قۇتبۇللا خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

قۇتبۇللا خوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى چاقماق دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىدە ، قىزىل دەرياسىدىن بۇ ۋادىغا سۇ كېلدىغان قەدىمى ھەم مەشھۇر ئۆستەڭ __ ئاۋات ئۆستىڭنىڭ جەنۇبى قىرغىقى ، قەشقەر_ ئۈرۈمچى تاشيۇلىنڭ غەرىب تەرپىدە <<قۇتبۇللا خوجام >> نامىدا ئاتىلىپ يىراق – يېقىنغا مەشھۇر بولغان بىر مازار بۇلۇپ ، كىىشلەر بۇ مازارنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ .ئۇقۇمۇشسۆز ئەسلى ئەرەبچە << قۇتبۇللا خوجام >> دىگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بۇلۇپ ، ئۇ << ئېتبار ۋە ھۆرمەت مەركىزى بولغان ئالىم >> ياكى << پېىشۋا ، يولباشچى >> دىگەن مەنىدىكى << قۇتۇب >> دىېگەن سۆزگە << ئاللاھ >> دېگەن سۆزنىڭ قۇشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن ئەرەبچە بىرىكمىگە يەنە << بەگ، خوجا>> مەنىسىدىكى << خۇاجە >> دېگەن پارىسچە سۆزنىڭ قۇشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن ئاتالغۇدۇر.بىر اق ، جانلىق تىلىمىزدا << قۇپەللا خوجام >> دىيىلۋاتقان بۇ ئاتالغۇ ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى تارىخى ۋە غەيرى تارىخى ماتىرياللاردا ئوخشىمىغان شەكىلدە خاتىرلەنگەن . مەسلەن : مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ << تارىخى رەشىدىي >> ناملىىق قەشقەردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۆلىمالارغا مۇناسىۋەتلىك مازارلارقاتارىدا << قۇتبى ئالەم خوجا >> دەپ تىېلغا ئېلىنغان بولسا، 18-ئە سىردە قەشقەردە ئۆتكەن ئۇيغۇر كىلاسسك شائىرى قاسىمنىڭ مىلادى 1798-يىلى يازغان << تەزكىرەئى ئارسىلانخان >> ناملىق داستانىدا قەشقەردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم _ ئۆلىمالار ھەققىدە قەلەم تەۋرىتلگەندە،
ھۈسەيىن فەيزۇللا خوجام ، خۇاجە پىققە خوجام ،
بىرسى ئالىم ئىدى، بىرسى ئىمام .

يەنە بىرلىرى قۇتبۇللا ئەلا خوجام ،
بۇلۇپ شەيخۇلئىسلام كاشىغەرغە تامام.

بۇلار كاشىغەرنىڭ ئۇلۇغ زىننىتى ،
ئە زىزلەر بۇلاردىن تەپىپ ھۆرمىتى .

دەپ زىكرى قىلغان . يەنى قۇتبۇل ئەلا خوجام دەپ يېزىلغان. شۇنىڭدەك 19- ئەسىر ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەر << نىزارى داستانلىرى >> نىىڭ دىباچە قىسىمدىمۇ قەشقەر تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر تېلغا ئېلنىغاندىن كىين،

يەنە قۇتبى ئالىم ھەببى ئەھەد،
ھەمە ھاجەت ئەھلىگە قىلمىش مەدەد.

دەپ << قۇتبى ئالىم >> نامىدا زىكرى قىلىنغان بولسا ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ <<تارىخى ئەمىنيە >> ۋە << تارىخى ھەمىدى >> ناملىق ئەسەرلىرىدە يەنە ئوخشاشلا قەشقەر تارىخىدىكى ئۇلۇغ مازارلار قاتارىدا << قۇتبۇللا خوجام >> نامىدا خاتىرلەنگەن. مەيلى قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەر قايسى تارىخى ماتىرياللاردا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ قاتارىدا تېلغا ئېلىنىشى ۋە مازىرنىڭ كاتتا مازار- ماشايخلار قاتارىدا يېزىلىشى ئۇنىڭ قەشقەر تارىخىدىكى ئىجتىمائى ئورنىنى ھەم تەسىر _ دائىرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ، ئەلۋەتتە .

تەتقىقات ماتېرىياللىردىكى ئۇچۇلارغا قارىغاندا، بۇ مازارنىڭ خېلى مۇكەممەل بىر تەزكىرىسى بۇلۇپ، بۇ كونا تەزكىرە تۈرلۈك ھادىسە ۋە قولدىن – قولغا ئۈتۈش جەريانىدا يوقىلىپ كەتكەن. شوڭا موللا نىياز شەيخنىڭ دەۋىتى بىلەن چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قوشكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاتاقلىق دىنى ئالىم ، شائىر ھەم تەزكىرچى داموللا ئابدۇلۋاھىت ( ھېجىريە 1258_1342-يىللىرى ، يەنى مىلادىيە 1842_ 1923_ يىللىرى ياشىغان ) << تەزكىرەئى قۇتبۇل ئالەم خوجام ئەھۋال كەيپىيات ۋە كەشپىي كارامەتلىرنىڭ بايانى >> دېگەن بىر تەزكىرنى يازغان ئىكەن . بۇنىڭدا ئېيتىلشچە ، قۇتبۇللا ئىراقىلىق بۇلۇپ ، تەخمىنەن مىلادىيە 1407-1408 _ يىللىرى ئىىچىدە تۇغۇلغان . ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكتىن ، ئانىسىنىڭ تەربىيسدە چوڭ بولغان ھەم مەدرستە ئۇقۇغان . بۇ جەرياندا ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇقۇپ ، بىر تەرەپتىن كىراكەشلىك قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن . كېينچە ئانىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن جاھانكەشتىلككە ئايلىنىپ بۇخاراغا كېلىپ ھامماللىق قىلغان .بۇ جەريانلاردا كارۋانلاردىن قەشقەر ھەققىدىكى تەرىپلەرنى ئاڭلاپ ، بەلگىلىك چۈشەنچە ھاسىل بولغاندىن كىين ، قەشقەرگە كەلگەن ھەم چاپان بازىرىدىكى مەسچىتكە چۈشكەن . تەزكىردە بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ41 ياشتا ئىكەنلىكى يېزىلغان . بۇنىڭدىن ئۇنىڭ مىلادىيە 1445_1451_يىللار ئارسىدا قەشقەرگە قەدەم باسقانلىقى مەلۇم.

قۇتبۇللا دەسلەپكى مەزگللەردە مەسچىتتىن چىقماي تائەت _ ئىبادەت بىلەن مەشخۇل بولۇپ تەقۋادارلىق قىلغان . ئالىم _ ئۆلىمالار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ، كۆڭلىنى ئۇتقاندىن كىيىن ئاستا _ ئاستا سوپىزمنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان .بىر قىسىم كىشلەر ئۇنىڭغا قول بىرىپ مۇرىت بۇلۇشقان . قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 160 تىن ئارتۇق مۇخلىسنى ئەگەشتۈرۈپ ئىشانلىق پائاليىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، قەشقەردىكى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارىتقان . ئەينى دەۋىردىكى قەشقەر ئالىملىردىن ھەم جامائەت ئەربابلىرىدن نەجمىدىن قازى ، ئۇبۇل مۇپتى باقى قاتارلىقلار تۈرلۈك سۇرۇنلاردا نۇتۇق سۆزلەپ ، ئۇ كۈچەپ كۆككە كۆتۈرگەن سوپىزمغا قارشى تۇرغان .ھەتتا ھۆكۈمران دائىرلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق قەشقەر شەھىردىن قوغلاپ چىقىرىلغان .قۇتبۇللا خوجام 130 دىن ئارتۇق مۇخلىسى بىلەن شەھەردىن چىقىپ ، بەشكېرەم بەگلىكىنىڭ ئاۋات ئۆستىڭى بۇيىغا قىرق ئېغىزلىق خانقا سېلىپ ، 70 يىلدىن ئارتۇق ئىشانلىق قىلىپ ، مىلادىيە 1527_يىللىرى 120 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەم ئۆزى سالدۇرغان خانقا ئىچىگە دەپنە قىلىنغان .دېمەك قۇتبۇللا خوجام قەشقەردە مىلادىيە 1450_يىللىردىن 1527_يىللىرغىچە پائالىيەت ئېلىپ بارغان .

<< تارىخى رەشىدىي >> دىكى مەلۇماتلاردىن قارغاندا قۇتبۇللا خوجام قەشقەرگە كەلگەن ۋاقىتتا ئەمىرسەييىد ھۆكۈمرانىلىق قىىلۋاتقان بۇلۇپ ، ئۇ ھىجىريە 862_يىلى ( مىلادى 1457_1458_ يىللىرى ) ۋاپات بولغان . ئورنىغا چوڭ ئوغلى سانىز مىرزا ئولتۇرۇپ ، يەتتە يىل قەشقەردە ھاكىميەت تۇتۇپ ، ھىجىريە 869 _يىلى ( مىلادى 1464_1465_يىللىرى ) ۋاپات بولغان . ئورنغا ئىنسى مۇھەممەد ھەيدەر مىرزا ئولتۇرۇپ، يىگىرمە تۆت يىل قەشقەردە ھاكىميەت تۇتقان . ھىجىرىيە 885- يىلى (مىلادىيە 1480_1481_ يىللىرى ) مىرزا ئابابەكرى ھاكىميەتنى ئېگەللىۋالغان ھەم ئۇنىڭ ھاكىميىتى قەشقەردە 35 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان .ھىجىرىيە 920_يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ ئاخىرى ( مىلادىيە 1514_يىلى 11_ئاينىڭ 15_ كۈنلىرى ) قەشقەردىكى مىرزا ئابابەكرى ھاكىميىتى ئاخىرلىشىپ ، سۇلتان سەئىدخان قۇرغان سەئىديە خاندانلىقى دەۋىرى باشلانغان . ئۇنداقتا قۇتبۇللا خوجام راسىتنلا تەزكىردە يېزىلغىنى بۇيچە 120 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسا ، يۇقىردا قەيىت قىلىغىنىمىزدەك ئەمىر سەييىد ئەلى مىرزا ، مىرزا ئابابەكرى ۋە سۇلتان سەئىدىخان قاتارلىىق ھۆكۈمدارلار دەۋىردە ياشىغان بولىدۇ . ئەمما قەشقەرگە كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ەھەر ئىچىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان قۇتبۇللا خوجامنىڭ قانداق قىلىپ بۇ شەھەردىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر مەھەللىدە ، خۇددى تەزكىردە ئېيتىلغىندەك قىرىق ئېغىزلىق خانقا سېلىپ ئۇزۇن مەزگىل پائالىيەت ئېلىپ بارالىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىكتۇر.

بەزىلەر ئەينى دەۋىردىكى بىر قىسىم ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇتبۇللا خوجامنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاستىرىتتىن قوللىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ چەكلەنگەن سوپىستىك پائالىيەتلىرىنى يۇشۇرۇنچە داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولغانلىقىنى تېلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،قۇتبۇللا جوجام مازىرنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى ئانچە ئۇزاق بولمىغان يەردە ،يەنى تەخمىنەن 4000 مىېتىر كېلدىغان جايدا << قۇتبىدىن مازىرى >> دەپ ئاتىلدىغان يەنە بىر قەدىمى مازار بۇلۇپ ، ئەتراپتىكى مەھەللەر بۇ مازارنىڭ نامى بىلەن باغلىنىپ << قۇتبىدىن مازار >> دەپ ئاتالغان ھەم جانلىق تىلدا << قۇپپىدىن مازار >> دېگەن شەكىلدە ئۇمۇملىشىپ كەتكەن .قەدىمدىن بېرى بۇ كەنىتتىكلەر قۇتبىدىن مازىرىدا ياتقان كىشىنى يۇقىردا تېلغا ئېلىپ ئۆتكەن قۇتبۇللا جوجامنىڭ ئىنىسى دەپ قاراپ ئوخشاشلا ھۆرمەت بىلەن تېلغا ئېلىپ كەلگەن . شوڭا پائول پىللىئوت ئۆزىنىڭ 1906_ يىلى يازغان قەشقەردە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئارخىلوگىيە خاتىرلىرىدە قۇتبۇللا خوجام ھەققىدە توختىلىپ << بۇ قەشقەر رىۋايەتىلىرىدىكى مۇھىم شەخىس بۇلۇپ ، ئىنىسى قۇپپىدىن خوجام بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىندۇ >> دەپ ئالاھىدە ئىزاھلاپ ئۆتكەن .بۇنىڭدىن پائول پىللىئوتنىڭ يەرلىك كىشلەرنىڭ مەلۇماتىنى ئاساس قىلغانلىقىنى كۈرۋېلىش مۇمكىن .بىراق بۇ تەزكىرچى داموللا ئابدۇلۋاھىت يازغان تەزكىردىكى مەلۇماتلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ .چۈنكى ، ئۇنىڭدا قۇتبۇللانىڭ ئىنىسى بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق .تېخىمۇ تۇلۇق ھەم ئىشەنچىلىك ماتىرياللار بولمىغان ھازىرقىدەك ئەھۋالدا قۇتبۇللا خوجام بىلەن قۇتبىدىن خوجامنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق كېسىپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ . شۇنداقتىمۇ كېسىپ ئېىيتقىلى بولىدۇكى، چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قۇتبۇللا خوجام مازىرى سوپىزىمنىڭ يۇرتىمىزغا تارقىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگىدۇر .

مەنبەسى:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلى

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: شەخىسلەر
يېڭى تېمىلار