ئۇيغۇرلار تورىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى

ئۇيغۇرلار تورى، كەڭ تورداش دوستلارنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. تورىمىزدا ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ئالاقىسى بولغان ئەسەرلەردىن باشقا ھىچ بىر ئەسەر ئېلان قىلىنمايدىغان بولۇپ، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى، دىيارىمىزدىكى رەسمىي مەتبۇئاتلاردا نەشىر قىلىنغان ياكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان، ئىلمىي تەتقىقات تۈرىدىكى ئەسەرلەرنى ئاساس قىلماقتا.

تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەر، تەۋەلىك تۈرلىرى بويىچە، ئۇيغۇرتىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە شەخسلەر قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلىپ ئېلان قىلىنماقتا. بۇ سەۋەپتىن تورداشلار تورىمىزدىن مەلۇم بىر ئەسەرنى ئىزدەپ تاپماقچى بولسا، ئۇ ئەسەرنىڭ تەۋە بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان تۈرگە كىرگەندىن كېيىن ئىزدىسە، ئىزدەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. مەسىلەن، ” ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت چىقىرىلغان كىتابلارنىڭ تىزىملىكى” دېگەن ئەسەرنى “ئۇيغۇر تىلى” تۈرىدىن ئىزدىسىڭىز تاپالىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما “تارىخ” ياكى “دىيارىمىز” دېگەندەك تۈرلەردىن ئىزدىسىڭىز تاپالمايسىز.

ئۇيغۇرلار تورى ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش بولمىغان كۆركەملىك ۋە ئېكران چوڭ- كىچكلىكىگە مۇۋاپىق شەكىلدە لايىھىلەنگەن. تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىشتا قوللىنىدىغان ئۈسكۈنىڭىزگە قاراپ، تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن مۇۋاپىق بولغىنىنى تاللاپ زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ:

ئۇيغۇرلار تورىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرى

1) ئەگەر سىز تور بېتىمىزنى مىكروسوفت windows قاچىلانغان بىر كومپىيوتېر بىلەن زىيارەت قىلسىڭىز، Internet Explorer ياكى Firefox Mozilla بىلەن نورمال زىيارەت قىلالايسىز، ئەمما سىزگە تەۋسىيە قىلىدىغان تور كۆرگۈچ  Google Chrome تور كۆرگۈچىسى (بۇ تور كۆرگۈچنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرىۋالالايسىز). بۇ تور كۆرگۈچ بىلەن تور بېتىمىزنى ناھايىتى ئازادە ۋە تېز زىيارەت قىلغاننىڭ سىرتىدا، تور بېتىمىزنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارىدىن پايدىلىنالايسىز. مەسىلەن. بۇ تور كۆرگۈچ بىلەن تور بېتىمىزدىكى خالىغان ئەسەرلەرنى PDF شەكلىدە ساقلىۋالايسىز. ساقلاش ئۇسۇلى: مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىگە باسقاندىن كېيىن چىققان تىزىملىكتىن “بېسىپ چىقىرىش” بۇيرۇقىنى تاللاپ، پرىنتېر تاللايدىغان يەردىن، “PDF شەكلىدە ساقلاش” نى تاللاپ ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر قەغەزگە بېسىپ چىقارماقچى بولسىڭىز، ھەرقانداق بىر تور كۆرگۈچتىن ئوخشاشلا بېسىپ چىقىرالايسىز. ( بۇ خىل ئۇسۇلدا PDF كە ئايلاندۇرۇلغان ئەسەردىن بىر ئۆرنەكنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ، PDF ھۆججەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن كومپىيوتېرىڭىزدا چوقۇم Adobe Reader قاچىلانغان بولۇشى كېرەك.)

2) ئەگەر تور بېتىمىزنى Android قاچىلانغان تاختا كومپىيوتېر ۋە تېلىفۇن بىلەن، ياكى Apple ماركىلىق تېلىفون ياكى تاختا كومپىيوتېر بىلەن زىيارەت قىلسىڭىز، تاختىڭىزغا ياكى تېلىفونىڭزغا  Mozilla Firefox نى قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلەر ناھايىتى كۆركەم ۋە ئېنىق چىقىدۇ. تور بەتمۇ ناھايىتى رەتلىك كۆرىنىدۇ، ئەڭ مۇھىمى تور بېتىمىزدىكى ھەرقانداق ئەسەرنى تېلىفون ياكى تاختىڭىزدىنلا قولايلىق بىلەن ناھايىتى سۈپەتلىك PDF ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ ساقلىۋالالايسىز.

(1) تاختا كومپىيوتېردا  Mozilla Firefox بىلەن بىرەر ئەسەرنى PDF كە ئايلاندۇرماقچى بولسىڭىز رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قەدەملەر بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.

كومپىيوتېردا Firefox بىلەن PDF كە ئايلاندۇرۇش

تېلفۇندا FireFox بىلەن PDF كە ئايلاندۇرۇش

تېلفۇندا FireFox بىلەن PDF كە ئايلاندۇرۇش

(2) ئەگەر تور بېتىمىزنى تېلىفوندا Mozilla Firefox بىلەن زىيارەت قىلسىڭىز ۋە ئەسەرلەرنى PDF شەكلىدە ساقلىۋالماقچى بولسىڭىز، تېلىفونىڭزنىڭ تىزىملىك كۇنۇپكىسىغا باسسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىر تىزىملىك ئېكرانغا چىقىدۇ، داۋامىنى سىز رەسىمدە كۆرسىتىلگەن  قەدەملەر بويىچە تاماملىيالايسىز.

تېلفۇندا FireFox بىلەن PDF كە ئايلاندۇرۇش

تېلفۇن بىلەن PDF كە ئايلاندۇرۇش

تېلفۇن بىلەن PDF كە ئايلاندۇرۇش

( بۇ خىل ئۇسۇلدا PDF كە ئايلاندۇرۇلغان ئەسەردىن بىر ئۆرنەكنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭ، PDF ھۆججەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تاختا ۋە تېلىفونىڭزدا چوقۇم Adobe Reader قاچىلانغان بولۇشى كېرەك.)

ئەسكەرتىش:   چوڭ كېچىكلىكى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، ئەگەر PDF شەكلىدىكى ھۆججەتنى تېلىفون ياكى تاختا كومپىيوتېردا ئوقۇش ئۈچۈن ساقلىماقچى بولسىڭىز،  چوقۇم تېلىفون ياكى تاختا كومپىيوتېرىڭىزنى ئىشلىتىپ ساقلاڭ، كومپىيوتېردا ئوقۇش ئۈچۈن كومپىيوتېرىڭىزنىڭ ئۆزىدە PDF كە ئايلاندۇرڭ.

ئۇيغۇرلار تورى

www.UyghurMail.Com

خەتكۈچلەر:
تەۋەلىك: ئۇنۋېرسال تېمىلار