىق كۆرسەتكەن ۋە ئايرىم تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. ئەسىرىدە ھەر قانداق بىر سۆزنىڭ دەلىلى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەدەبىي پارچىلار يالغۇز بۇ مەقسەت بىلەن توپلانغان نەرسىلەر بولماستىن، زۆرۈر بولغاندا مۇراجىئەت قىلىدىغان ۋە قولىدا بار بولغان ئەسەرلەردىن ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. مەھمۇدنىڭ يازغانلىقى سۆزلىنىدىغان، لېكىن بۈگۈنگە قەدەر مەلۇم بولمىغان گىراماتىكا كىتابىدىن باشقا يەنە بۆلەك ئەسەرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى پەرەز قىلىش ئورۇنلۇقتۇر. مەھمۇدنىڭ بىزگە قەدەر يىتىپ كەلگەن ئەسىرىدىن ئۇنىڭ كۆپۈنچە تۈرك مىللىي قۇرۇلمىسىنىڭ تاشقى قىسمى بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ. يۈسۈپ بولسا بۇ مىللىي قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى قىسمى ھەققىدە توختالغان. ئۇ مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە تۈرك پىكىر مەھسۇللىرىنى پىىششىق بىلەتتى ھەمدە نۆۋىتى كەلگەندە بۇلاردىن ناھايىتى كۆپ پايدىلانغان. ئۇ تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنى تولۇق بىلەتتى. بەلكىم ئۆلگەنگە قەدەر ئاشۇ تەشكىلات ئىچىدە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. يۈسۈپنىڭ ئەسىرى بىر قاراشقىلا بىۋاسىتە ھالدا دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرۈلسىمۇ، شائىر ئەسىرىدە تەجرىبىدىن كەلگەن ئىلمىي مۇكەممەللىكى ئارقىلىق جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان شەخسلەر ۋە بۇلارنىڭ جەمئىيەت ئىچىدىكى ئورنى ۋە ۋەزىپىلىرىنى كۆرسىتىشكە تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئاجراتقان ئىدى.

***

<<قۇتادغۇ بىلىگ>> يېزىلغان دەۋر ۋە مۇھىتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، ھەم ئايرىم شەخسلەرنىڭ، ئايرىم سىنىپ ۋە گۇرۇھلارنىڭ بىلىم ۋە پىكىر سەۋىيىلىرى بىلەن بۇ ساھەدە تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان خۇسۇسىيەتلەر ۋە قوشنا مىللەت ۋە كۈلتۈر دائىرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەسەردىكى تەسىرلىرى ھەققىدە كېيىن ئەسەرنى تەھلىل قىلغان چاغدا ئايرىم توختىلىمىز. يۈسۈپ بۇ مەسىلىلەرگە بەزىدە بۇلار ئۈچۈن ئاجراتقان ئايرىم باپلاردا بىۋاسىتە ۋە بەزىدە ۋاسىتىلىق ھالدا توختالغان. ئەسەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان كامىل ئىنسان ئۇقۇمىنىڭ تەرىپىدىن باشقا يەنە بىر مۇنچە پەزىلەتلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھەر تۈرلۈك بىلىمگە ئىرىشىش، يەنى ئوقۇش، يېزىش، خەتتاتلىق، بارلىق يېزىقنى ۋە بارلىق تىللارنى بىلىش، شېئىر يېزىش، بەلاغەت، ھېساپ ۋە گېئومېتىرىيە ئۈگىنىش، ئاسترونومىيە ئىلمىگە پىششىق بولۇش، تىبابەتچىلىكتىن خەۋەردار بولۇش، چۈشكە تەبىر بىرىش قاتارلىق ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلىم تارماقلىرىنى تەشكىل قىلغان ماۋزۇلار بولغىنىدەك، تۈرك مۇھىتىغا خاس ئوۋچىلىق، قۇشچىلىق، ئوقچىلىق، چۆگەن ۋە شاھمات ئويۇنلىرىغا ئوخشاش ماھارەتلەرگە ئائىت تېمىلارمۇ بار. بەزىدە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يالغۇز بىرلا شەخسكە مەركەزلەشكەن بولۇشىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. يۈسۈپ بۇلارنى بەزىدە ئايرىم بىر بىلىم تارمىقى سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرىدۇ، بەزىدە بۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى ھەققىدە توختىلىدۇ. يۈسۈپ زىيالىي ۋە مۇتەپەككۇر بىر شەخس سۈپىتى بىلەن ئۆز دەۋرى ۋە مۇھىتىدا ئىرىشكىلى بولىدىغان بارلىق بىلىم ۋە پىكىرلەرنى ئىگىلەشكە تىرىشقىنىدەك، بۇلارنىڭ بىر قىسمىغا بىۋاسىتە ئىرىشكەنلىكىمۇ تەبىئىيدۇر. ئەسەردە قوللىنىلغان ئاتالغۇلارغا قارىغاندا، ئىلىم تارماقلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەرەبچە ۋە پارسچە ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش يولى بىلەن ئىرىشىلگەنلىكى مەلۇم. يۈسۈپنىڭ ئەرەبچە ۋە پارسچە بىلگەنلىكى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئالاقىدار قىلغان بىلىم تارماقلىرى بىلەن ئەدەبىياتقا ئەگىشىپ ماڭغانلىقى ئەسەرنىڭ تەھلىلىدىن ئاسانلا مەلۇم بولىدىغىنىغا ئوخشاش، كىتاپتا بۇ مۇھىتنىڭ قەدىمكى تۈرك ماتېرىياللىرىنى تەشكىل قىلغان بۇرخانچىلىق(بۇددىزم) كۈلتۈرى ۋە پەلسەپىسىنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەرمۇ ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ بىلىم نەزەرىيىسىدە بۇرخانچىلىق پەلسەپىسىنىڭ تەسىرى كۆرۈلمەكتە. ئەمەلدارلاردا، بولۇپمۇ دۆلەت رەئىسلىرىدە ھازىرلىنىشى لازىم بولغان خۇسۇسىيەتلەردە يۈسۈپ بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۇنجى ۋە بۈيۇك پەيلاسوپى فارابى(950- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) ئارىسىدا ناھايىتى قويۇق بىر يېقىنلىق بار ئىدى.[6][6] شائىرنىڭ نەسىلداش ھەم ۋەتەندىشى بولغان فارابىنىڭ ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ھەر قانداق كىشىدىن تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىگەنلىكىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن. 10- ۋە 11- ئەسىرلەرنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بولغان بۇ ئىككى مۇتەپەككۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرما تەتقىق قىلىش بۇ يېقىنلىقنىڭ قايسى دەرىجىگە يىتىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغىنىغا ئوخشاش، تۈرك پىكىر ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىنى شەرھىيلەپ بىرىشكە يارىغۇدەك مۇھىم نەتىجىلەرنىمۇ بىرىدۇ.

***

يۈسۈپ ئۆز ئىسمىنى ئەسىرىدە پەقەت بىر قېتىم تىلغا ئالىدۇ(6627 – بېيىت). ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىش مەقسىتى بىلەن كېيىن ئىلاۋە قىلىنغان نەزمىي ۋە نەسرىي مۇقەددىمىلەردە بىرىلگەن مەلۇمات بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، شائىر بالاساغۇن—قوزئوردۇ ‏(Aۋە Cنۇسخىلارنىڭ كۆچۈرگۈچىلىرى بۇ ئىسىمنى بىلمىگەن)دا تۇغۇلغان. ئىسىل بىر ئائىلىگە مەسۇپ بولۇپ، ئىلمى، پەزىلىتى، زۈھدى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن جەمئىيەتتە ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەت مەرتىۋىسىگە ئىرىشكەن بىر زاتتۇر. ئەسىرىنى بالاساغۇندا يېزىشقا باشلىغان، كېيىن قەشقەرگە بېرىپ ئۇ يەردە تاماملىغان ۋە تاۋغاچ قارا بۇغرا خانلار خانىنىڭ ھوزۇرىدا ئوقىغان. ھۆكۈمدار شائىرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن ۋە يېنىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا <<خاس ھاجىب>> دېگەن ئۈنۋاننى بەرگەن. شۇ ۋەجىدىن ئىسمى <<يۈسۈپ خاس ھاجىب>> ياكى <<يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىب>> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان.

ئەسەرنىڭ ئىچىدە شائىرنىڭ توختالغان تېمىلىرىدىن ھاياتىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى بىراز ئېنىقلاشقا ياكى پەرەز قىلىشقا مۇمكىن بولسىمۇ، تولۇق بىر تەرجىمىھالىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە تەبىئىيكى ئىمكانىيەت يوقتۇر. ئون سەككىز ئايدا يازغان ئەسىرىنى ھىجرىيە 462- يىلى(1069-1070) تاماملىغانلىقى ۋە ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغان ۋاقىتتا 50 ياشلاردا ئىكەنلىكىگە نەزەر سېلىنسا، يۈسۈپ ھىجرىيە 410- يىلى(1019) ئەتراپىدا تۇغۇلغان بولىدۇ. ئۆلۈمى ھەققىدە مەلۇماتىمىز يوق. ئەسەرنىڭ ئىلاۋە قىسمىدا ئۆزى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا قېرىغانلىقىنى، ھاياتىنى ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ تەڭرىگە ئىبادەت قىلىشقا كىچىككەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقىدىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ.

***

ئەسەرنىڭ مەتنى تولۇق مەلۇم بولماي ۋە ئەسەردە ئۇچرايدىغان تېمىلار ئۈستىدە مۇمكىن بولغان بارلىق تەھلىل يۈرگۈزۈلمەي تۇرۇپ، ئايرىم – ئايرىم پارچىلاردىن ھەر قانداق بىر نەتىجىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش كىشىنى خاتا يولغا باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان بەزى تەجىرىبىلەردىنمۇ بۇنى كۆرۈپ يىتىمىز. بۇ ئېھتىيات دەرۋازىسىنى ئۇچۇق قويۇش شەرتى بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە <<قۇت>(سائادەت، ئىقبال، دۆلەت) قا سىمۋول بولغان ئايتولدى بىلەن <<ئۇقۇش>>(ئەقىل)قا سىمۋول بولغان ئۆگدۈلمىشنىڭ كىشىلىكىدە شائىرنىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلىگەنلىكىنى ئېيتالايمىز. ئەسەردىن بۇ ئىككىسى ھەققىدە ئۈگەنگەنلىرىمىز يۈسۈپنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزغا ماس كىلىدۇ. تەبىئىيكى، بۇ سېلىشتۇرمىدا ئەسەردىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان شەخسلەرنىڭ ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن زۆرۈرى بولغان پەرقلەرنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. ھەر تۈرلۈك پەزىلەتلەرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۆز مۇھىتىدا بۇ پەزىلەتلەردىن پايدىلىنىلمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنى بوش ئۆتكۈزگەن ئايتولدى بىر كۈنى ھۆكۈمدار كۈنتۇغدىنىڭ ياخشىلىقىنى، خۇسۇسىيىتىنى ۋە ئۆز ئەتراپىغا پەزىلەتلىك ئادەملەرنى توپلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىش ۋە ئۇنىڭغا پايدا يەتكۈزۈش نىيىتى بىلەن ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك بىر سەپەرگە ئاتلىنىپ، ھۆكۈمدار تۇرىدىغان شەھەرگە يىتىپ بارىدۇ. يېنىغا ئالتۇن ئېلىۋالغانلىقىدىن ئۇنىڭ باي ئىكەنلىكىنى ۋە ھۆكۈمدارنىڭ خىزمىتىگە كىرىش ئارزۇسىنىڭ يالغۇز پايدا– مەنپەئەتكە ئىرىش مەقسىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن خىزمەت قىلىش ئىستىكى بىلەن بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ساياھەت ۋە يات شەھەردىكى دەستلەپكى كۈنلەر شائىر تەرىپىدىن ناھايىتى تەبىئىي بىر ئۇسۇل بىلەن ھېس قىلىنىپ يېزىلغان. بۇ قىسىمدا ئايتولدىنىڭ ساياھىتى ھەققىدىكى تەسۋىر بىلەن بۇ ساياھەتكە سەۋەپ بولغان پىكىر شائىرنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ئۆز ھاياتى ۋە تەجرىبىسىدىن چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھۆكۈمدار تەخىتكە چىقىشتىن بۇرۇن تارازدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە شائىرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنى يېقىندىن تۇنىغانلىقى ۋە كېيىن تەختكە چىققاندا ئۇنىڭ يېنىغا بارغانلىقىمۇ ئېھتىمالغا يېقىندۇر.

كىتاپتا ئايتولدىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى خۇسۇسىي ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات يوق. پەقەت قېرىپ ئۆلۈم يېقىنلاپ كەلگەندە ئەمدىلا ياشلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئوغلى مەيدانغا چىقىدۇ. گەرچە <<ئوغۇل>> تەبىرى ئەسەرنىڭ بەزى يەرلىرىدە ئومۇمەن كىچىكلەرگە خىتاپ قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولسىمۇ، 186- 190 – بېيىتلەردە بۇ سۆزنى يۈسۈپنىڭ ئۆز ئوغلى مەنىسىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن. شائىرنىڭ تارقاق ياكى مەركەزلىك ھالدا ئۆز روھىي ھالىتىنى چۈشەندۈرىدىغان پارچىلار بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى سېلىشتۇرۇلما قىلىنسا، ئۆگدۈلمىشنىڭ تەسۋىرىدىمۇ يەنە يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى تېپىش مۇمكىن. بولۇپمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كەلگەندە ئۆگدۈلمىشنىڭ ئۆزىنى ئېغىر بىر نەپس ھېساپلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئىشلىرىنى تاشلاپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش ھەققىدىكى ئارزۇسى شائىرنىڭ ئەسىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە تامامەن ماس كېلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى بىر ئوتوبىئوگرافىك ئەسەر دەپ قارايدىغان چۈشەنچىگە بەنت بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ھايات ئارقىلىق ئىدىئالىز قىلىنغان شەخسلەرنىڭ شائىرنىڭ دەۋرىدىن بۇرۇنقى بىر زامانغا ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىق. يۈسۈپ بۇ شەكىلدە ئىدىئال شەخسلەردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەت ۋە دۆلەتنى كۆز ئالدىدا جانلاندۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دەۋرىدىن ئەلەملىك شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئەسىرىدە بۈيۈك بىر خۇسۇسىيەت سۈپىتىدە كۆرسەتكەن ھەرىكەت ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ئەمدىلىكتە يوقالغانلىقىنى سۆزلەيدۇ(6427-6428- بېيىتلەرگە قاراڭ: <<ئۇ چاغدا ئۇلار گەر دېيىلسە ئادەم، بۈگۈنكى خەلق نىمە، قېنى ئېيت بۇ دەم. ئى ئالىم، بىز ئىنسان ئىكەنمىز ئەگەر، گۇمانسىز پەرىشتە ئېرۇرلەر ئۇلار>>). ئەسەرنىڭ يېزىلىشىدىكى ئەسلى مەقسەتنىڭ ئىنسانلارنى شائىر تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىئال بىر ھاياتقا ئىرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر.

***

يۈسۈپ تەقۋادار بىر مۇسۇلماندۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلماي، چىن قەلبىدىن ئىشىنىدۇ. ئاللاھ ئىنساننى تاللاپ ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ بۈيۈك پەزىلەتلەرنى بەرگەن. ھەر بىر ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھدىن كېلىش بىلەن بىرلىكتە ئىنسان نىمىنى تېرىسا شۇنى ئالىدۇ. ئىبادەت قىلىش لازىم، لېكىن بۇ ئۆز ئالدىغا بىر غايە ئەمەس. ئىنساننىڭ ياخشىلىقى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە پايدىلىق بولغان ياكى بولمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ تېمىدا ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىش ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەت دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۆلۈم ئۇقۇمى ئىنسانلارنى ياخشى يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. ياخشى ۋە يامان ئادەملەر ئۈچۈن ئەجىر ۋە جازا سۈپىتىدە جەننەت بىلەن دوزاقتىن بەكرەك، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇلار ھەققىدە بەرگەن ھۆكۈمى مۇھىمدۇر. ياخشى نام قالدۇرۇپ ئۆلۈش ۋە ئۆلگەندىن كېيىن بۇ ياخشى نامنىڭ سايىسىدا ياشاشنى داۋام قىلدۇرۇش دەل ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ يۈكسەڭ غايىدۇر ۋە ئەسلى مۇكاپات مۇشۇدۇر.

يۇقىرىدىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىلگىنىدەك، يۈسۈپ ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ كەڭ مەنىدىكى بىر ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇرىدۇر. ئۇنىڭ ئەسكىرى گۇرۇھ بىلەن ئالاقىسى بولمىغانلىقى بۇ گۇرۇھ ھەققىدە توختالغاندا قوللانغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئېنىق كۆرۈلۈپ تۇرماقتا. يۈسۈپ مەيلى شائىر ياكى مۇتەپەككۇر سۈپىتى بىلەن بولسۇن، ئۆز ئەھمىيىتىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتكەن ۋە بۇنى ئىپتىخار بىلەن ئىپادە قىلىشتىن يىراق تۇرمىغان. كىتاپنىڭ بېغىشلىما قىسمىدا (112-115-بېيىتلار) ئەسەرنىڭ ئەبەدىيلىكى ھەققىدە سۆزلىگەنلىرىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئىشەنچىدە بولغانلىقى ئارىدىن توققۇز ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن بۇنىڭ ھازىر ھەر كىم تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى بىلەن ئايدىڭلاشتى. ئۇنىڭ شەخسىيىتىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇمۇ يىتەرلىك بىر دەلىلدۇر. ئۇ يالغۇز ئەسىرىنى تەقدىم قىلغان ۋە زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنتۇلۇپ كىتىدىغان ھۆكۈمدارىغا يېڭىدىن بىر ھايات بېغىشلاپ قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ سۆيۈنۈپ تۇرۇپ قوللانغان بىر تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، تۈرك تارىخىنىڭ مۇھىم بىر دەۋرى ئۈچۈن ئۆچمەس بىر مەشئەل ياققان ئىدى.

***

6- <<قۇتادغۇ بىلىگ>>

<<قۇتادغۇ بىلىگ>> — ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىدەك(قۇت – ئاد – غۇ بىل – ى-گ)، ئىنسانغا ھەر ئىككى دۇنيادا تولۇق مەنىسى بىلەن بەختلىك بولۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يولنى كۆرسىتىش مەقسىتى بىلەن يېزىلغان بىر ئەسەردۇر. بىر بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان شەخس، جەمئىيەت ۋە دۆلەت ھاياتىنىڭ ئىدىئال بىر شەكىلدە تەرتىپكە سېلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چۈشەنچە، بىلىم ۋە پەزىلەتلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ۋە بۇلارغا قانداق شەكىلدە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەم قانداق قوللىنىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان شائىر – مۇتەپەككۇر بۇ ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدە كۈندىلىك ھاياتنىڭ ئۈستىگە يۈكسەلگەنلەرنىڭ چۈشەنچىلىرىگە تەرجىمان بولغان ئىدى. ئۇ بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ قەتئىيلىك بىلەن تەكىتلەۋاتقىنىدەك، ئۆز ئىگىلىرىگە ياخشى بولۇشى ئۈچۈن مەنىسىز مەجازى ۋاستىلار ئارقىلىق ئەخلاق دەرسى بەرگەن قۇرۇق بىر نەسىھەتچى ئەمەس ئىدى. يۈسۈپ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىپىىسنى كۆرسىتىدىغان بىر پەلسەپە، يەنى بىر ھاياتلىق پەلسەپىسى سىستېمىسىنى قۇرغان ئىدى.

يۈسۈپنىڭ <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى قانداق سەۋەپلەرنىڭ تەسىرى بىلەن يازغانلىقى ئېنىق ھالدا بىلىنمىسىمۇ، ئەسەردە بۇنىڭ سىرتتىن كەلگەن بىر ئەمىر ياكى ئارزۇ بىلەن يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىر ئىشارەتمۇ ئۇچرىمايدۇ. بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادا خانىدان ئەزالىرىنىڭ بىر بىرىگە قارشى ئۇرۇشلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە بۇ ئىچكى غەلىيان مەزگىلىدە ھەم ئايرىم شەخسلەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھەم جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ ئۇلىنىڭ تەۋرەپ كەتكەنلىكى نەزەردە تۇتۇلسا، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىشنىڭ بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. يۈسۈپ ئەسىرىنىڭ ئايرىم بىر بابىدا شائىرلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز ئىگىلىرىنى مەدھىيلەش ياكى ئەيىپلەش ئىبارەت بولۇپ، خاتىرىسى قىلدىن ئىنچىكە، تىلى قىلىچتىن ئىتتىك بۇ شائىرلار بىلەن ئۇلارنىڭ خالىغان نەرسىسىنى بىرىش ئارقىلىق ياخشى ئۆتۈشنىڭ ۋە ئۆزىنى ئۇلارنىڭ تىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالسىمۇ، ئۆزى بۇ خىل شائىرلار گۇرۇھىدىن ئەمەس ئىدى. ئەسەرنى كۆزگە كۆرۈنىش، ھۆرمەت قازىنىش ۋە ئىھسانغا ئىرىشىش مەقسىتىدە، يەنى يالغۇز شەخسىي مەنپەئەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن يازمىغان ئىدى. بولمىسا يۈسۈپنىڭ ئەسىرىمۇ بىر مەدھىيە مەجمۇئەسىگە ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. ھالبۇكى، بۇ يەردە شەخسلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىگىلىرىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەر بىر دەۋردە قىيىن بولغان پەزىلەت ۋە پىداكارلىقلار تەلەپ قىلىنغان ۋە ئۆتكەن كۈنلەردىكى ئىدىئال بىر جەمئىيەتنىڭ تەسۋىرى ئارقىلىق شائىر ئۆز دەۋرىنى تەنقىد قىلغان. خۇسۇسىي ئارزۇلار ۋە ئۆتكۈنچى مەنپەئەتلەرنى قوغلىشىدىغان ئىنسانلار ئارىسىدا شائىر — مۇتەپەككۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئاسان بولمىغان. شائىر بۇ ئەسىرى ئارقىلىق <<خاس ھاجىب>> ياكى <<ئۇلۇغ ھاجىب>> مەرتىۋىسىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، بۇ بەلكىم ھۆكۈمدارنىڭ شەخسىي مۇھاببىتى سايىسىدە بولغان. لېكىن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ يۈسۈپنى بەزىدە ئاچچىق شىكايەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان تىل تىكىنى شائىرنى ھىچ ئارامىدا قويمىغان ئىدى. قانداق ئىكەنلىكىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان مۇشۇنداق بىر مۇھىتتىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇشۇنداق بىر قاراش بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر مۇتەپەككۇرنىڭ دۇچ كىلىدىغان زىھنىيەت نەزەرگە ئېلىنسا ئەسەرنىڭ قەلبتىن ئېتىلىپ چىققان بىر تۇيغۇ ۋە ئۆزى مەنسۇپ جەمئىيەتكە قارىتا چوڭقۇر بىر مەسئۇلىيەت ھىسلىرى بىلەن يېزىلغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان چۈشەنچە كۈچىيىدۇ ۋە شائىر بىر ئىنقىلاپچى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىدۇ.

تۈرك ئەدەبىي تىلى ماتېرىياللىرىغا ھۆكۈمران بولغان ۋە ئۇنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى پىىشىق بىلىدىغان ھەم بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرغان شائىر ئەسىرىدە ئىران سەنئەتكارلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ ئارۇز ۋەزنىنى قوللانغان. بۇنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ بىر ئالاھىدىلىك ياكى ئەيىپ ئىكەنلىكىنى ھەققىدە ھەر قانداق بىر تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن(ئەگەر مۇشۇنداق بىر مەسىلە سۆز تېمىسىگە ئايلانسا) ھىچ بولمىغاندا دەۋرداشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۆتۈش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. ئەسەر شائىر تاللىغان يېرىم ھېكايە ۋە يېرىم سىمۋول شەكلىدە، ئارىلىقتا ھەرىكەتنى ئىپادىلىگۈچى ۋە ئىزاھلىغۇچى مونولوگلار ھەم جانلىق تەبىئەت تەسۋىرلىرى ئارقىلىق بىزەلگەن سەھنىلىرى بىلەن بىر پۈتۈن ھالدا، شۇنداق مۇكەممەل بىر ئۇسلۇپ ۋە قۇرۇلما ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىدىكى، بۇ ماتېرىيالغا يەنە باشقا قانداق بىر شەكىل بىرىلىدىغانلىقىنى تەسەسۋۋۇر قىلىشمۇ قىيىن.

<<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئىدىئال بىر ھايات نىزامىنى ئىپادە قىلغاندا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ھەققىدە قايسى دەرىجىدە توختالغانلىقى ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقىتىگە قايسى دەرىجىدە ئورۇن بەرگەنلىكى مەسىلىسىگە كەلسەك، يۇقىرىدىمۇ كۆرسىتىلگىنىدەك، ئەسەرنىڭ ھەر جەھەتتىن تەھلىلى ۋە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلغانغا قەدەر بۇ خۇسۇستا كەسكىن بىر نەرسە دېيىش توغرا بولمايدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلانغاندا، يۈسۈپنىڭ ئالدى بىلەن بىر شائىر ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. <<قۇتادغۇ بىلىگ>> نە ۋەقەلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن بىر تارىخ، نە رايون ۋە شەھەرلەرنى تەسۋىرلىگەن بىر جۇغراپىيە، نە دىن ئادەملىرىنىڭ ئىجتىھاتلىرىنى توپلىغان بىر ئەسەر، نە ھۆكۈمالارنىڭ پىكرىگە تايانغان بىر پەلسەپە، نە شەيخلەرنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىگە تايانغان بىر نەسىھەت كىتابى بولسۇن. بۇنىڭدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن ۋە تەرىپلەنگەن ھىچقانداق بىر ئىسىم ئۇچرىمايدۇ. بىر ئەدەبىي ئەسەردىن بۇ خىل مۇكەممەللىكنى كۈتۈش ۋە ئەسەرنى ئايرىم ساھەلەرنىڭ قاراڭغۇ نوقتىلىرىنى يورىتىشقا يارايدىغان ياكى يارىمايدىغانلىقى جەھەتتىن باھالاشقا ئۇرۇنۇش ئىنتايىن تار بىر قاراش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يۈسۈپ كۈندىلىك ھايات قايغۇلىرىدىن ھالقىغان ۋە ئۆز مۇھىتىنىڭ سەۋىيىسىدىن ناھايىتى يۈكسەلگەن بولۇش بىلەن بىرلىكتە ئىنسان سۈپىتىدە ئۇمۇ مۇھىتنىڭ بىر مەھسۇلىدۇر. چۈشەنچە ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى مۇھىتنىڭ ماتېرىياللىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، ئارزۇلىرىنىمۇ ئاڭلىغۇچىلار چۈشىنەلەيدىغان شەكىل ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەش مەجبۇرىيىتىدە ئىدى. شائىر ئەسىرىدە دەۋرنىڭ ئۇسلۇپ ۋە شەكلىگە ماسلىشىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندىكىدىنمۇ بەكرەك مۇھىتنىڭ پىكىر مەھسۇللىرىغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدى. ئەگەر بۇ مۇراجىئەت قىلىنغان شەخس ۋە ئەسەرلەر بۈگۈن بىز ئۈچۈن مەلۇم بىر نەرسىنى ئىپادە قىلمىسا، بۇنىڭدىكى ئەيىپ شائىردا ئەمەس، بەلكى شۇ چاغدىكى تۈرك مۇھىتى بىلەن بۈگۈنكىسى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋىيە پەرقىدە ۋە ئۇ دەۋر ھەققىدە ھىچقانداق بىر مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان ھەم بەلكىم بۇ يولدا مۇھىم بىر قەدەم باسمىغان ئىلىم مۇھىتىمىزدىدۇر. كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن بۇ خۇسۇسلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى يورىتىلىدىغانلىقىدىن شۈبھىلىنىشكە ھەققىمىز بولمىغىنىدەك، بۇنىڭغا ئورۇنمۇ يوقتۇر. ئەسەردە تۈرلۈك تېمىلارغا ئائىت پىكىرلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل قاتلاملىرىغا مەنسۇپ بولغان شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ شەخسلەرنىڭ ياكى شائىرنىڭ دەۋرىدە ياشىغانلقى، ياكى ئەسىرى ئارقىلىق تۇنۇشقانلىقى ۋە ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن مۇشۇنداق ئەسەرلەردە ئىسمى ئۇچرايدىغان مەشھۇر كىشىلەر ئىكەنلىگى شۆبھىسىزدۇر. مەسىلەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى <<بۆكە ياۋغۇسى>>(5043،5523)، <<ئېلا ئاتلىغى>>(841، 1629، 2319)، <<ئېلا بېگى>>(1779)، <<ئېلا ئەركىنى>>(4752)، <<ئىل كەندى بېگى>>(216)، (3460)، <<ئۇلۇغ كەندى بېگى>>(5354)، <<ئۆگە بۇيرىقى>>(2941)، <<ئۆتۈكەن بېگى>>(1962،2682)، <<تۈرك بۇيرىقى>>(1163)، <<تۈرك خانى>>(3817)، <<ئۇچ ئوردا بېگى>>(1594) <<ئۇچ ئوردۇ خانى>>(2966،3815)، << ياغما بېگى>>(1758) قاتارلىق نىسبەتەن ئېنىق كۆرسىتىلگەن شەخسلەر ۋە <<بۇدۇن باشچىسى>>، <<ئاژۇن تۇتغۇچى>>، <<ئاژۇن ئىلچىسى>>، <<ئاژۇنچى بەگ>>، <<ئىلچى بەگ>>، <<ئىلچى بۈگۈ>>، <<بۈگۈ بەگ>>، <<بۈگۈ بىلگە بەگ>>، <<بۈگۈ ئىلچى بەگ>>، <<تۆرۈ بىلمىش ئەر>>، <<تۆرۈ بىرگۈچى>> قاتارلىق ئىما — ئىشارەت ئارقىلىق تىلغا ئېلىنغان دۆلەت ئادەملىرىدىن سىرت، ئالىم، ھېكىم، شائىر، مۇئەللىم، قۇماندان، قەھرىمان، تەجىرىبىلىك قېرى، روھانىيلار گۇرۇھىغا مەنسۇپ زاتلار، زاھىد ۋە باشقا بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرى سۆزلىنىدۇ ھەمدە ئەرەبچە ئەسەرلەر(تازى تىلى) بىلەن ئىران ئۆلۈماسى(تەژىك بىلگەسى)دىن سۆز ئېچىلىدۇ. ھۆكۈمدار ئاقىۋەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىش بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دۇنيادىكى ھاياتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، زىممىسىدىكى ئېغىر يۈكنى داۋاملىق كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى خالىمىغانلىقىنى ئۆگدۈلمىشكە ئېيتقاندا، بۇ زات ھۆكۈمدارنىڭ قىلىدىغان ئىشلرىنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى نام قازىنىش ئۈچۈن يېڭى بىر پائالىيەت سورۇنىنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر بىرىگە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنىڭ لازىملىقىنى، لېكىن كاپىرلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى، ئۇلارنىڭ ئۆي — جايلىرىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشىنى، ئوغۇل – قىزلىرىنى ئەسىرگە ئېلىشىنى، ماللىرىنى غەزىنىگە تۆكۈشىنى، بۇتخانىلىرىنى چېقىپ، ئورنىغا مەسچىت سېلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئىسلامىيەتنى تارقىتىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شائىر بۇ ئارقىلىق قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي تۈركىستان ئىشلىرىغا ئارىلاشقۇدەك ئەھۋالدا بولمىغانلىقىدىن كۆپۈنچە شەرققە بۇرۇلۇپ بۇرقانچى( بۇددىست- ت) ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشنىلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى ۋە بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دىنىي بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلىرىگە تەرجىمان بولغان ئىدى. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تىكى ئەسكىرىي كۈچ ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەردىنمۇ بۇ دۆلەتنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلغۇدەك بىر ئەھۋالدا ئەمەسلىكىنى ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن. يۈسۈپنىڭ ئەسىرىدە ئۆز دەۋرى ۋە مۇھىتى ھەققىدە توختالغان نوقتىلارنىڭ يالغۇز بۇ تاسادىپىي چىقىرىلغان بىر قانچە مىسال بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

***

7- <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى

<<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ كېيىنكى تارىخىمۇ مۇھىمدۇر. كىتاپنىڭ يېزىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنۇتۇلغانلىقى ياكى تار بىر مۇھىتنىڭ پايدىلىنىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم. ئەسەرنىڭ قىممىتىنى چۈشەنگەن جامائەت تەرىپىدىن <<قۇتادغۇ بىلىگ>> ئىككى قېتىم تارىخنىڭ قاراڭغۇ پەردىسى ئارقىسىدىن يورۇقلۇققا چىقىرىلغان. ھەر ئىككىلى قېتىمدا ئەسەرگە قوشۇمچە قىلىنغان مۇقەددىمىلەر ئاشۇ مۇقەددىمىلەرنى يازغانلارنىڭ پىكىر سەۋىيىسىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، بۇ مۇھىتلارنىڭ ئەسەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يېزىلغان بۇ قۇرلاردا تۈرك تارىخى، بولۇپمۇ كۈلتۈر تارىخى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغان بەزى نوقتىلارمۇ بار.

يۈسۈپ ئۆز ئەسىرىنى قىسقا، ئەمما چۈشىنىشلىك بىر شەكىلدە تەقدىم قىلغان(350-252):

كىتاب ئاتى ئۇردۇم قۇتادغۇ بىلىگ،

قۇتادسۇ ئوقىغلىقا تۇتسا ئەلىگ.

سۆزۈم سۆزلەدىم مەن بىتىدىم بىتىگ،

سۇنۇپ ئىككى ئاژۇننى تۇتغۇ ئەلىگ.

كىشى ئىككى ئاژۇننى تۇتسا قۇتۇن،

قۇتادمىش بولۇر بۇ سۆزۈم چىن پۈتۈن.

(كىتاپ نامى قويدۇم قۇتادغۇ بىلىگ،

قۇتادسۇن ئوقۇچىغا تۇتسۇن ئىلىگ.

سۆزۈم سۆزلىدىم مەن، پۈتىدىم بىتىگ،

سۇنۇپ ئىككى دۇنيانى تۇتسۇن ئىلىگ.

كىشى تۇتسا بەخت بىرلە ئىككى جاھان،

بەختلىك بولۇر، بۇ سۆزۈم چىن ھامان.)

ئەسەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تۆت نەرسە(نەڭ) بىلەن بۇلارنى جانلاندۇرغان سىمۋوللۇق شەخسلەر شۇلاردۇر(355-357): 1- كۈنتۇغدى- كۆنى تۆرۈ(توغرا قانۇن)، 2- ئايتولدى—قۇت(سائادەت، ئىقبال، دۆلەت)، 3- ئۆگدۈلمىش- ئۇقۇش(ئەقىل)، 4- ئودغۇرمىش- ئاقىۋەت(ھاياتنىڭ ئاقىۋىتى).

كىتاپقا تۇنجى قېتىم ئىلاۋە قىلىنغان نەزمىي مۇقەددىمىدە بىر تەرەپتىن ئەسەرنىڭ ئۆزى ۋە مۇئەللىپ ھەققىدە مەلۇمات بىرىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇقەددىمىنى يازغۇچىنىڭ پىكرىگە كۆرە ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدى. 77 بېيىتلىك بۇ مۇقەددىمىنى يازغان شائىر مەيلى ئۆزى ياكى مۇھىتى ۋە دەۋرى ھەققىدە بولسۇن ئېنىق بىر پىكىرگە ئىرىشىشىمىزگە يارىغۇدەك بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىمىگەن. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئۇسلۇبىنى قوبۇل قىلغان بۇ شائىر ئەسەرنىڭ ئاساسىي پىكرىنى ياخشى چۈشىنەلمىگەن بولسىمۇ، ئۈنۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە بىر سەنئەتكار ئىدى. تۈرك مۇھىتىدا كېيىنچە ئۇمۇملاشقان بەزى تەبىر ۋە ئاتالغۇلار سىرتىدا نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ تىلى <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭكىگە ناھايىتى يېقىن. بۇ مۇقەددىمىدىن بۇ مۇھىتتا بىر مۇنچە تۈركلەرنىڭ <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مەنىسىنى بىۋاسىتە چۈشىنەلمىگەنلىكى ۋە ئىزاھلاشقا توغرا كەلگەنلىكى، ئەسەرنىڭ بۇغراخان ۋاقتىدا <<خان تىلى بىلەن>> سۆزلەنگەنلىكى ۋە <<قەشقەر ئىلىدە>> يېزىپ پۈتتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر بايان بىلەن، ئەرەبچە ۋە پارسچىغا مۇقابىل ھالدا <<بىزنىڭ تىلىمىز>>، ئۆز شېئىرى ئۈچۈن <<تۈركچە>> دېگەن تەبىرلەرنى قوللانغانلىقىدىن مۇقەددىمىنى يازغان شائىرنىڭ قەشقەرنىڭ سىرتىدا ياشىغان كېيىنكى دەۋرگە مەنسۇپ كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم. مۇقەددىمىدە <<بۇ>> دېگەن ئالماشنىڭ قوللىنىلىشى قالايمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىسىدىن كەسكىن بىر ھۆكۈم چىقىرىلماقچى بولسا بۇ نوقتىنى نەزەرگە ئېلىش لازىمدۇر. مۇقەددىمىنى يازغۇچىنىڭ بالاساغۇننىڭ ئورنىغا <<قوز ئوردۇ>> ئىسمىنى قوللانغانلىقىنىڭمۇ ئۇنىڭ دەۋرىنى كۆرسىتىشتە بىر ياردىمى بولىدىغىنىغا ئوخشاش، مۇقەددىمىدە ئەسەرنى خاراكتېرلەندۈرگەن ۋە ئەسەر ھەققىدىكى مۇھىتنىڭ قاراشلىرىنى كۆرسەتكەن بېيىتلاردىنمۇ بۇ خۇسۇستا پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

بۇ مۇقەددىمىگە كۆرە، ئەسەر ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى ۋە ھۆكۈمالارنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن بىر مۇنچە پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ناھايىتى پايدىلىق ۋە ھىچبىر زىيىنى بولمىغان <<ئەزىز>> بىر كىتاپتۇر. بۇ كىتاپ ھەركىمنىڭ ئىشىغا يارايدۇ، بولۇپمۇ ھۆكۈمدارلارغا(بۇ يەردە ئىلىگ ياكى بەگ سۆزىنىڭ ئورنىغا مەلىك تەبىرىنى قوللانغان) مەملىكەت ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بەك زۆرۈردۇر. بۇنىڭدا مەملىكەت ئىدارە قىلىش ئۈچۈن لازىم بولغان خۇسۇسىيەتلەر، ھۆكۈمدارنىڭ خەلق ئۈستىدىكى ۋە خەلقنىڭ ھۆكۈمدار ئۈستىدىكى ھەقلىرى، خەلقنىڭ ئىتائەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ھۆكۈمدارنىڭ پۇقرالارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزىگە كىملەرنى يېقىن ۋە ئۆزىدىن كىملەرنى يىراق تۇتۇشى، ئىدارە قىلىشتا قانداق بىر سىياسەت ۋە پاراسەت قوللىنىشى چۈشەندۈرىلىدۇ. قوشۇن تۈزۈش ۋە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان چارىلەر كۆرسىتىلگەن. چىن ۋە ماچىم ھېكىملىرى، شەرق ئىلىدىكى پۈتۈن تۈرك ۋە چىن بۇ كىتاپنىڭ پايدىلىق بىر ئەسەر ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن. شەرق سۇلتانلىرى ۋە ماچىن بەگلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ كىتاپنى قوبۇل قىلغان. مىراس قېلىش يولى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن بۇ ئەسەرنى باشقىلارغا بەرمىگەن. بەزى مەملىكەت، شەھەر ۋە سارايلاردا شۇ ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى ئۆزىنىڭ ئادەت ۋە ئۇسۇلى بويىچە كىتابقا ھەر خىل نام بەرگەن. يەنى چىنلىقلار <<ئەدەبۈل– مۈلۇك>>، ماچىنلىقلار <<ئەنىسۈل — مەمالىك>>، شەرق ئىلىنىڭ بۈيۈكلىرى <<زىينەتۈل — ئۈمىرا>>، ئىرانلىقلار <<شاھنامە>>، تۇرانلىقلار <<قۇتادغۇ بىلىگ>> دەپ ئاتىغان.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، مۇقەددىمىنى يازغۇچى بىلەن ئۇنىڭ مۇھىتىدىكىلەر <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى كۆپۈنچە بىر خىل سىياسەتنامە دەپ چۈشەنگەن ئىدى. تۈركلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن ئەسەرگە بىرىلگەن باشقا ئىسىملارمۇ بۇنىڭ مۇشۇ خىل شەكىلدە چۈشىنىلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىنسانىي ۋە ئادىمىيەتلىك قىممىتى ئىككىنجى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇلۇپ، كىتاپتا كۆپۈنچە تارماق بىر ئورۇن تۇتقان مەسىلىلەردىن بەزىلىرى( مەسىلەن، ئەسكەرلىك ئىشلىرى) ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان. ئەرەبچە ۋە پارسچە ناھايىتى كۆپ كىتاپ يېزىلغان بولسىمۇ، شەرق ئىلىدە، پۈتۈن تۈرك ۋە چىن مەملىكىتىدە بۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىتاپنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلمىغانلىقى ھەققىدىكى باياندىنمۇ بۇ مۇقەددىمىنى يازغۇچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئانچىمۇ پارلاق بىر سەۋىيىدە ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشكە بولىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تۆت ئامىلدىن ئۈچۈنچىسى بولغان <<ئۇقۇش>> مۇقەددىمىدە <<ھىرەد>>، تۆتىنچىسى بولغان <<ئاقىۋەت>> بولسا <<قانائەت>> شەكلىدە ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كېيىنكى ۋاقىتلاردا <<قۇتادغۇ بىلىگ>> ھەققىدە ئىزدەنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى خاتا يولغا باشلىدى. ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇھىم موتىفلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلغان <<ئاقىۋەت>>نىڭ بۇ يەردە <<قانائەت>> شەكلىنى ئېلىشىنىڭ سەۋەبى خاتا ئوقۇۋېلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك. ھەر ھالدا مۇقەددىمىنى يازغۇچىنىڭ بۇنىڭغا يېڭى بىر مەنا بېرىش ئىستىكىدە بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

***

<<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئۈچۈنچى قېتىم مەيدانغا چىقىرىلىشى تېخىمۇ كېيىنكى بىر دەۋرگە ئائىتتۇر. بۇ قېتىم ئەسەرگە نەزمىي مۇقەددىمىنىڭ كەمتۈك ۋە ناچار بىر خۇلاسىسى بولغان بىر نەسرىي مۇقەددىمە قوشۇلغان. ئەمما بۇنىڭ قاچان ۋە قەيەردە يېزىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇمات بىرىلمىگەن. تىل ۋە ئۇسلۇب خۇسۇسىيەتلىرى بۇ مۇقەددىمىنىڭ خېلىلا كېيىنكى بىر دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكىدىن ھېچبىر گۇمان قىلىشقا ئورۇن قالدۇرمايدۇ. مۇقەددىمىنى يازغۇچىنىڭ ئەسەر ۋە ئۇنىڭ قىممىتى ھەققىدە خۇسۇسىي بىر قارىشىمۇ يوق. ئەسەرنى ئوقۇغان ۋە ئۇنى چۈشەندۈرگەن كىشىنىڭ بۇ كىتاپتىنمۇ ئەزىزراق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى باياندىن ئەسەرنىڭ بۇ دەۋردە تېخىمۇ ئاز چۈشىنىلگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇلار ۋە قەۋم ناملىرى بۇ مۇقەددىمىدە تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغان. مىللەت سۈپىتىدىكى تۈرك تەبىرى پۈتۈنلەي چىقىرىۋىتىلىپ، ئورنىغا چىن، ماچىن ۋە مەشرىق تەبىرلىرى قوللىنىلغان. نەزمىي مۇقەددىمىدىكى <<مەلىك>> تەبىرىنىڭ ئورنىغا بۇ يەردە <<پادىشاھ>> تەبىرىنى قوللىنىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. تۈرلۈك ئەللەردىكى ئەسەرگە بىرىلگەن ناملار ئىچىدە نەزمىي مۇقەددىمىدىن پەرقلىق ھالدا ماچىن مۈلۈكىنىڭ ھېكىملىرىنىڭ <<ئايىنۈل — مەملەكە>> ياكى <<ئەمىنۈل — مەملەكە>>، ئىرانلىقلارنىڭ بولسا <<شاھنامەئىي– تۈركى>> ياكى <<پەندنامەئى — مۈلۇك>> دەپ ئاتىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەسەردىكى تۆت ئاساسىي ئامىلنىڭ (بۇ يەردە ئۇلۇغ ئاغىر ئۇل دېيىلگەن) دەستلەپكى ئۈچى ھەم ئەسەرنىڭ ئۆزىدىن ھەم تۇنجى مۇقەددىمىدىن پەرقلىق ھالدا ئەرەبچە تەبىرلەر بىلەن(1- ئادىل، 2- دەۋلەت، 3- ئەقىل) ئىپادە قىلىنغان، تۆتىنجىسى بولغان <<ئاقىۋەت>> بولسا نەزمىي مۇقەددىمىدىكىگە ئوخشاش بۇ يەردىمۇ <<قانائەت>> سۈپىتدە ئۇچرايدۇ. يۈسۈپنىڭ تۇغۇلغان يېرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بالاساغۇن ئىسمى قوللىنىلغان ۋە شائىرنىڭ بۇ ئەسىرى سەۋەبى بىلەن ئالغان <<خاس ھاجىب>> ئۈنۋانى بۇ يەردە <<ئۇلۇغ خاس ھاجىب>> شەكلىدە بىرىلگەن.

***

بۇ مۇقەددىمىلەردىن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ 2- ۋە 3- قېتىم جانلىنىشىنىڭ ئەسەرنىڭ ئەسلى يېزىلغان مۇھىتىنىڭ سىرتىدا بارلىققا كەلگەنلىكى ۋە بۇ ئارىلىقتا خېلىلا ئۇزۇن بىر ۋاقىتنىڭ ئۆتكەنلىكى مەلۇم. لېكىن بۇلارنى زامان ۋە ماكان جەھەتتىن تېخىمۇ تار بىر دائىرى ئىچىگە قويۇپ ئويلاش ھازىرچە قېيىن. ھەر ئىككى مۇقەددىمىدىكى جۇغراپىيىلىك تەبىرلەر بۇلارنىڭ قەشقەرنىڭ غەربىدە يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۈرك مەملىكىتىنىڭ شەرق بۆلگىلىرىدە بۇنداق بىر ئەسەرنىڭ قايتىدىن دىققەتنى تارتىشىغا ئەڭ ئۇيغۇن بىر يەر سۈپىتىدە تۈرك كۈلتۈر مەركىزىنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولغان سەمەرقەندنى خىيالغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. نەزمىي مۇقەددىمىدىكى بەزى يېڭى تەبىرلەر(مەسىلەن، ئۇقۇش ئورنىغا ھىرەد دېگەندەك) بۇ مەركەزنىڭ ئىران تەسىرى ئاستىدا تۇرغان دەۋرىنى ئەسلەتكىنىدەك، دۆلەت ئىدارە قىلىش، بولۇپمۇ ئەسكەرلىك ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىشىمۇ مۇقەددىمە يېزىلغان مۇھىتنىڭ تازا بىخەتەر بولمىغان، قالايمىقان بىر دەۋرىگە توغرا كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئامىل ئارقىلىق ئىزاھلىنىدۇ. ھازىرچە بىر تەرەپتىن بۇ خۇسۇسلارنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان يېڭى ھۆججەتلەرنى كۈتۈشكە توغرا كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇقەددىمىلەردە ئۇچرايدىغان جۇغراپىيىلىك تەبىرلەرنىڭ تۈرك مەملىكىتىنىڭ قايسى يەرلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ قايسى دەۋردە بىر تېرمىن خاراكتېرىنى ئالغانلىقىنىڭ تۈرك تارىخچىلىرى ۋە جۇغراپىيىچىلىرى ئۈچۈن مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

***

<<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ بۈگۈن قولىمىزدا مەۋجۇت ھەر ئۈچىلى نۇسخىسى ئەسەرنىڭ بۇ ئۈچۈنجى قېتىملىق رەتلىنىشىگە ئائىتتۇر. ئاشۇ نۇسخىلارنىڭ بىردىن كۆچۈرۈلمىسى بولغان قولىمىزدىكى نۇسخىلار ئارىسىدىكى پەرقلەرگە نەزەر سېلىنسا، ئەسەر يېزىلغان ۋاقىتتىن بىر قانچە ئەسىر كېيىن تۇرغۇزۇلغان بۇ يېڭى تېكىستلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىشكە ئۇچرىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن ئەمەس. مەۋجۇت نۇسخىلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ھۆكۈم قىلىشقا ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، مىسىر نۇسخىسى بىلەن ھېرات نۇسخىسىنىڭ پەرغانە نۇسخىسىغا نىسبەتەن بىر بىرىگە تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. تۈرك تىلىنىڭ 11- ئەسىردىن كېيىنكى تەرەققىيات تارىخى نەزەرگە ئېلىنىدىغان بولسا بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەسەرنىڭ پايدىسىغا ئەمەس، بەلكى زىيىنىغا بولغانلىقى ئاسانلا پەرەز قىلىنىدۇ. مەتىندە ئارىلاپ – ئارىلاپ ئۇچرايدىغان ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتىدا بولۇشقا تىگىشلىك بولغان بەزى تاۋۇش ۋە قوشۇمچىلارنىڭ كېيىنكى شەكىللىرى بىلەن ئارىلاش قوللىنىلىشىنى، قاپىيە ۋە ۋەزىن جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق بىلەن ئەسەرنىڭ ئومۇمىي شەكلىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن بولغان بەزى تەبىرلەرنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق بولمىغان يات تەبىرلەرنىڭ بولۇشىنى يۈسۈپنىڭ قەلىمىدىن بەكرەك ئەسەرنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن بۇ سەرگۈزەشتلىرىگە مال قىلىش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. بۇنىڭغا يەنە قولىمىزدىكى مەتىننى كۆچۈرگەنلەرنىڭ بىلىپ ياكى بىلمەي تۇرۇپ قوشۇۋەتكەن بىر مۇنچە مۇناسىۋەتسىز تەرەپلىرىنىمۇ ئىلاۋە قىلىش كېرەك. تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرگە ئائىت نۇسخىلار، ھېچ بولمىغاندا ئەسەرنىڭ ئىككىنجى قېتىم يېزىلغان(كۆچۈۈلگەن) شەكلى قولغا چۈشكەنگە قەدەر ئەسەردە كۆرۈلگەن مۇناسىۋەتسىز تەرەپلەرنى شائىرنىڭ ھېسابىغا مال قىلىش ئۇنىڭغا قارىتا چوڭ بىر ناھەقچىلىق بولىدىغىنىدەك، تۈرك تىلىنىڭ تارىخى تەرەققىيات مەسىلىسىگىمۇ كېرەكسىز بىر قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشتىن باشقا ھىچقانداق بىر پايدا ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.

***

يۈسۈپنىڭ <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى يازغان ۋاقتىدا قوللانغان يېزىق مەسىلىسى ئالاقىدار كىشىلەر تەرىپىدىن پات – پات سۆز تېمىسىگە ئايلاندى. بۇ دەۋردە قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ئىسلام مۇھىتى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسى ۋە ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى بۇ يەرلەردە ئۆزىگە زېمىن ھازىرلىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنسا، تۈركلەرنىڭ ئۇ دەۋردە ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بولغان ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىرلىكتە ئەرەب يېزىقىنىمۇ يات كۆرمىگەنلىكى قوبۇل قىلىندۇ. <<قۇتادغۇ بىلىگ>> تەقدىم قىلىنغان ھۆكۈمدارنىڭ دەۋرىگە ئائىت يەركەندە تۈزۈلگەن مەھكىمە قارارلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھإججەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئەرەب يېزىقى بىلەنمۇ يېزىلغان تۈركچە ۋەسىقىلەر بار بولغىنىدەك، ئەرەب يېزىقى بىلەن ئەرەبچە يېزىلغان ۋەسىقىلەرمۇ بار. بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ بەزىلىرىدە شاھىتلارنىڭ ئىمزاسى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئىدى. يۈسۈپكە كەلسەك، يۇقىرىدىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىلگىنىدەك، شائىرنىڭ بۇ يېزىقلاردىن ھەر ئىككىلىسىنى ئوخشاشلا راۋان قوللىنالايدىغان بىر ھالەتتە ئىكەنلىكى شۆبھىسىزدۇر. يالغۇز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىلا بۇ مۇھىتتا، بولۇپمۇ رەسمىي مۇئامىلىدە قايسى يېزىقنىڭ ئاساسلىق ھالدا قوللىنىلغانلىقى مەسلىسىدە كەسكىن بىر ھۆكۈم قىلدۇرىدىغان ماھىيەتتىدۇر. مەھمۇدنىڭ ئىپادىسىدىن تۈرك يېزىقى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شۇ مۇھىتتىكى تۈركلەر ئارىسىدا قەدىمدىن بېرى قوللىنىلىپ كەلگەن باشقا يېزىقلارنىڭ ئورنىغا قوللىنىلىۋاتقان بىردىنبىر يېزىق ئىكەنلىكى مەلۇم. قەشقەردىن يۇقىرى چىنگە قەدەر ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا ھۆكۈمدار ۋە بەگلەرنىڭ يارلىق ۋە مەكتۇپلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغانلىقىغا نەزەر تاشلانسا، ھاكىمىيەتتىمۇ بۇ يېزىقنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىرلىكتە قوللىنىلغانلىقى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتۈلگەن ئەرەب يېزىقىنىڭ قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ھإكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى ھازىرچە بىلمەيمىز. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئالتۇن ئوردا ۋە ئىران تەۋەسىدىكى تۈرك دۆلەتلىرىدە 17- ئەسىرگە قەدەر ۋە بەزى ئەھۋالدا فاتىھ سۇلتان مەھمەد دەۋرىدە ئىستانبۇلدىمۇ قوللىنىلىغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەھۋالغا كۆرە، <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ھۆكۈمدارغا تەقدىم قىلىنغان ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغانلىقىنى قوبۇل قىلىش ھازىرچە تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ بىزنى بۇ يەردە ئالاقىدار قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە قولىمىزدىكى مەۋجۇت نۇسخىلارغا ئاساس بولغان ئۈچۈنجى قېتىملىق يېزىلىشىدا قوللىنىلغان يېزىققا كەلسەك، بۇنىڭ ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغانلىقىدا گۇمان قىلىنىدىغان ھىچقانداق بىر تەرەپ يوق. ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ھېرات نۇسخىسىنىڭمۇ ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان بىر نۇسخىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر.

***

8- <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ بۈگۈنكى نۇسخىلىرى

A. ھېرات نۇسخىسى: <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ دەۋرىمىزدە تۇنجى قېتىم مەلۇم بولغان ۋە شۇ ئارقىلىق بۇ ئەسەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا ئاساس سالغان نۇسخىسى ھېرات نۇسخىسى بولۇپ، بۇ ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان بىر نۇسخىدىن ئۇيغۇر يېزىغا ئۆرۈلگەن. كۈچۈرگۈچىنىڭ خېلىلا تىز ۋە گۈزەل يازالايدىغان بىر شەكىلدە ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق بىلىدىغانلىقى مەلۇم. نۇسخا ناھايىتى ئېھتىياتسىزلىق بىلەن يېزىلغان ۋە مەلۇم بىر كۇتۇپخانا ياكى شەخس ئۈچۈن يېزىلغان بولۇشتىن بەكرەك كۇپىيە(نۇسخا) قالدۇرۇش پىلان قىلىنغان بولسا كېرەك. بىر قانچە قېتىم بېيىتلەرنىڭ مىسرالىرىنىڭ ئورنى ئۆزگەرتىلگىنىدەك، سۆز ۋە قۇرلار ئاتلاپ كەتكىنىدەك، بەزىدە بىر قانچە قۇر تەكرارلانغان، كېيىن خاتالىق بايقىلىپ، مىسرالارغا مۇئەخخەر– مۇقەددەم ياكى ئوڭ – سول سۆزلىرىنى ئىلاۋە قىلىش ئارقىلىق تۈزۈتىلگەن. كەم قۇرلار ئۈستىگە يېزىلغان ۋە ئارتۇقچە يېزىلغان قۇرلار قالايمىقان بىر شەكىلدە ئۈستىدىن سىزىۋىتىش ئارقىلىق ئۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخىغا ئاساس بولغان ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان نۇسخىسىنىڭمۇ ئانچە رەتلىك ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بەلگىلەر بار. 19- بەتتىكى 7- قۇردىن كېيىن 197– 228 – بېيىتلەر، 180- بەتتىكى 5- قۇردىن كېيىن 6304 — 6351- بېيىتلەر ۋە 184- بەتتىكى 16- قۇردىن كېيىن 6521- 6604- بېيىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسىم كەم قالغان. بۇنىڭ كۆچۈرگىچىنىڭ دىققەتسىزلىكى سەۋەبىدىن بەتلەرنىڭ ئاتلاپ كەتكەنلىكىدىن بولغانلىقى ھېس قىلىنىدىغىنىدەك، بۇ قىسىمنىڭ ئەسلى نۇسخىدىمۇ كەم بولۇشى ئىھتىمالغا يېقىندۇر. 98- بەتنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 2739– 3473- بېيىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەتلەرنىڭ نۇسخا رەتلەنگەندىن كېيىن يوقالغانلىقى ئېنىق. ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسلى نۇسخىدا چېكىتلەرنىڭ بولماسلىقى ياكى بۇلارنىڭ قالايمىقان بولۇشىدىن پەيدا بولغان خاتالىقلارمۇ ھېرات نۇسخىسىدا خېلىلا مۇھىم بىر نىسبەتنى ئىگىلىگەن. مەلۇمكى، كۆچۈرگۈچى <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مەتنىنى تازا ياخشى ئوقىيالمىغان ۋە ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆرىگەن چاغدا مەنىسىنى بىلمەيدىغان، بولۇپمۇ سوزۇق تاۋۇشلار بەلگىسىز يېزىلغان سۆزلەرنى كۆپۈنچە ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە ئوقىغان ياكى ئۇلارنىڭ شەكلىنىلا كۆچۈرگەن. بەزى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا مەنىسىنى يېزىپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقى ۋە مۇشۇنداق قىلغان ۋاقتىدا بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقىدىنمۇ ئۇنىڭ تېكىستنى تازا ياخشى چۈشىنىپ كەتمىگەنلىكى كۆرۈلىدۇ.

كۆچۈرگۈچىنىڭ بۇ نۇسخىغا قوشقان ئەڭ چوڭ يېڭىلىقلىرىدىن بىرى بىر قىسىم ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئوقۇلىشىدا ئۆز تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلغانلىقىدۇر. كۆچۈرگۈچىلەردىن تىل ئىلمى ۋە تىلنىڭ تارىخى تەرەققىياتى ھەققىدە مەلۇمات كۈتۈش ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدە ئىلمىي بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىشلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش توغرا ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ھەر بىر كۆچۈرۈلمىدە كۆچۈرگۈچىنىڭ دەۋرنىڭ تىل ئادەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بىلىپ ياكى بىلمەي تۇرۇپ ئەسلى مەتىندىكى سۆزلەرنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە خالىغانچە بىر شەكىلنى قوللىنىشىمۇ ئومۇمەن كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋاللاردۇر. بۇ يەردە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇلارنى ھەقلىق ياكى ھەقسىز دەپ باھالاشتىن بەكرەك بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇ خىل ئەسەرلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى بۇ نوقتىغا تارتىش مەقسىتى بىلەن توختاپ ئۆتۈلدى. بولۇپمۇ تۈرك تىلىغا ئوخشاش دەۋر ۋە مۇھىتقا ئاساسەن ئەڭ مۇھىم ۋە ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرى تېخى ئېنىقلانمىغان بىر ساھەدە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئەڭ لازىملىق بولغان تىل ماتېرىياللىرىغا ئىرىشمەي ۋە تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ھەققىدە بىر پىكىرگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، خالىغانچە ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشى پايدىدىن بەكرەك ئورنىنى تولدۇرۇش قېيىن بولغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇنىڭ جانلىق مىساللىرىدىن بىرىنى <<قۇتادغۇ بىلىگ>> ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردىمۇ كۆرىمىز. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ باشقا نۇسخىلارغا نىسبەتەن ئىملا، ئوقۇلۇش ۋە چۈشەنچە جەھەتتىن قىممىتى ئەڭ تۈۋەن بولغان بىر نۇسخىسىنىڭ تۇنجى قېتىم مەلۇم بولۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ دەستلەپكى تەتقىقاتلارغا ئاساس سېلىشى تۈرك تىل ئىلمى ئۈچۈن بىر بەختسىزلىك بولغان ئىدى. ئەپسۇس خېلىلا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىگە يىتىپ بارغان بۇ تەتقىقاتلارنىڭ ئىلگىرىلەش جەرىيانىنى مىسىر نۇسخىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىمۇ ئۆزگەرتەلمىدى.

ھېرات نۇسخىسىنىڭ 185- بەت 26- 27- قۇرلاردىكى <<تۈكەندى قۇتادغۇ(بىلىگ) كىدابې تېرىخ سەكىز (يۈز)قېرق ئۈچ يېلتا قوي يېل مۇھەر(ر)ەم ئاينېڭ تۆرتى ھەرۈتە>>(قۇتادغۇ بىلىگ كىتابى تارىخ سەككىز يۈز قىرىق ئۈچتە، قوي يىلىدا، مۇھەررەم ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۈنى ھېراتتا تاماملاندى) ۋە تېخىمۇ تولۇقراق بولغان 189- بەت 9-14- قۇرلاردىكى<<تېرېخ سەكىز يۈز قېرق ئۈچتە قوي يېل ئاخىرى مۇھەررەم ئاينىڭ تۆرت ياڭگىسى ھەرۈ شەھرىندە بىدىلتى>>(تارىخ سەككىز يۈز قىرىق ئۈچتە، قوي يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مۇھەررەم ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۆنىدە ھېرات شەھرىدە يېزىلدى) دېگەن بايانلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ھىجرىيە 843- يىلى 4- مۇھەررەمدە(1439- يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى) كۈچۈرۈلگەن ئىدى. ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا (186- بەت 1- قۇر ۋە 189- بەت 3- قۇر) قوشۇلغان 38 بېيىتلىك بىر قەسىدىنىڭ 37- بېيىتىدىكى

بۇ قارا سايىل ئاداغىم ئەۋ(ۋ)ەل ئادىم ئول ھەسەن

ھەم ئۈچۈنچى ئەل قەبېم شەمز ئاچتې رەب ھىكمەت قانې

دېگەن مەلۇماتنىڭ كۆچۈرگۈچىگە ئائىت ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ھەسەن قارا سائىل شەمس دېگەن كىشى ئىكەنلىكى ھەم بۇ قەسىدىدىن، ھەم قەسىدىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلغان باشقا ئىككى بېيىتتىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇنىڭ ئەدەبىيات بىلەن شۇللانغان ۋە مەلۇم دەرىجىدە قەلەم تەۋرىتىشنىمۇ بىلىدىغان بىر زات ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. ئەسرنىڭ كۆچۈرۈلگەن تارىخىغا ئائىت ئىككىنچى باياندىن كېيىنكى چىرايلىق بىر سۇلۇس خەت نۇسخىسى بىلەن پارسچە يېزىلغان رۇبائىنىڭ ئۇنىڭغا ئائىت بولۇشى گۇمانلىقتۇر.

ھېرات نۇسخىسىنىڭ ئانادولۇغا، ئاۋۋال توقاتقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھىجرىيە 879-يىلى(1474) ئىستانبۇلغا كېلىشى ھەققىدە ئەسەرگە كېيىن قوشۇلغان مۇنداق بىر خاتىرە بار(189-بەت 15-18- قۇرلار):

<<تېرېخقا سەكىز يۈز يىدمىش دوكۇزتا يېلان يېل بۇ قۇتادغۇ بىلىگى كىتابنې(نى قوشۇمچىسى قۇرنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان) ئابدۇر- راس(س)اق شەيخسادە باخشى ئۈچۈن ئىسدامبۇلتا توقاددىن فەنارى ئوغلى قازى ئالى بىدىگ يىبەرىب كەلدۈرتىلەر مۈبارەك بولزۇن تەۋلەت قىلزۈن مىھنەت قىدزۈن.>>( تارىخ سەككىز يۈز يەتمىش توققۇزدا، يىلان يىلىدا، ئابدۈررەززاق شەيخزادە باخشى ئۈچۈن فەنارى زادە قادى ئالى ئىستانبۇلدىن مەكتۇپ ئەۋەتىپ توقاتتىن ئەكەلدۈردى؛ مۇبارەك بولسۇن، بەختكەلسۇن، بالا– قازا يىراق كەتسۇن!>>

ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ دەستلەپكى دەۋرلىرىدە ئانادولۇ تۈركلىرىنىڭ باشقا تۈرك مەملىكەتلرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەرگە نىسبەتەن زىچ بولغانلىقىنى بىلىمىز. تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلەتلىرى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن يېقىندىن ئالاقىدار بولغىنىدەك، ھەر ئىككى مەملىكەتتىكى ئىلىم مەركەزلىرى ۋە ھەر قايسى ئالىملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ بۈگۈنكى كۈندە تەسەۋۋۇر قىلىنغىنىدىنمۇ بەكرەك قويۇق ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان ئىدى. بىر مۇنچە ئالىملار ئۇ يەرلەردىن تۈركىيىگە كېلەتتى ياكى جەلپ قىلىناتتى. بىر مۇنچە تۈركلەرمۇ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ئانادولۇدىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەركەزلىرىگە باراتتى. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نى ئابدۈرەززاق باخشى ئۈچۈن توقاتتىن ئىستانبۇلغا ئەكەلدۈرگەن فەنارى ئوغلى قادى ئالىمۇ ئوقۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغان ئالىملاردىن بىرى ئىدى. ئىسمائىل بەلىگنىڭ <<گۈلدەستەئى رىيازى ئىرفان>>[7][7]دېگەن ئەسىرىدە بىرىلگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، مەشھۇر تۈرك ئالىمى شەمسىددىن مەھمەد بىننى ھامزا فەنارىنىڭ نەۋرىسى بولغان ئالائېددىن ئالى بىننى يۈسۈپ بالى بىننى فەنارى ھېرات، بۇخارا ۋە سەمەرقەندتىكى تۇنۇلغان ئالىملاردىن دەرس ئالغان. فاتىھ سۇلتان مەھمەدنىڭ دەستلەپكى دەۋرلىرىدە يەنە ئانادولۇغا قايتىپ كەلگەن ۋە موللا گۈرانىنىڭ دالالىتى بىلەن بۇرسادىكى ماناستىر مەدرىسىگە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلەنگەن. ھىجرىيە 878- يىلى(1473 – 1474) ئۇ قازىئەسكەرلىككە مەسئۇل قىلىنغان. ھىجرىيە 894- يىل(1498) رۇمەلىگە سەدرئەزەم بولغان، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئانادولۇغا سەدرئەزەم بولۇپ تەيىنلەنگەن. كېيىنكى كۈنلىرىنى بۇرسادا ئۆتكۈزگەن ئالائېددىن ئالى ھىجرىيە 903- يىلى(1497-1498) ۋاپات بولغان. ئۆز دەۋرىنىڭ بىر مۇنچە ئىلىم ساھەلىرىدە نوپۇزلۇق كىشىگە ئايلانغان بۇ ئالىمنىڭ كۈچلۈك بىر ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، سانسىزلىغان پارسچە ۋە ئەرەبچە بېيىتلارنى يادقا بىلىدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭمۇ بۇ ساھەدە قەلەم تەۋرەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. مەجدىنىڭ <<شەقائىقى نۇمانىيە تەرجۈمەسى>>(ئىستانبۇل)نىڭ 277- 278- بەتلىرىدە بىرىلگەن قىسقا مەلۇماتتا ئالائېددىن ئالىنىڭ فەنارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولماي، ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتى سەۋەبىدىن بۇ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

ئوسمانلى دۆلەت تەشكىلاتىدا بۇ تۈرك مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان رەسمىي خەت – چەك ئالاقىلىرىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس يازغۇچىلار بار ئىدى. باخشى ئۇنۋانىنى ئالغان بۇ مەمۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەملىكەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىلمىي ۋەزىيىتىنى پىىششىق بىلىدىغان ۋە كۆپۈنچە شۇ يەرلەردىن كەلگەن كىشىلەردىن تاللانغانلىقى مەلۇم. شەيخزادە ئابدۈررەززاق باخشىمۇ فاتىھ سۇلتان مەھمەد دەۋرىدە مۇشۇنداق بىر ۋەزىپە بىلەن ئىستانبۇلدا تۇرغان كىشىلەردىن بىرى ئىدى. فاتىھ سۇلتان مەھمەدنىڭ ئۇزۇن ھەسەنگە قارشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان يۈرۈشىدىن كېيىن تۈرلۈك مەملىكەتلەرگە ئەۋەتىلگەن زەپەرنامىلار ئارىسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە ئەرەب يېزىقى بىلەن 1473- يىلى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى يېزىلغان يارلىقىنىڭمۇ شەيخزادە ئابدۈررەززاق باخشى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى مەلۇم. ئاشۇ زات ئاياسوفىيا كۇتۇپخانىسىدا 4757- نومۇرلۇق تىزىملىكتىكى <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>>نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇر – ئەرەب يېزىقلىرى بىلەن يېزىلغان بىر مەجمۇئەنى رەتلەش ۋە كۈچۈرۈش ئىشىنى <<تارىخ سەككىز سەكسەن تۆتتە، توڭگۇز يىلىدا، زىلقادە ئېيىنىڭ 17- كۈنى شەنبە كۈندە تاماملىغان.>>

بۇنىڭدىن ھىجرىيە 843- يىلى(1439) ھېراتتا كۆچۈرۈلگەن بۇ نۇسخىنىڭ ھىجرىيە 879- يىلى (1474) ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلىشىنىڭ سەۋەپ ۋە نەتىجىلىرىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. نۇسخىنىڭ 190- بېتىدە ئابدۈررەززاق باخشى تەرىپىدىن يېزىلغان پارچىدىن كېيىن، 13- 14- قۇرلاردىكى <<نالبەنت ھامزەتىن سادغۇن(-غ-؟) ئالدۇق موللا ھايرەت(ت)ىننىڭ جۇما مەسجىتىنىڭ يانى تا ئاشىنا(ئى ئورنىغا ئا بىلەن ئاخىرلاشقان)>>(نالبەنت ھامزەدىن سېتىۋالدۇق؛ موللا ھايرەددىننىڭ جۈما مەسجىتى(جامەسى) يېنىدا، شاھىت خوجا ھاجى دەللا) دېگەن خاتىرىدىن ئىشەنچىلىك بىر پىكىرگە ئىرىشىش قېيىن. ئېنىق مەلۇم بولغان بىر نوقتا بار دېيىلسە، ئۇمۇ دەل ئەسەرنىڭ سېتىۋېلىش يولى ئىگىسىنىڭ ئالمىشىپ تۇرغانلىقىدۇر. خاتىرىدە نامى ئۇچرايدىغان خوجا(خۋاجە) ھايرەددىن فاتىھ سۇلتان مەھمەدنىڭ ئۇستازى بولۇپ، ھىجرىيە 880-يىلى(1475) ۋاپات بولغان. ئىستانبۇلدا شۇ ۋاقىتتا بۇ زاتنىڭ نامىدا ئىككى مەسچىت بار ئىدى. بۇنىڭ بىرى مەسىھ پاشا رايونىدىكى قەدىمىي بىر چىركاۋدىن ئۆزگەرتىلگەن مەسچىت، يەنە بىرى بولسا ئۇنكاپانىدا ھىجرىيە 874- يىلى(1669-1670) يىلى بىنا قىلىنغان مەسچىتتۇر. خاتىرىدە تىلغا ئېلىنغان مەسچىتنىڭ كېيىنكىسى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.[8][8]بۇ خاتىرىمۇ ئابدۈررەززاق باخشىغا ئائىت بولۇشى مۇمكىن. بەتنىڭ ئاخىرىدىكى قول بىلەن سىزىۋىتىلگەن ۋە ئاستىغا ئەرەب يېزىقى بىلەن <<باخسى بىلگۈسى>> دەپ گىرەلەشتۈرۈپ يېزىلغان ئۇيغۇرچە ئىمزانى بەزى قېيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن <<شەيخ سادە بەلگۈچۈ(؟) شەكلىدە ئوقۇشقا بولىدۇ. ئابدۈررەززاق باخشىغا ئائىت بولغان كىتاپلارنىڭ بىر قىسمى ئاياسوفىيا كۇتۇپخانىسىدا قويۇلغان. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئابدۈررەززاق باخشىنىڭ مۈلكلىرى قاتارىغا ئۆتكەن ياكى ئۆتمىگەنلىكى، ئەگەر ئۆتكەن بولسا نىمە سەۋەپتىن باشقا كىتاپلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋەھپە قىلىنمىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. سۇلتان مەھمۇدⅠدەۋرىدە(1730-1754) ئابدۈررەززاق باخشىغا ئائىت كىتاپلارنىڭ ۋەھپە ھۆججىتىنى يازغان ئەل مۈفەتتىش ئەۋقاپ ئەل ھارەمەين ئەھمەد شەيخزادە(ئاياسوفيا كۇتۇپخانىسى، 4012- ۋە 4775- نۇمۇر)نىڭ بۇ زاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.[9][9]

***

B. فەرغانە نۇسخىسى: <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ قولغا چۈشكەن نۇسخىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان پەرغانە نۇسخىسى ھەققىدە، بۇ نۇسخىنى تاپقان فىترەت <<مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى>>[10][10]مەجمۇئەسىدە ئەسەر ھەققىدە ئومۇمىي بىر مەلۇمات بىرىش بىلەن بىرلىكتە بۇ نۇسخىنىڭ 145-بىتىنىڭ فاكسىمىلىنى ئىلان قىلغان، لېكىن نۇسخىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۇنۇشتۇرمىغان. نۇسخا ھەققىدە بۇ ماقالىدىن پەقەت بەتلىرىنىڭ چېچىلىپ كەتكەنلىكى، كېيىن بىر يەرگە توپلىنىپ تىكىلگەنلىكى ۋە تۆتلۈكلەرنىڭ ئالتۇن سۈيى بىلەن يېزىلغانلىقىنى بىلىپ يىتىمىز. بۇ نۇسخىنى 1913- يىلى نەمەنگاندا بىر شەخسنىڭ خۇسۇسىي كۇتۇپخانىسدا كۆرگەن ئەھمەد زەكىي ۋەلىدى توغان( ZOV,ⅩⅩⅡ,312-313) مۇ ئەسەرنىڭ بېغىشلىما قىسمىغا ئائىت بىر ماۋزۇ بىلەن مەتىندىكى <<قۇتادغۇ بىلىگ>> ئىسمى ئۇچرايدىغان قىسىمدىن ئۈچ بېيىتنى چۈشەندۈرۈش بىلەن كۇپايىلەنگەن، لېكىن نۇسخا ھەققىدە ئايرىم بىر مەلۇمات بەرمىگەن. چۈشەنچە بىرىلگەن ماۋزۇ ۋە بېيىتلەردىكى پەرقلەر ھەر ھالدا ئېھتىياتسىزلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەينى نۇسخا ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن.

نۇسخىنىڭ باش ۋە ئاخىرقى قىسىملىرى كەم. قەيەردە، قاچان، كىم تەرىپىدىن ۋە كىم ئۈچۈن يېزىلغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرىلەرمۇ بۇ كەم بەتلەر بىلەن بىرلىكتە يوقالغان. يېزىلغان ۋاقتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزمۇ پەقەت پەرەزدىن ئىبارەتتۇر. فىترەت نۇسخىنىڭ سۇلۇس خەت نۇسخىسى بىلەن يېزىلغانلىقىغا قاراپ، بۇنىڭ ھېرات نۇسخىسىدىن خېلىلا بۇرۇن يېزىلغانلىقىنى پەرەز قىلىش قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن. ئەرەب يېزىقى مۇتەخەسسىسى بولغان مورىتز(Ungar.Jahr، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئورۇن) بولسا، ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ بۇ خىل شەكىللىرىنىڭ ئىراندا ھىجرىيە 6-(12) ئەسىردە مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ شەكىلنىڭ سۈرىيە ۋە مىسىردا ئەييۇبىلەر(569-650 = 1174- 1254) دەۋرىدە قوللىنىلغانلىقىنى، لېكىن ئۈچ چېكىتلىك p، jۋە gھەرپلرىنىڭ ھىجرىيە 6- ئەسىردە ئىراندا تېخى قوللىنىلمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ پەقەت ھىجرىيە 7- ئەسىردە ئانچە – مۇنچە ئۇچراشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، پەرغانە نۇسخىسىنىڭ مىسىر نۇسخىسىغا نىسبەتەن خېلىلا قەدىمكى بىر دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ۋە بەلكىم ھىجرىيە 7- ئەسىردە يېزىلغانلىقىنى پەرەز قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مورىتزنىڭ ئەسەرنىڭ يالغۇز بىرلا بىتىنىڭ تەتقىقاتىغا تايانغان بۇ پىكرى ئۆزىنىڭمۇ توغرا كۆرسەتكىنىدەك مۇتلەق ئەمەس ئىدى. باشقا نۇسخىلارغا نىسبەتەن خېلىلا ئەستائىدىل يېزىلغان ۋە تۇنجى قاراشتىلا تېخىمۇ قەدىمكى بىر دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكى ھېس قىلىنىدىغان بۇ نۇسخىنىڭ تىل ۋە ئىملاسىدا ئانچە – مۇنچە باشقا نۇسخىلاردا بولمىغان بەزى يېڭى شەكىللەرمۇ ئۇچرايدۇ( مەسىلەن، ئايغىر، يالاۋاچ، دېگەنگە ئوخشاش). نۇسخىنىڭ تېپىلغان ئورنىغا ۋە تەقدىم قىلىنغان ھۆكۈمدارنىڭ ئىسمىنى ئاتىغانلىقىغا نەزەر سېلىنسا، بۇنىڭ شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ئەنئەنە ۋە تارىخى خېلىلا جانلىق مۇھاپىزەت قىلىنغان بىر دەۋر ۋە مەركەزدە يېزىلغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.

ھېرات ۋە مىسىر نۇسخىلىرىدا باشتا نەسرىي مۇقەددىمە، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن نەزمىي مۇقەددىمە، ئۇنىڭدىن كېيىن باپلارنىڭ مۇندەرىجىسى، ئاخىرىدا <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئەسلى مەتنى يېزىلغان. پەرغانە نۇسخىسىدا بولسا نەزمىي مۇقەددىمە يوق. نەسرىي مۇقەددىمىدىن كېيىن باپلارنىڭ مۇندەرىجىسى، ئارقىسىدىن ئەسەرنىڭ مەتنى باشلىنىدۇ. نەسرىي مۇقەددىمە بىلەن باپلارنىڭ مۇندەرىجىسى بىرلا بەتتە بولغانلىقىغا قارىغاندا، نەزمىي مۇقەددىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسىمنىڭ كېيىنچە چۈشۈپ قالغانلىقى ئېھتىمالدىن يىراق. ئەگەر نەزمىي مۇقەددىمە ھەر قانداق بىر شەكىلدە كېيىنچە يوقىلىپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ يا نەسرىي مۇقەددىمىنىڭ ئالدىدا ياكى بابلارنىڭ مۇندەرجىسىنىڭ كەينىدە بىرىلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. نۇسخىنىڭ تۇنجى بېتى خېلىلا بوزۇلغان(فاكسىمىلدىكى تۇنجى بەت نۇسخىغا ئائىت ئەمەس، كېيىن مىسىر نۇسخىسىغا ئاساسەن تولۇقلانغان) ۋە ئاخىرىدا 445- بەتتىن كېيىن 6232– 6645 – بېيىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 30 بەتلىك بىر بۆلۈم كەم. بىر – ئىككى بەتنى ھېساپقا ئالمىغاندا نۇسخا ناھايىتى ياخشى ساقلانغان.

***

C. مىسىر نۇسخىسى: <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مىسىر نۇسخىسى 1896- يىلى قاھىرەدىكى ھىدىۋ كۇتۇپخانىسى(بۈگۈنكى كىرال كۇتۇپخانىسى)نىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مۇدىرى — نېمىس ئالىملىرىدىن مورىتز تەرىپىدىن تېپىلغان. بۇ كۇتۇپخانا رەتلىنىشكە باشلىنىپ يەر ئاستى ئامبارغا تاشلاپ قويۇلغان چۇۋۇك كىتاپلار ۋە ۋاراق دۆۋىلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلگەن چاغدا <<قۇتادغۇ بىلىگ>>كە ئائىت پارچىلارمۇ توپلىنىپ رەتلەنگەن. مانا مۇشۇنداق بىر يۈرۈش تاسادىپىيلىكلەر سەۋەبىدىن بۇ مۇھىم نۇسخا يوقىلىپ كىتىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. رادلوفنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ نۇسخىنىڭ ۋاراقلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 35- 36 سانتىمېتىر، قۇرلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى 18.5 سانتىمېتىر، قۇر ئارلىقىنىڭ كەڭلىكى 1.5 سانتىمېتىر ئىدى. خەتلىرى ئوچۇق ۋە ئاسان ئوقىغىلى بولىدىغان نەسىھ خەت نۇسخىسى بىلەن يېزىلغان. نۇسخىنىڭ بېشىدا ۋە ئوتتۇرىسىدا بەزى بەتلەر نەملىك تەسىرىدىن بوزۇلغان، قالغان قىسىملىرى ياخشى ساقلانغان. كىتاپنىڭ تېپىلغان چاغدىكى ئەھۋالىدىنمۇ پەرەز قىلىشقا مۇمكىن بولغىنىدەك، نۇسخىنىڭ بەزى قىسىملىرى يوقىلىپ كەتكەن. 16- (73-454)، 24- (587-646)، 72-(1504- 1562)، 272- (4579-4610)، 373-(6245- 6303)، 377- (6353-6417) ۋە 392- (6632-6645) بەتلەردىكى بېيىتلاردىن كېيىنكى قىسىم نۇسخىدا كەم. نۇسخا ناھايىتى دىققەت بىلەن يېزىلغانلىقى ۋە ئاتلاپ كىتىلگەن سۆزلەر ۋە بېيىتلارنىڭ ئورنى بەلگە ئارقىلىق كۆرسىتىلىپ بەتنىڭ چېتىگە قوشۇپ قويۇلغانلىقىدىن قارىغاندا، نۇسخا يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتا سېلىشتۇرۇلغاندەك قىلىدۇ. رەسىملەردىن نۇسخىنىڭ بېغىشلىما بار بېتى بىلەن باپلارنىڭ باشقا بىر خىل رەڭدە، ھەتتا ئالتۇن سۈيىدە يېزىلغان بولىشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىندۇر.

نۇسخىنىڭ باش بېتىدە ۋە بەتنىڭ يېرىمىدەك چوڭلۇقتىكى ئىچى بىزەلگەن بىر دائىرە ئىچىدە <<ئوقىغىل سىلىگ>> دېگەن سۆزلەر ۋە بۇ دائىرىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستى تەرىپىدە گۈزەل بىر سۇلۇس خەت نۇسخىسى بىلەن <<ئەل – ئەمىرىيەتىل – ئەجەللىيەتىل -كەبىرىيەتىل – ئىززىيەتى ئىززەد-دىن ئايدەمىرۈد – دەۋادارۈن ناسىرى>> دېگەن ئىبارىلەر يېزىلغان. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئايدەمۈر ناسر(693- 741 = 1293-1341)نىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، دەرىجىمۇ – دەرىجە ئۆسۈپ دەۋا مەسلىھەتچىلىكىگە قەدەر ئۆرلىگەن، ھالەپ ۋە ترابلۇستا نائىپلىق (تەختتە ھۆكۈمدار بولمىغان چاغدا ياكى ھۆكۈمدارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دۆلەتنى ئىدرە قىلىش ئىش – ت) ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن، كېيىن مىسىردا باش قوماندان بولغان. ئادىل ۋە كەمتەر دەپ خاراكتېرلەندۈرۈلگەن بۇ ئايدەمۈر 70 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈپ،762-يىلى(1361) ياكى 776- يىلى (1374) ئالەمدىن ئۆتكەن. [11][11]

بۇ نۇسخىنىڭ ئىززەد- دىن ئاي- دەمىر ئەد- دەۋادارنىڭ قولىدىن قىسقا بىر مەزگىل ئىلبۇغا ئەل- ھاسەكىل- چەركەسىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى مەلۇم(نۇسخىدا بۇ زاتنىڭ مۇھىرىنى تەقلىد قىلىش شەكلى بىلەن ئىسمىنىڭ يېزىلغانلىقى مەسىلىسى ئۈچۈن فاكسىمىلنىڭ 9-،59-،143-، 219-، 267-،281- بەتلەرگە قاراڭ). ئىلبۇغا سۇلتان ھەسەنۈن ناسىر(748-762= 1347- 1361) دەۋرىدە مىڭ بېشى، مەجلىس باشلىقى ۋە سۇلتاننىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان. ھەسەن ئۆلگەندە ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان مۇھەممەدۈل مەنسۇر(762- 764= 136-1364) نىڭ ئاتابەيلىك ۋەزىپىسىدە بولغان ۋە بۇ سۇلتاننى تەختتىن چۈشۈرگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا چىقارغان شابانۈل-ئەشرەف (764-778=1363-1377) دەۋرىدە ھاكىمىيەتنى ئۆزىنىڭ قولىغا ئالغان بۇ زات ھىجرىيە 768- يىلى(1367) ئۆلتۈرۈلگەن.[12][12]بۇ نۇسخىنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىرىشىش ئۈچۈن باش بەتتىكى بايانلار بىلەن 379- بەتتىكى ئىزاھاتنى تەتقىق قىلىش لازىم. ئىزاھات رەسىمدە ياخشى چىقمىغان. بەتنىڭ سول– ئاستى تەرەپىنىڭ بولۇڭىدا كېيىن ئىلاۋە قىلىنغان 11- 12- سۆزلۈك بۇ ئىزاھاتتىن تەھمىنىي بىر شەكىل بىلەن <<… تەبەردارۇ سۇلتانە … ئەل- ھاججۈ ھەلىلۈنىت تائى… >> دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇغىلى بولىدۇ.

***

D . <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ بۇ ئۈچ نۇسخىسىدىن باشقا يەنە ئايرىم– ئايرىم سەۋەبلەر بىلەن ئەسەردىكى بەزى بېيىتلارنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەنلىكى ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى بېيىت ئەنقەرە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى بىر مەجمۇئەدە كۆرۈلىدۇ. بۇ مەجمۇئەنىڭ پەقەت تۈركچە بېيىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش بىتىنىڭ رەسىملىرى قولۇمدا بولغانلىقتىن، باشقا قىسىملىرىنى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمىدىم. ئەمما فۇئاد كۆپرۈلۈ[13][13]بۇ مەجمۇئەنى تەتقىق قىلىپ، بىزنى ئالاقىدار قىلغان مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا يارايدىغان مەلۇماتلارنى بەردى. مۇئەللىپ بۇ مەجمۇئەدە ئەرەبچە، پارسچە ۋە تۈركچە شېئىر، ھېكايە ۋە مەكتۇپلار بىلەن بىرلىكتە تۈرك ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە خاراكتېرلىرىگە دائىر مەلۇمات توپلىماقچى بولغان، لېكىن كېيىنچە تۈركچە يېزىلغانلارنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىۋەتكەن. مەۋجۇت خاتىرىلەردىن مەجمۇئەنىڭ غازىب بىننى ئالى بىننى قۇتلۇغىل جۇباتى تەرىپىدىن رەتلىنىپ، ئەل- ئەمىرۈل مۇئەززەم شەمسۈل ھەققى ۋەد-دىن مۇھەممەد بىننىس سەئىد سەيفۈد-دىن ئايدەمىرۈل- جۇباتىگە تەقدىم قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا رەتلەنگەن ۋاقتى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، ۋاراق بوزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ياخشى ئوقۇغىلى بولمايدۇ(فى ئەۋاسىتى شەۋۋال مىن سەنەتى … سەبامىئەتىنىل ھىلالىييە). ف. كۆپرۈلۈنىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە، ئەمىر ئايدەمىر ھىجرىيە 703- 758-يىللاردا(1303-1357) ئىراننىڭ بەزى رايونلىرىدا ھۆكۈمران بولغان ئىنجۈ ئائىلىسىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمدارى ئەمىر شەيخ ئەبۇ ئىسھاقنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ھىجرىيە 755- يىلى(1354) شىراز شەھرىنى مۇزەففەرىيلەرنىڭ ۋالىسى شاھ سۇلتاننىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. مەجمۇئەنىڭ مۇھەممەدنىڭ دادىسىنىڭ ئورنىغا چىققان دەۋردە رەتلەنگەنلىكىگە قارىغاندا، بۇ ھىجرىيە 755- يىلى(1354)دىن كېيىنكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا يېزىلغان بولۇشى كېرەك.

مەجمۇئەدىكى بېيىتلار شۇ ۋاقىتتا <<موڭغۇل يېزىقى>> دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئائىت قىسىمدا كۆرۈلىدۇ. بۇ قىسىمدا ئاۋۋال ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شەكىللىرى، كېيىن ئۈستىدە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان، ئاستىدا ئەرەب يېزىقى بىلەن تەكرارلانغان تۈركچە سانلار، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>>قا ئائىت بىر تۆتلۈك بىلەن <<قۇتادغۇ بىلىگ>>كە ئائىت ئىككى بېيىت(1139، 1476) بار. بېيىتلەر تىل جەھەتتىن ئەسلىسىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەقەت ئەرەب يېزىقى بىلەن 10 قۇرلۇق ۋە مەزمۇن جەھەتتىن <<ئەتەبەتۇل ھەقايىق>>قا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر پارچە يېزىلغان. قۇرلار ئارىسىدىكى كەڭ ئارىلىقلار ھەر ھالدا كېيىنچە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن تولدۇرۇلۇش ئۈچۈن ئاق قالدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

***

E. <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تىكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر بېيىت سارايچىقتا 6-7 مېتىر چوڭقۇرلىقتىكى يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان بىر كوزىغا يېزىلغان. 24 پارچىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن كوزا سۇنۇقلىرى كېيىن تۇتاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ئۇرالسك ھەربىي موزىيىغا قويۇلغان. 1910-1911- يىللاردا كوزىنىڭ رەسىمىنى تاپشۇرۋالغان ئا. سامويلوۋېچ[14][14]ئۇنىڭ ئۈستىدىكى خەتنى ئوقۇپ تەرجىمە قىلغان ۋە كوزىنىڭ شەكلىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. كوزىنىڭ ئىگىزلىكى 80 سانتىمېتىر، ئاستى قىسمىنىڭ كەڭلىكى 23 سانتىمېتىر، ئوتتۇرا(قوساق) قىسمىنىڭ ئايلانمىسى 60 سانتېمىتىر، ئاغزىنىڭ كەڭلىكى 28.5 سانتىمېتىر بولۇپ، بويۇن قىسمىغا يېقىن يېرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە ئەرەپ يېزىقى بىلەن

كىشى كۆركى يۈز ئول بۇ يۈز كۆركى كۆز

بۇ ئۆز كۆركى تىل ئول بۇ تىل كۆركى سۆز

تاقى كۆرك كىشىكە بىلىگ ھەم ھۈنەر

يۇلۇغ قىلغۇ جاننى بىلىگلىگكە ئەر

دېگەن بېيىتلەر ۋە بىراز ئاستى تەرىپىدە، يەنى كوزىنىڭ قوساق قىسمىدا ئىككى قۇر قىلىپ <<بۇ كۈپنۈڭ ئىچىندە ياش قۇيار بولۇر>> دېگەن ئىبارە يېزىلغان. بۇ ئىبارىدىن، بولۇپمۇ <<ياش>> سۆزىدىن سامويلوۋىچ بۇ كوزىنىڭ ئاخىرەتلىك بويۇملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە سارايچىقتا ئالتۇن ئوردۇ خانلىرىنىڭ قەبرىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن. بۇ بېيىتلەردىن ئالدىنقىسى <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە تۈركچە مەسەل(ئىبرەتلىك سۆز) سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن 274- بېيىت بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنماقتا. خېلىلا پەرقلىق بولغان بۇ بېيىتنىڭ بەلكىم ئىككىنجى بېيىتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر ئەسەردىن ئېلىنغان بولۇشىمۇ ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ بېيىت <<قۇتادغۇ بىلىگ>> نۇسخىلىرىدىمۇ خېلىلا پەرقلىنىدۇ.

***

9- <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ فاكسىمىللىرى

ھېرات نۇسخىسىنىڭ رادلوف تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان فاكسىمىلى ئەسلى نۇسخا بىلەن سېلىشتۇرۇلسا فاكسىمىلدە بەزى سىزىقلارنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. باشقا نۇسخىلار مەيدانغا چىققاندىن كېيىن بۇ خىل تازىلاش پائالىيىتىدىن پەيدا بولغان كەمچىلىكلەر ئەمدىلىكتە چوڭ بىر توسالغۇغا ئايلانمايدىغان بولدى. تۈركىيە تىل قۇرۇمى بۇ نۇسخىنىڭ فاكسىمىلىنى ئىشلىگەندە رادلوفنىڭ نەشىرىنى ئاساس قىلغان. نۇسخىنىڭ ئەسلىگە مۇراجىئەت قىلىنغان بولسا ئىدى، ھەم توغرىلىق جەھەتتىن تېخىمۇ جايىدا ھەرىكەت قىلىنغان، ھەم بۇ خىل باسمىلاردا ئۇنداق ياكى بۇنداق تېخنىكىلىق سەۋەپلەردىن پەيدا بولغان خاتالىقلارنىڭ ئاشۇ خىل سەۋەپلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپىيىشىگە ئىمكان بىرىلمىگەن بولاتتى.

<<قۇتادغۇ بىلىگ>> ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەر باشلانغاندا پەرغانە نۇسخىسىنىڭ رەسىملىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىندى. 1934- يىلى تۈرك تىل قۇرۇلتىيىغا ئىشتىراك قىلغان سامويلوۋىچ رۇس پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ قۇرۇلتايغا قىلغان بىر سوغىسى سۈپىتىدە بۇ نۇسخىنىڭ رەسىمىنى تەقدىم قىلدى. لېكىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ رەسىملەر ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنمىغان ۋە فاكسىملنى نەشىر قىلىشقا تۇتۇش قىلىنغاندا قايتىدىن بىر قېتىم رەسىمگە تارتىش ئېھتىياجى تۇغۇلغان. بۇ قېتىم رەسىمگە تارتىلغاندا ئەۋۋەلقىسىدىن خېلىلا تار دائىرلىك بىر كارتون(لېنتا) ئىشلىتىلگەن ۋە بەتلەر مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر مۇشۇ دائىرە ئىچىگە سىغدۇرىۋىتىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بەزى بەتلەرنىڭ باش تەرىپى ۋە سول قىرغىقى رەسمىگە چىقماي قالغان. رەسىمنى تارتقانلار ئىككى بەتتە مۇشۇ يىتەرسىزلىكنى تولۇقلاشقا تىرىشقان، 224- بەتتە بۇنى مۇۋاپپىقىيەتلىك قىلغان بولسىمۇ، 217- بەتتە ئىككىنجى مىسرانىڭ تۇنجى سۆزى بولغان <<ئەرەژ>> تامامەن باشقا بىر شەكىلگە ئۆزگىرىپ كەتكەن. باشقا بەتلەردە سۆزلەرنىڭ ئوقۇلىشىنى قېيىنلاشتۇرغان ۋە تولۇقلاش زۆرۈر بولغان بۇ خىل كەمچىلىكلەر بۇرۇنقى رەسىملەرگە ئاساسەن پۈتۈنلەشتۈرۈلگەن. فاكسىمىل بېسىلغان چاغدا باسما قېلىپنىڭ چوڭلىقى تەڭشىلىپ، بەزى بەتلەر خېلىلا كىچىكلىتىلگەن ۋە تېكىستنىڭ بىر قىسمى باسما قېلىپنىڭ سىرتىغا چىقىرىلغان.

پەرغانە نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى تەييارلانغاندا، ئەسەرنىڭ بەت نۇمۇرى خاتا قويۇلغان. شۇ سەۋەپلىك، نۇسخىنىڭ 1- بېتىنىڭ ئاق قالدۇرۇلۇشى ۋە نۇسخىنىڭ ئاخىرقى بېتى بولغان 445- بەتنىڭ ئارقىسىدىكى بوش بەت <<قۇتادغۇ بىلىگ>>كە ئائىت بولمىغان بىر مەتىننىڭ يېزىلىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بولسا كېرەك، دېگەن قاراشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل مالىمانچىلىققا ئىمكان بەرمەسلىك ئۈچۈن، بەت نۇمۇرلىرىدا 445 – بەتنىڭ ئورنىنى 444 – بەت ياكى 446 -بەت دەپ ئويلاش ۋە نۇسخىنى ئاخىرقى بەتنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئەمەس، بەلكى ئارقا تەرىپىدە ئاخىرلاشقان دەپ قوبۇل قىلىش كېرەك.

مىسىر نۇسخىسى يېزىقى جەھەتتىن نۇسخىلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى بولغىنىدۇر ۋە رەسىم تېخنىكىسى جەھەتتىنمۇ نۇقسانسىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن فاكسىمىلى ھىچقانداق بىر ئىش قوشماي بېسىلدى. ئەپسۇس، فاكسىمىلنى نەشىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغانلار كۆپۈنچە مۇشۇ نۇسخا ئۈستىدە ئىشلەپ، سۇس كۆرۈنگەن ھەر بىر چىكىت ۋە سىزىقلار ئۈستىدىن قەلەم ماڭدۇرغان. ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان بۇ ئەمگەكنىڭ فاكسىمىلگە پايدىلىق رول ئوينىمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. بۇنىڭغا بىر مىسال سۈپىتىدە 274- بەتتىكى چىكىتسىز <<ت>> بىلەن يېزىلغان <<تادۇڭ>> سۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر تۈزۈتىشتىن كېيىن <<لادۇڭ>> شەكلىگە ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىش يىتەرلىكتۇر. بۇ خىل ئىشلاردا مەتىننى ياكى يېزىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلمەيدىغانلارنىڭ بۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويۇشى دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى فاكسىلىمگە قول تەككۈزمەسلىك كېرەك. بۇ نۇسخىدىكىگە ئوخشاش فاكسىمىللارنىڭ كىشىلەر ئىككىلىنىپ تۇرۇپ پايدىلىنىدىغان بىر ھالغا كەلتۈرۈلۈشى ئۇنىڭ نەشرىدىن كۈتۈلگەن مەقسەتكە زىت بىر ھەرىكەت بولىدۇ.

***

نۇسخىلاردىكى ئەسەرنىڭ ئىسمىنى ئىپادە قىلىدىغان ماۋزۇغا كەلسەك، ھېرات نۇسخىسىنىڭ ئايرىم بىر باش بېتى بولمىغانلىقى مەلۇم. بۇ ھال بەلكىم نۇسخىنىڭ كۇپىيە قالدۇرۇش خاراكتېرىدە يېزىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك. پەرغانە نۇسخىسىنىڭ تۇنجى بېتى يوقالغانلىقتىن، نۇسخىنىڭ بېشىدا ئەسەرنىڭ ئىسمىنىڭ ھەر قانداق بىر شەكىلدە كۆرسىتىلگەن ياكى كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى بىلمەيمىز. مىسىر نۇسخىسىغا كەلسەك، بۇنىڭ باش بېتى مەۋجۇت، لېكىن ئەسەرنىڭ ئىسمى بولۇشقا تىگىشلىك يەردە <<ئوقىغىل سىلىگ>> دېگەندەك تامامەن باشقا بىر ئىبارە كۆرۈلىدۇ.

<<قۇتادغۇ بىلىگ>> مەتنىنىڭ ھېرات نۇسخىسىغا ئائىت بىر قىسمىنى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلغان ۋامبېرىي ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن تىزدۇرغان قىسىمدا <<قۇتادغۇ بىلىگ>> ئىسمىنىڭ مەتبەئە ھەرپلىرى بىلەن بېسىلغان شەكلىنى ئېلىپ[15][15]چوڭايتقان ۋە بۇنى قېزىل رەڭلىك قىلىپ نەشىر نۇسخىسىنىڭ باش بېتىگە قويغان. رادلوف بولسا ئاشۇ نۇسخىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستانبۇلدا ئىلاۋە قىلىنغان بىر باياندا ئۇچرايدىغان <<قۇتادغۇ بىلىگ>> سۆزىنى ئۇ يەردىكى شەكلى بويىچە[16][16]چوڭايتىپ، ئۇنى ئۆز فاكسىمىلىغا ماۋزۇ قىلغان. تۈرك تىل قۇرۇمى فاكسىمىللارنى نەشىر قىلغان چاغدا، ھېرات نۇسخىسىدا كۆرۈلگەن بۇ شەكىلنى ئەينەن ئالغىنىدەك، پەرغانە نۇسخىسىنىڭ نەسرىي مۇقەددىمىسىدىكى يېزىلىش شەكلىنى[17][17]تەقلىد قىلىپ چوڭايتقان ۋە بۇنى پەرغانە ۋە مىسىر نۇسخىلىرىنىڭ فاكسىمىللىرىنىڭ تېشىغا ماۋزۇ قىلىپ باستۇرغان. زادىلا مۇۋاپىق بولمىغان بۇ شەكىلنىڭ ئومۇمەن ئەنئەنىگە ئايلىنىپ داۋام قىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرۇش ۋە خاتا يوللارغا باشلاشتىن باشقا ھېچقانداق بىر پايدىسىنىڭ يوقلىقى ئېنىق.

***

10- <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مەتىن نەشىرىگە ئائىت ئىزاھلار

<<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ مەتىن نۇسخىسىدىن پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلغانلار ئۈچۈن، تۈۋەندىكى نوقتىلارنى ئالاھىدە نەزەردە تۇتۇشنىڭ پايدىسى بار.

1- مەتىننى تۇرغۇزۇشتا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان ۋە مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ترانسىكرىپسيون سىستېمىسى[18][18]تەدبىق قىلىندى. تۈركچە سۆزلەرنىڭ ترانسىكرىپسيونىنى ئىشلەشتە >z>ydتاۋۇشىنىڭ شەكىل جەھەتتىن مەتىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دەۋرى ھۆججەتلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن z نىڭ ئورنىغا dشەكلىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق دەپ قارالدى.

2- مەتىننىڭ تۈركچە قىسمى نورماللاشتۇرۇلدى. چەت تىلدىن كىرگەن سۆزلۈكلەرنىڭ ئەسلى ئىملاسى مەتىندە ئايرىم كۆرسىتىلدى. سانى نىسبەتەن ئاز بولغان بۇ يات سۆزلۈكلەرنى ئوقۇشتا ئايرىم بىر زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا تۈركلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى تەلەپپۇزى ئاساس قىلىندى. بۇ يەردە چەت تىلدىن كىرگەن بۇ سۆزلۈكلەرنىڭ 11- ئەسىردىكى تەلەپپۇز شەكىللىرىگە چىڭ ئېسىۋېلىشتىن بەكرەك مەتىندىن مۇمكىن قەدەر كەڭ بىر ئوقۇرمەنلەر تۈركۈمىنىڭ ئاسان پايدىلىنىشى نەزەردە تۇتۇلدى. تۈركچىگە ھەر قايسى دەۋرلەردە كىرگەن يات سۆزلۈكلەرنىڭ ئوقۇلۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كېيىن ئايرىم توختىلىمىز.

3- نۇسخىلاردا بەزى بېيىتلەرنىڭ رەت تەرتىۋى قالايمىقان. بۇلار تىكىستنىڭ راۋاجىغا قاراپ تۈزۈتىلدى ۋە ھەر قايسى نۇسخىلاردىكى ئورنىغا ئىزاھاتمۇ بىرىلدى. نۇسخىلارنىڭ يالغۇز بىرىسىدىلا بولغان ۋە مەتىننىڭ راۋاجىغا قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇشتا كىشىنى ئارىسالدىلىقتا قويغان بېيىتلار بىلەن كۆچۈرۈشتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن بوزۇلغان ياكى تەكرارلانغان بېيىتلار ئىزاھات قىسمىغا ئېلىندى.

4- مەتىندە خېلىلا چوڭ بىر نىسبەتنى ئىگىلىگەن ۋە ئەسەرنىڭ تەتقىقاتىدىمۇ مۇھىم بىر ئورۇن تۇتىدىغان تۆتلۈكلەرنىڭ مەتىننىڭ باشقا قىسىملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى ۋە دەرھال كۆزگە چېلىقىشى ئۈچۈن، ئۇنى دەستلەپتە يانتۇ ھەرپلەر بىلەن تىزىش بەلگىلەنگەن ئىدى، لېكىن مەتبەئەدە بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىغانلىقتىن، بۇلارنى ئىزاھاتتا بىلدۈرۈپ ئۆتۈش بىلەن كۇپايىلىنىشكە مەجبۇر بولدۇق.

5- <<قۇتادغۇ بىلىگ>>نىڭ ئەسلىگە ئائىت بولغان قىسىم بىلەن بۇنىڭغا كېيىن قوشۇلغان قىسىملارنى ئاسان ئايرىش ئۈچۈن ھەر بىر قىسىم ئايرىم بىر ھەرپ بىلەن كۆرسىتىلدى.

A. نەسرىي مۇقەددىمە

B. نەزمىي مۇقەددىمە

C. بابلارنىڭ مۇندەرجىسى

D. ئەسلى مەتىن

E. يۈسۈپ تەرىپىدىن يېزىلغان بولسىمۇ، شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن <<قۇتادغۇ بىلىگ>> كە ئائىت بولمىغان پارچىلار.

6- كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلار ۋە نەقىل ئېلىش ئىشلىرىدا مەتىندىن ئاسان پايدىلىنىدىغان ئىمكانىيەتنى يارىتىش ئۈچۈن بېيىتلار يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن گۇرۇپپىلار ئىچىدە نۇمۇرغا تۇرغۇزۇلدى. ھەر ئىككىلىسى يۈسۈپكە ئائىت بولغان DۋەE قىسىملاردا بولسا نۇمۇر تەرتىۋى ئۈزۈلمەي داۋام قىلدۇرۇلدى. مەتىندىن فاكسىمىلگە ۋە فاكسىمىلدىن مەتىنگە دەرھال نەزەر ئاغدۇرۇشتا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاشۇ نۇمۇرلارنى ھىچبولمىغاندا فاكسىمىل بەتلىرىنىڭ ئاستىغا قويۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ئەپسۇس بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىدى.

7- مەيلى چوڭ بابلارنىڭ ياكى كىچىك ماۋزۇلارنىڭ بولسۇن كۆرسىتىلىش شەكلى نۇسخىلاردا بىر بىرىدىن پەرقلىق بولغىنىدەك، نۇسخىلارنىڭ مۇندەرىجىسىدە كۆرسىتىلگەنلەر بىلەن مەتىندە كۆرسىتىلگەنلەرمۇ بىر بىرىگە ماس كەلمەيدۇ. باپلارغا ئائىت مەتىننىڭ بىر قىسمى كۆپۈنچە بابنىڭ ماۋزۇلىرىدىن بۇرۇن كەلگەن ۋە ئاخىرىدا ئايرىم كۆرسىتىلمەي مەزمۇن ئالماشتۇرۇلغان. ماۋزۇلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا بولماستىن كېيىن ئىلاۋە قىلىنغان بولۇشىمۇ ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىندۇر. مەتىننى تۇرغۇزۇشتا نۇسخىلارنىڭ ئومۇمىي شەكلىگە ماس ھالدا باپ خاراكتېرىنى ئالغان چوڭ ماۋزۇلارغا رەت نۇمۇرى بېرىلدى، كىچىك ماۋزۇلارمۇ ئۆزىگە ئائىت ئورۇنغا قويۇلدى. بۇلارنىڭ نۇسخىلاردىكى ئەھۋالى ئىزاھاتتا ئايرىم كۆرسىتىلدى. باب تەقسىماتى مەزمۇنلارنى تولۇق بىر شەكىلدە ئۆز دائىرىسىگە ئالمىغانلىقتىن، بىر مەزمۇننى تەتقىق قىلماقچى بولغانلارنىڭ يالغۇز باپ ماۋزۇلىرىغىلا ئەمەس، مەزمۇننىڭ ئەسلىدىكى باش قىسمى بىلەن ئاخىرىغىمۇ دىققەت قىلىشى زۆرۈردۇر. بىر ماۋزۇدىن يەنە باشقا بىرىسىگە ئۆتكەندە پەقەت نۇسخىلاردا ئايرىم كۆرسىتىلمىگەن يەرلەر بىر سىزىق ئارقىلىق ئىپادە قىلىندى. تەتقىق قىلغۇچىلارغا بۇ خۇسۇستا بىر قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن كىرىش سۆز قىسمىنىڭ ئاخىرىغا تەھلىلىي بىر مۇندەرىجە ئىلاۋە قىلىندى.

8- ئىزاھاتلاردىن مۇمكىن قەدەر ئاسان پايدىلىنىش ۋە لازىمسىز نوقتىلارغا ئورۇن بەرمەسلىك مەقىسىتى بىلەن، تۇرغۇزۇلغان مەتىندىن پەرقلىق بولغان خۇسۇسلارنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بىرىلدى ۋە مەتىننىڭ ئىزاھاتى بىلەن ئالاقىدار بولغان ھەر قانداق بىر نوقتىغا سەل قارالمىدى.

9- ئىزاھاتلاردا ئايرىم نۇسخىلارنى ئىپادە قىلىدىغان A(ھېرات)، B(پەرغانە) ۋە C(مىسىر) ھەرپلىرى يېنىدىكى رەقەملەر بەتنىڭ قۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ(A22yer، yirC10 — ت). بۇ يەردە ئىزاھات قىسمىنى رەقەملەرگە كۆمىۋەتمەسلىك ئۈچۈن نۇسخا بەتلىرىنى ئىپادە قىلىدىغان رەقەملەردىن ۋاز كېچىلدى. بۇ ئۆكسۈكلۈكنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مەتىن بەتلىرىنىڭ سول يېنىدا نۇسخا بەتلىرىنىڭ باش قىسمى ۋە يۇقىرى تەرەپنىڭ سىرتىدىكى بولۇڭدىمۇ بۇ بەتلەرنىڭ داۋامى كۆرسىتىلدى. بۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىزاھاتلاردا كۆرسىتىلگەن قۇر رەقەملىرىنىڭ قايسى بەتكە ئائىت ئىكەنلىكى ئاسانلا مەلۇم بولىدۇ.

10- ئىزاھاتلاردىكى قىرلىق تىرناق(])نىڭ سول تەرەپىدىكى قىسىم ئەسلى مەتىننى، ئوڭ تەرەپتىكى قىسىم نۇسخىلاردىكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ (bügü[ A8buğüB11büğü|| — ت) . يومىلاق تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان ھەرپ ۋە سۆزلەر مەتىندە بولۇشىقا تىگىشلىك، لېكىن نۇسخىلاردا كەم بولغان ھەرپ ۋە سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاشۇ تىرناق ئىچىگە يەنە ئىزاھلاش زۆرۈر بولغان جۈملىلەرمۇ ئېلىندى. ئىزاھاتلاردا سۆزلەرنى تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن مەتىننىڭ ئىككى سۆزى ئوتتۇرىسىدىكى قىسىم ئۈچ چىكىت(…) بىلەن ئىپادە قىلىندى.

11- ئىزاھاتغا ئاساسىي جەھەتتىن نۇسخىلاردىكى پەرقلىق سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلار ئېلىنغان بولسىمۇ، گۇمانلىق كۆرۈلگەن ياكى ھەر قانداق بىر شەكىلدە ئوقۇش ۋە ئىزاھلاش مۇمكىن بولغان سۆزلەر ئارقىلىق جۈملە ھالىتىدە ئېلىنغان پارچىلاردىكى سۆزلەرنىڭ يېزىلىش شەكلى ئايرىم ئىپادە قىلىندى.

12- مەتىن ۋە نۇسخىلاردىكى ھەر قانداق بىر مۇھىم خۇسۇسىيەتكە دىققەتنى تارتماقچى بولغاندا، ئىزاھاتلارنىڭ بۇ قىسمى ئايرىم بىر قۇر بىلەن باشلاندى.

تۈگىدى

——————————————————————————–

——————————————————————————–

[1][1]Turkestan v epohu Mongolskogonaşestviya, Petersburg, 1900; İngl, Turkestan down to the Mongol invasion, GMNS, Ⅴ, London, 1928.

[2][2]Pam. Kn. Semir. Obl., Ⅱ, 102, vd.

[3][3] ۋ. بارتولد: << <<قۇتادغۇ بىلىگ>>تە زىكرى قىلىنغان بۇغراخان كىم>>، ئې. دېنىسوننىڭ ئىزاھاتى، <<تۈركىيات>>، 1925- يىلى، 1-توم، 226-بەت.

[4][4] ئۆزكەندنىڭ جۇغراپىلىك ئەھۋالى، زامانىمىزغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن تارىخىي ئەسەرلىرى ھەققىدىكى مەلۇمات ۋە بىبلىئوگرافىيە ئۈچۈن <<تۈركىيات>> ژورنىلىنىڭ 1- سان، 347- 350- بەتلىرىگە قارالسۇن.

[5][5]Cod. Lugd, 904.

[6][6]S. Maksudi Arsal,hukuk felsefesitarihi, İstanbul, 1946, s. 130.

[7][7] بۇرسا، 1302- يىلى، 245- 248- بەتلەر.

[8][8]Hadikatül cevami, İstanbul, 1281, Ⅰ, 53, 101.

[9][9] شەيخزادە ئىسمى بىلەن ئاتالغان باشقا شەخسلەر ئۈچۈن بۇرسالىق تاھىرنىڭ <<ئوسمانلى مۇئەللىپلىرى>> دېگەن ئەسرىنىڭ 1- توم، 334- بەتلىرىگە قاراڭ.

[10][10] تاشكەند، 1925، Ⅱ، 68-74 ؛ بۇ ماقالىنىڭ تۈركچىسى ئۈچۈن <<تۈركىيات>>نىڭ 1927- يىل 1-سان، 344- 347- بەتلىرىگە قاراڭ، نىمىسچىسى ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئەسەرگە قارالسۇن: Ⅵ,H ,1/2, 154-158.. Ungar.Jahrb

[11][11] ئىبنۈل ھەجەر :<<ئەد- دۈرەرۈل – كامىنە>>، 1- توم،429- بەت، 1127- نومۇر.

[12][12] ئىلبۇغا ئەل – ھاسەكىن- ناسىر ، ئىبنۈل- ھەجەر، يۇقىرىقى ئەسەر، 3- توم، 438- بەت، 1218- نومۇر.

[13][13] فۇئاد كۆپرۈلۈ: <<تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقاتلار>>، ئىستانبۇل، 1934 -يىلى، 74-83- بەتلەر.

[14][14] A.Samoyloviç, Sredneaziatsko-turetskiyanadpisi na glinyanom kuvşine iz Sarayçika, ZVO, 1912, ⅩⅩⅡ, cüzⅠ, s. 038-0447

[15][15]Vambery, Uigurische Sprachmonumenta und das Kutatku Bilik, Innsbruck, 1870, s. 44, str, 14-15

[16][16] فاكسىمىل، 189-بەت، 15- قۇر.

[17][17] فاكسىمىل، 2-بەت، 7-قۇر.

[18][18] <<تۈرك ئىلمىي ترانسىكرىپسيون يىتەكچىسى>>، ئىستانبۇل، 1946-يىل.

مەنبە : ئوكيان تورى

خەتكۈچلەر: ، ،
تەۋەلىك: شەخىسلەر
يېڭى تېمىلار